ياشلار ئۈچۈن 101ھېكىمەت
بىر كېمە سەپەرگە چىقىپتۇ، كېمىگە بىر چاشقان يوشۇرۇنۇۋالغانىكەن. ئۇ كېمىچىنىڭ ئاشلىقىنى ئوغۇرلاپ يەپ، كىيىملىرىنى پارە ـ پارە قىلىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن كېمىچى ئۇنى تۇتۇپ، دېڭىزغا تاشلىۋتمەكچى بوپتۇ . چاشقانمۇ ئۆزىچە كاللىسىنى ئىشلىتىپ، كېمىنىڭ ئاستىغا بىر تۆشۈك ئېچىپتۇ ھەمدە كېمىچىنىڭ ئاشلىقىنى ئاشۇ تۆشۇككە توشۇپ ئەكىرىۋېلىپ، خاتىرجەم يىمەكچى بوپتۇ. نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ يۈرۈش ھاجەتسىز. ئۇ چاشقان كېمىنىڭ ئاستىغا تۈشۈك ئاچسا، كېمىنىڭلا ئەمەس. ئۆزىنىڭمۇ ھالاك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەن. ساڭا دېمەكچى بولغانىم شۇكى، مەيلى قانداق چاغدا بولسۇن، ھەرگىز باشقىلارغا ئورا كولىما. باشقىلارغا ئورا كولىغىنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۆزۈڭگە ئورا كولىغىنىڭدۇر. باشقىلارغا ئورە كولاۋاتقان چېغىڭدا، سەن روھى ئازاپقا دۇچار بولىسەن ، ئۆز مەنپەئىتىڭنىمۇ زىيانغا ئۇچىرتىسەن. شۇنچە يىللاردىن بېرى، مەن باشقىلارغا ئورا كولىغان ئادەمنىڭ بەخىتلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم، سەنمۇ مەڭگۇ كۆرەلمەيسەن.....
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
ئەل قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىۋېشى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈ
2011-05-18ب د ت: ئەتكەسچىلىك گوروھلىرى ئەرەب باھارىنى سۇيىئىستىمال قىلماقتا
2011-06-27قانداق قىلغاندا فىزىكا ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ
2008-09-11