ھازىرقى زامان ئادەملىرى قانداق كېلىپ چىققان

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-19 17:48:00

ھازىرقى زامان ئادەملىرى قانداق كېلىپ چىققان ئاتىزىمچىلارنىڭ قارىشىدا ، ئۆرە مېڭىش ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بەلگە ھېسابلىنىدۇ، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىققان ۋاقتىنى بەزىلەر بۇنىڭدىن...

     ھازىرقى زامان ئادەملىرى قانداق كېلىپ چىققان

     ئاتىزىمچىلارنىڭ قارىشىدا ، ئۆرە مېڭىش ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بەلگە ھېسابلىنىدۇ، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىققان ۋاقتىنى بەزىلەر بۇنىڭدىن 5 مىليۇن يىلدىن 7 مىليۇن يىل بۇرۇن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى، گەرچە بۇ يەكۈن توغرىسىدا نۆۋەتتە تالاش - تارتىش بولسىمۇ، بىراق  ئىنسانلارنىڭ ياشاۋاتقىنىغا كەم دېگەندىمۇ تەخمىنەن 4 مىليۇن يىل بولغانلىقىدا شەك يوق . 20- ئەسىردىن بۇيان ئارخېئولۇگلار ۋە پالېئانتروپولوگىيە ئالىملىرى دۇنيادىكى ئافرىقا ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا قاتارلىق قىتئەلەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى ياكى قەدىمكى ئىنسانلار ئىشلەتكەن قوراللارنىڭ قالدۇقلىرىنى تاپتى. مەسىلەن 1965- يىلى جوڭگۇنىڭ يۈەنمۇ دېگەن يېرىدە بايقالغان 1 مىليۇن 700 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى ؛ 1974- يىلى ئېفوپىيىنىڭ خادار جىلغىسىدىن بايقالغان جەنۇب قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنى « لۇسى » نىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىنىڭ يىل دەۋرى كەم دېگەندىمۇ بۇنىڭدىن 3 مىليون يىلدىن كۆپرەك بۇرۇن دەپ بېكىتلدى ۋە باشقىلار. بۇ دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بىر قانچە مەنبەنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تەدىرىجى تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا بولغان ، تەخمىنەن نەچچە مىليون يىل تەدرىجى تەرەققى قىلىش ئارقىلىق ، تەخمىنەن بۇنىڭدىن 200 مىڭ يىل ئىلگىرى ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققى قىلىپ ئىدراكلىق ئادەملەر باسقۇچىغا قەدەم قويغان ، تەخمىنەن 100 مىڭ يىل ئىلگىرى ئىنسانلار تەدىرىجىي تەرەققي قىلىپ كېينكى ئىدراكلىق ئادەملەر باسقۇچىغا كىرگەن ، ھازىرقى زامان ئادەملىرى كېيىنكى ئىدراكلىق ئادەملەرگە مەنسۇپ. ناھايتى روشەنكى، بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان تەدىرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەدىرىجىي تەرەققي قىلىپ كېيىنكى ئىدراكلىق ئادەملەرگە ، يەنى ھازىرقى زامان ئادەملىرىگە ئايلىنالىغان ئەمەس.

     ئۇنداقتا، ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان ھازىرقى زامان ئادەملىرى قانداق كېلىپ چىققان ؟ ھەممىسى ئوخشاش بىر جايدىن كېلىپ چىققانمۇ ياكى ھەر قايسى جايدىكى قەدىمكى ئىنسانلاردىن تەدىرىجىي تەرەققي قىلىپ شەكىللەنگەنمۇ ؟ ۋە ياكى باشقا سەۋەبلىرى بارمۇ ؟ بۇ ئانتروپولوگلار ئۇزاقتىن بۇيان تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە . ھازىر نۇرغۇن كىشلەر دۇنيادىكى بارلىق ھازىرقى زامان كىشلىرى ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى بىر ئەر كىشىدىن كەلگەن، تەخمىنەن 200 مىڭ يىللار ئىلگىرى تەبىئەت، ئېكولوگىيە جەھەتتىكى غايەت زور ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن شەرقي ئافرىقىنىڭ كېنىيە ئەتراپىدىكى نېگىر پىگمىلار ئافرىقىدىن كۆچۈشكە باشلىغان، تەخمىنەن 100 مىڭ يىل ئىلگىرى ئۇلار ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق ئەتراپلىرىغا يېىتپ كەلگەن، كېيىن ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان ، تەخمىنەن 60 مىڭ يىل ئىلگىرى ئۇلار بۈگۈنكى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئاۋسترالىيگە يېتىپ كېلىپ ، تەدرىجىي ھالدا  پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ئورتاق ئەجدادىغا ئايلانغان ، دەپ قارايدۇ .

    1999- يىلى ، ئامېرىكا تېكساس ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئىنسان گېنتېكىسى مەركىزىدىكى ئالىملار بىلەن جوڭگۇ ئالىملىرى بىرلىكتە ماقالە يېزىپ، ئومۇميۈزلۈك قوللىنلىدىغان گېن تەتقىقاتى ئارقىلىق جوڭگۇدىكى ئىدراكلىق ئادەملەر، يەنى ئاسىيادىكى سېرىق تەنلىكلەرنىڭ ئەجدادىنىڭمۇ ئافرىقىدىن كەلگەن نېگىرلار ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 40 مىڭ يىلدىن 60 مىڭ يىل ئىلگىرىكى چاغلاردا، ئافرىقىدىكى ھازىرقى زامان ئادەملىرى جوڭگۇنىڭ جەنۇبىغا كېلىپ تەدىرىجىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتىلىدى. بىراق، يەنە بەزى ئالىملار بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى ئافرىقىدىن كەلگەن دېگەن قاراشقا قارشى تۇرىدۇ. مەسىلەن ، بەزى جوڭگۇلۇق ئالىملار جوڭگۇدىكى دەسلەپكى ئىدراكلىق ئادەملەر جوڭگۇدىكى ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ، ئۇلار جوڭگۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بايقالغان قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى ۋەكىللىكىدىكى ئۆرە ماڭىدىغان ئادەملەردىن تارتىپ جوڭگۇنىڭ ھازىرقى زامان ئادەملىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈزۈكچىلىك يوقلۇقىنى ، پەقەت ئاز ساندىكى شالغۇتلىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ، دەپ قارايدۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق