ئەر خوتۇنلارنىڭ مۇئامىلىسى ساغلاملىققا زىيان سالىدۇ

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-29 16:30:24

«ئەگەر ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرى جورىسىنى قوللىسا، بۇ خەۋپ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، بۇ تەسىر جىنىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن.

     
    ئەر خوتۇنلارنىڭ مۇئامىلىسى ساغلاملىققا زىيان سالىدۇ

    ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى غەش بولىدىغانلىقى ئاددىي ساۋات. بىراق ئامېرىكىلىق پىسخولوگلار 63 ياشلار چامىسىدىكى 136 ئە-خوتۇننى نىكاھ سۈپىتى ۋە ئۆز-ئارا قوللاش نۇقتىسىدىن تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ھەرقانداق ئادەم جورىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە، ئۇ ئادەمدە تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ كالتسىيلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
    پىسخولوگلار مۇنداق دېيىشتى: «ئەگەر ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرى جورىسىنى قوللىسا، بۇ خەۋپ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، بۇ تەسىر جىنىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن. بۇ، بۇ تەسىرنىڭ ئەر-خوتۇنغىلا خاسلىقىنى دەلىللىسە كېرەك. ناۋادا ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى قوللىمىسا، ئۇنداقتا بىللە ياشىمىغىنى ياخشى، بولمىسا بۇ خىل بىللە ياشاش بېسىمغا ئايلىنىپ، يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋىپىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ»
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەر خوتۇن مۇئامىلە