تارىختىكى ئەڭ قالتىس 10 چوڭ ئىگىلىك تىكلەش پىرىنسىپى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-14 11:10:06

1.باشقا شىركەتلەرگە بېرىپ ئۈگۈنۈش ئەگەر پۇرسەت بولسا چوڭ-كىچىك شىركەلەرگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تۇلۇق، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش كېرەك. بۇ سىزنىڭ ئىگىلىك تىك...



     

    1.باشقا شىركەتلەرگە بېرىپ ئۈگۈنۈش

      ئەگەر پۇرسەت بولسا چوڭ-كىچىك شىركەلەرگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تۇلۇق، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش كېرەك. بۇ سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

    2.قۇلىدىن ئىش كېلىدىغان قابىلىيەتلىك خىزمەتچىلەرنى ئىشلىىتىش كېرەك

      بەزى خوجايىنلار بەك ئەقىللىق خىزمەتچى ئىشلىىشتىن قورقىدۇ، بىراق نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە قۇلىدىن ئىش كىلىدىغان، ئەقىللىق خىزمەتچى، كەسىونى راۋاجلاندۇرۇشتا پايدىسى بار بۇلۇپلا قالماستىن، ئۆزىمۇ شۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ نەتىنجىسىئۆزىمىزدىن ئەقىللىق خىزمەتچى ئىشلەتكەنلىگىمىزدە دەپ قارايدۇ.

    3. دائىم ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى مول كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش

      پەقەت قارشى تەرەپتە سىزدە كەمچىل بولغان ئەمەلىي تەجرىبىلا بولسىلا چارشى تەرەپنى ئاكىتپلىق بىلەن تاماققا  تەكىلپ قىلىڭ، كۆپرەك مۇشۇنداق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە تەسەۋۋۇرىنى ئىگىكىيەلەيسىز.

    4. كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئەسۋاپلىرى ئارقىلىق باشقۇرۇش سەنئىتىڭىزنى مۇكەممللەشتۈرۈڭ

       تېلۋىزوردىكى باشقۇرۇش سەنئىتىگە ئائىت نۇمۇرلار ، ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنغان تىجارەت باشقۇرۇش سەنئىتىگە دەرىسلىكلەرنى ، ئارام ئالغاندا ۋە ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتلاردا ئاڭلاپ بەرسىڭىز، چۇقۇم پايدىسى بولىدۇ. 

    5. خاتالىقنى سىناپ بېقىشئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش

      سىز ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ باشقۇرۇش سەنئىتىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇلار چوقۇم سىزگەمەغلۇبىيەت ئىچىدىن تەجرىبە توپلىدۇق دەپ جاۋاپ بىرىدۇ، تەجرىبىنىڭ ئاز-كۆپلىگى ئلۋەتتە مۇھىم، بىراق ئۆزىڭىز ئىگەنلەپ تۇرغان تىجارەت ئۇسۇلى ھەممىدىن قىممەتلىك، ھەممىدىن ئەمەلىي.

    6. خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىرگە تاماق يەڭ

      كىچىك كارخانىلارغا نېسبەتەن خوجايىن ۋە خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماقنى بىللە يېسە، يېڭىلىق يارىتىشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئۆز-ئارا ئۆگىنىش ئالاقىسىنى كۈچەيىتكىلى بولىدۇ.

    7. ئۇچۇر كېلىش مەنبەسىنى كېڭەيتىش

      كىتاپ-ژۇرناللارنى كۆپ ئوقۇش، سودا ئالاقىسى ۋە مۇناسىۋەتكە دائېر ژۇرناللارنى كۆپلەپ كۆرۈش كېرەك.

    8. مال تەمىنلەش شىركەتلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسەتلىرىنى قوللىنىش

      مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بۇ ساھەدىكى كەسىپلەر بىلەن پىششىق بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سىزگە پايدىسى بولغان ئالاھىدە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.

    9.خېرىدارلارنىڭ ماختاش ۋە تەنقىدلىرىنى تۇلۇق، ئەستايىدىل ئاڭلاش

      خېرىدارلارنىڭ ئىچكى ئاۋازلىرىدىن ، ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كۆرىۋالالايسىز، ئەگەر سىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى ئاڭلىسىڭىز داۋاملىق ساقلاپ قالسىڭىز بولىدۇ.

    10. ئۆزلۈكسىز ئۆزىڭىزدىن مەسىلە ئىزدەڭ

      پەقەت سىز مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سىزنىڭ مەسىلىڭىزنى خوشاللىق بىلەن ھەل قىلىدۇ، سىزنىڭ مەسلىڭىز باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارقانغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ مەسىلىسىمۇ سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتسۇن. ئەگەر سىز تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز، سىزدىن قۇربان بېرىدىغىنىمۇ كۆپ بۇلىشى كېرەك.

     

    مەنبە:ئېقىن ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر - _