ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخ

يوللىغۇچى : yaxlek يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-20 14:29:00

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسىنىڭ ھەقسىز كۈتۈپخانا قۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇختۇرۇش. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىق...

                    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسىنىڭ ھەقسىز  كۈتۈپخانا قۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇختۇرۇش.

                  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ،(ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا كىڭەيتىلگەن مەڭگۈتاش كۈتۈپخانىسى قۇرۇش ) پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىپ ،چەت- نامرات يېزا -قىشلاقلاردىكى دېھقان چارۋۇچىلارنىڭ كىتاپ كۆرۇش،پەن -تېخنىكا بىلىملىرىدىن ۋاختىدا خەۋەرداش بولۇش ،مەدەنىيەت ،تېخنىكا بېلىملىرىنى ئىگىلەپ ،بىلىم ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ئومۇمى يۈزلۈك ھاللىق جەمىئەت قۇرۇش نىشانىغا يىتىشنى مەخسەت قىلغان ( ساخاۋەتلىك ھەقسىز كۆرۈش كۈتۈپخانىسى)نى قۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلدى.كۈتۈپخا قۇرلىشىغا يىتەرلىك كىتاپ -ژورناللارنى مەڭگۈتاش كۈتۈپخانىسى تەمىنلەيدۇ .كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىلار شۇناھىيە-شەھەر ،يېزا-بازاردىكى قابىلىيىتىگە ئىگە ،يېڭىلىق يارتىش روھىغا باي ،ئىلىم -پەننى سۆيىدىغان ،سوتسىيالىستىك قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلدىغان ،تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە 25ياشتىن 40ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىلىدۇ. جىنسىي ئايرىمىسى چەكلەنمەيدۇ.
    بىرىنجى قەدەمدە مەڭگۈتاش تىكلىندىغان ناھىيە-شەھەرلەر تۆۋەندىكىچە :
        قۇمۇل شەھىرى ، تۇرپان،كۈنەس ، ئالتاي ، بۆرتالا ، پىچان ، توخسۇن ، بۈگۇر ، ئاقسۇ ، كۇچار ، شايار ، ئۈچتۇرپان ، قەشقەر ، مارالبېشى ، مەكىت ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام،خوتەن ،قاراماي.
    باشقۇرغۇچىلار شۇ ناھىيىدە نوپۇسى بولىشى ،بەلگىلىك ئىقتىسادى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى لازىم.
    تىزىملىتىش ئورنى :ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى 96-نومۇر .قوشۇمچە 414-نومۇر (مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى ) .  
        ئالاقىلاشقۇچى :ئۆمەرجان داۋۇت ۋەسىل . ئالاقە تېلفۇن نومۇرى   8539115-0991  
        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى، كۈتۈپخانا كىڭەيتىش  قۇرۇلۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق