تاماق ئەتكەندە تۈۋەندىكى يەتتە ئىشتىن ساقلىنىڭ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 21:01:16

تاماق ئەتكەندە تۆۋەندىكى يەتتەئىشتىن ساقلىنىڭ1 . پىدىگەن يىگەندە شۆپىكىنى ئاقلىۋەتمەڭ.ۋىتامىن " ب "ئىنتايىن پايدىلىق بولغان بىر خىل ماددا.دۆلىتىمىزدىكى كۆكتاتلار ئىچىدە پىدىگەندە،بولۇپمۇ ئۇن...

                تاماق ئەتكەندە تۆۋەندىكى يەتتە  ئىشتىن ساقلىنىڭ  

     

    1 . پىدىگەن يىگەندە شۆپىكىنى ئاقلىۋەتمەڭ.ۋىتامىن  " ب "ئىنتايىن پايدىلىق بولغان بىر خىل ماددا.دۆلىتىمىزدىكى كۆكتاتلار ئىچىدە پىدىگەندە،بولۇپمۇ ئۇنىڭ سۆسۈن رەڭلىك شۆپىكىدە ۋىتامىن  "ب" كۆپ.شۇڭا پىدىگەن يىگەندە شۆپىكىنى ئاقلىۋەتمەسلىك كېرەك.
     2 . قايناۋاتقان شورپىغا سوغوق سۇ قۇيماڭ.گۆش بىلەن سۆڭەكتە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە ماي بولۇپ،قايناۋاتقاندا سۇ قۇيۋەتسە ،شورپىنىڭ تېمپىراتورىسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ،ئاقسىل ۋە مايلار قېتىۋالىدۇ-دە  گۆش بىلەن سۆڭەكنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇق قىسقىراپ ئاسان يېپىشمايدۇ.ئەسلىدىكى  مەززىلىك تەمىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
     3 . توڭلىتىلغان گۆشنى يۇقىرى تېمپىراتورىدا ئېرىتمەڭ.توڭلىتىلغان گۆشنى ئۇچاق يېنىدا قويۇپ ياكى قايناقسۇغا سېلىپ  ئېرىتىشكە بولمايدۇ.چۈنكى گۆش قۇرۇلمىسى ئارىسىدىكى سۇ تەركىبى دەرھال ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئېقىپ چىقىدىغانلىقتىن گۆش ئەسلىدىكى سۈپىتىگە قايتالمايدۇ.يۇقىرى تېمپىراتورىلىق شارائىتتا،توڭلىتىلغان گۆشنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت قاتتىق پەردە پەيدا بولۇپ قالىدۇ-دە گۆشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېمپىراتورىنىڭ تارقىلىشىغا تەسەر كۆرسىتىپ،باكتىريىلەرگە كۆپىيىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن گۆش ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ،توڭلىتىلغان گۆش ئەڭ ياخشىسى ئادەتتىكى تېمپىراتورىدا تەبىئى ئېرىشى كېرەك.
     4 . سەي  قورۇغاندا ئاچچىقسۇ قۇيماڭ.كۆكتاتلاردىكى خىلروفىل ئەگەر كىسلاتالىق شارائىتتا قىزىتىلسا مالىكولىلار ئارىسىدىكى ماگنىي ئىئىونلىرىنىڭ ئورنىنى كىسلاتا تەركىبىدىكى ئوكسىگېن ئىئونلىرى ئىگىلەپ،كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى زور دەرىجىدە تۈۋەنلىتىۋېتىدۇ.
     5 . تەركىبىدە كىسلاتا،ئىشقار بولغان يىمەكلىكلەرگە تېتىتقۇ سالماڭ.تەركىبىدە كىسلاتا بولغان يىمەكلىكلەرگە تېتىتقۇ سېلىپ قىزىتقاندا ،كېسلاتا ئامىنو كىسلاتاسىغا ئۆزگۈرۈپ كىتىدۇ،بۇنداق بولغاندا كىسلاتالىق تەم ئاجىزلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،ئەكسىنچە ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزۈدۇ.تېتىتقۇنى ئىشقارلىق يىمەكلىكلەرگە سالغاندا ،تەمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغاچقا ،يىمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك تەمى يوقاپ كىتىدۇ.
     6 . تۇخۇمنى سۇدا بەك ئۇزۇن پۇشۇرماڭ. تۇخۇمنى سۇدا بەك ئۇزۇن پۇشۇرۋەتسە تۇخۇم سېرىقىنىڭ رەڭگى قارامتۇل يېشىل رەڭگە كىرىپ قالىدۇ.بۇ تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى تۈمۈر ئىئونلىرى بىلەن تۇخۇم تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت ئىئونلىرى رىئاكسىيەلىشىپ،تۆمۈر سولفات كېسلاتاسى ھاسىل بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.بۇ ماددىنى ئادەم بەدىنى ئاسان قۇبۇل قىلالمايلا قالماستىن تۇخۇمىنڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
    7 . ئاليومىن ،تۆمۈردىن ياسالغان قازان-قۇمۇشلارنى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەڭ.ئاليومىندىن ياسالغان بۇيۇملار تۈمۈردىن ياسالغان بۇيۇمدىن يۇمشاق بولدۇ.مەسىلەن :سەي قورۇيدىغان قازان تۆمۈردىن،ساپلىق ئاليومىندىن ياسالغان بولسا يۇمشاق ئاليومىندىن ياسالغان ساپلىق ناھايىتى ئاسانلا  ئۇپراپ،سەيگە ئارلىشىپ كىتىدۇ .ئاليومىننى ھەددىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىش زىيانلىق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.