بىر يىلدىكى ئوتتۇز كۈنلۈك روزىنىڭ خاسىيىتى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 11:37:38

بىر يىلدىكى ئوتتۇز كۈنلۈك روزىنىڭ خاسىيىتىروزا تۇتقان بىرىنچى كۈنى: ئۇ كىشى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلىنىدۇ، خۇددى ئانىدىن تۇغۇلغاندىكى ھالىتىدەك بولىدۇ.روزا تۇتقان ئىككىنچى كۈنى: ياراتقان ئى...



     

    بىر يىلدىكى ئوتتۇز كۈنلۈك روزىنىڭ خاسىيىتى

    روزا تۇتقان بىرىنچى كۈنى: ئۇ كىشى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلىنىدۇ، خۇددى ئانىدىن تۇغۇلغاندىكى ھالىتىدەك بولىدۇ.

    روزا تۇتقان ئىككىنچى كۈنى: ياراتقان ئىگىسى ۋە بارلىق پەرىشتىلەر شۇ كىشىدىن خۇرسەن بولىدۇ.

    روزا تۇتقان ئۈچىنچى كۈنى: مەغرۇبتىن-مەشرۇققىچە بولغان بارلىق ئاۋلىيا-ئەنبىيالار شۇ كىشىدىن خۇرسەن بولىدۇ.

    روزا تۇتقان تۆتىنچى كۈنى: كۈندۈزى-ئاخشىمى قۇياش بىلەن ئاي ئۇ كىشىگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ.

    روزا تۇتقان بەشىنچى كۈنى: قەبرە مەدھىيە ئوقۇيدۇ.

    روزا تۇتقان ئالتىنچى كۈنى: پۈتۈن كائىناتتىكى دېڭىز-دەريالار، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار، ئۆي-ئىمارەتلەر شۇ كىشىگە دۇئا قىلىدۇ.

    روزا تۇتقان يەتتىنچى كۈنى: ئاللاھ پەرىشتىلىرى شۇ كىشى ئۈچۈن يەتتە قەۋەت دوزاخنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاشقا بۇيرۇيدۇ.

    روزا تۇتقان سەككىزىنچى كۈنى: ئاللاھ شۇ كىشى ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى  سەككىز جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشقا بۇيرۇيدۇ.

    روزا تۇتقان توققۇزىنچى كۈنى: خۇددى بىر ئالتۇن تاغ بىلەن بىر كۈمۈش تاغنى سەدىقە بەرگىنىدەك ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

    روزا تۇتقان ئونىنچى كۈنى: ئاللاھ شۇ كىشىنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى بارلىق تىلەكلىرى ئىچىدىن ئون تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ.

    روزا تۇتقان ئون بىرىنچى كۈنى: ئاللاھ ئون مۆئمىن كىشىنىڭ ساۋابىنى شۇ كىشىگە بېرىدۇ.

    روزا تۇتقان ئون ئىككىنچى كۈنى: ئاللاھ شۇ كىشىنىڭ جەننەتتىكى ئورنىنى تەييار قىلىپ قويىدۇ.

    روزا تۇتقان ئون ئۈچىنچى كۈنى: ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە شۇنداق دەيدۇ، سىلەر گۇۋاھ بولۇڭلاركى مەن بۇ بەندەمنىڭ بۇرۇن قىلغان، بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان، ئاشكارا قىلغان ھەم يوشۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتتۈم.

    روزا تۇتقان ئون تۆتىنچى كۈنى: ئاسمان-زېمىنلار شۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى تىلەيدۇ.

    روزا تۇتقان ئون بەشىنچى كۈنى: ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئاسان ئۆلۈم بېرىدۇ. تېنىنى جېنىدىن ئاسان ئالىدۇ.

    روزا تۇتقان ئون ئالتىنچى كۈنى: ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى جەننەتنىڭ بىر بېغىدەك كەڭرى گۈزەل بولىدۇ، قەبرە ئازابى بولمايدۇ، خۇددى بىر ئۇخلاپ تۇرغاندەكلا بولىدۇ.

    روزا تۇتقان ئون يەتتىنچى كۈنى: قەبرىدىكى سوراق ئاسان بولىدۇ، مۇنكىر-نىكىرلەر ئۇ كىشىگە ھىممەت كۆرسىتىدۇ.

    روزا تۇتقان ئون سەككىزىنچى كۈنى: ئاللاھ ئۇ كىشىنى قەبرىدە تىرىلدۈرىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ كىشىنىڭ ھۆسنى ئون تۆت كۈنلۈك ئايدەك بولىدۇ.

    روزا تۇتقان ئون توققۇزىنچى كۈنى: ئۇ كىشى ھەقىقەتەنمۇ 19 مالىك –پەرىشتىلەرنىڭ قورقۇتۇشىدىن قۇتۇلغۇچىدۇر، بۇ 19 پەرىشتىنىڭ ئىچىدىكى 10 پەرىشتە دوزاخ پارىشتىلىرىدۇر.

    روزا تۇتقان يىگىرمىنچى كۈنى: ئۇ كىشىنىڭ روھىي كەچۈرۈم ۋە مەدھىيەلەر ئىچىدە ئەرشكە ئۆرلەيدۇ.

    روزا تۇتقان يىگىرمە بىرىنچى كۈنى: ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ نام-ئەمەلىنى ئوڭ قولىغا بېرىشنى بۇيرۇيدۇ.

    روزا تۇتقان يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى: ئۇ كىشىنىڭ ساۋابلىرى تارازىدا ئېغىر كېلىدۇ.

    روزا تۇتقان يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى: ئاللاھ ئىگەم ئۇ كىشىنىڭ ھېساب-كىتابىنى تولىمۇ ئاسان قىلىپ بېرىدۇ.

    روزا تۇتقان يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى: ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ دوزاختىن 24 ئەر مۇسۇلماننى قۇتۇلدۇرىۋېلىشىغا ۋەدە بېرىدۇ.

    روزا تۇتقان يىگىرمە بەشىنچى كۈنى: قىيامەتتىكى سوراقتا ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تۇرغۇزىدۇ.

    روزا تۇتقان يىگىرمە ئالتىنچى كۈنى: ئۇ كىشى پىلسىرات كۆۋرۈگىدىن خۇددى چاقماقتەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.

    روزا تۇتقان يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى: جەننەت پەرىشتىلىرى ئۇ كىشىنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ كېتىدۇ.

    روزا تۇتقان يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنى: ئۇ كىشى جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىگىدىن خالىغانچە كىرىپ-چىقالايدۇ.

    روزا تۇتقان يىگىرمە توققۇزىنچى كۈنى: ئۇ كىشى جەننەتتە مۇھەممەت سەللەلاھى ئەلەيھى ۋەسسەللام ۋە ئۇنىڭ چاھارىيالىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قوپىدۇ.

    روزا تۇتقان ئوتتۇزىنچى كۈنى: بۇ كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، شېھىتلار، راست سۆزلىگۈچىلەر بىلەن بىللە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر روزا خاسىيەت _