"ئىككىنچى ستېۋ جوبس "مۇ يا "كىچىك ئنىشتىيىن" مۇ؟

يوللىغۇچى : adambol يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-13 21:39:56

ئاق ساراي بىر قانچە كۇن بۇرۇن دۆلەت ئىچىدىكى بىر قانچە ئەڭ ئەقىللىق بالىلارنى ئۇلارنىڭ كەشپىياتىلىرىنى نامايەن قىلىشقا تەكلىپ قىلغان بولوپ،ئادەتتە ئەڭ يىڭى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ۋە د...

     



     

    ئاق ساراي بىر قانچە كۇن بۇرۇن دۆلەت ئىچىدىكى بىر قانچە ئەڭ ئەقىللىق بالىلارنى ئۇلارنىڭ كەشپىياتىلىرىنى نامايەن قىلىشقا تەكلىپ قىلغان بولوپ،

    ئادەتتە ئەڭ يىڭى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ۋە دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزۇلىدىغان ئاق ساراينىڭ شەرقى زالى ئېلمىي كۆرگەزمىخانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.ئامېركا رادىئو شىركىتىنىڭ ئاق سارايدىكى ئالىي مۇخبىرى جاكى تاپپېر بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلدى ۋە شۇنداقلا بۇ بالا تالانىت ئىگىلىرىنىڭ قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلىدى.بۇلارنىڭ ئارىسىدىن كەلگۇسىدە  ستېۋ جوبس ياكى ئنىشتىيىندەك ئادەملەر يىتىشىپ چىقىشى مۇمكىن.

    14 يىشىدىلا يادرو يېغىلىش رېئاكسىيە قازىنى لايىھلەپ چققان تاكې تەيلور ۋىلسون ھازىر 17 ياش بولوپ ،ئۇ تىرورلۇققا قارشى كۆرەشتە ناھايتى ياخشى ياردەمچى بولالايدىغان " ئۇران235، يىمىرىلگۇچى پلوتۇنىي ۋە يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئۇران"نىڭ رازۋىتچىك قۇرالنى لايىھلەپ چىققان بولۇپ ئۇنىڭ خام ئەشياسى بولسا بىز دائىم ئىشلىتىدىغان سۇ ئىكەن.

    14 ياشلىق بەنجامىن خىلوك ئوزئارا ئىنكاسلىشالايدىغان ماشىنا ئادەم لايىھلەپ چىققان بولوپ ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن چوڭ ئاپىسى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن ۋە شۇنداقلائۇ ئۇنىڭ دورىغىنى تىپىپ  كىلىپ ئىستاكانغا چاي قۇيۇپ بىرەلەيدىكەن.نىمىدىگەن ھەيران قالارلىق ھە!!!

    سىز "ئىھتىياج بولسا كەشپىياتنىڭ ئانىسى" دىگەن ماقال-تەمسىلنى بىلىدىغانسىز؟ 12 ياشلىق ماكېسې ۋېسلي ۋە 11 ياشلىق ئىسىس توپسون ئۆتكەن يىلى ئىتالىيە قوغۇندىكى جان ئالغۇچى باكتىرىيە ۋەقەسىنى ئاڭلاپ مىۋە-چىۋە ۋە سەي-كۆكتاتلارنى ئىلىپ يۇرۇشكە قولايلىق ئۇلتىرا بىنەپشە نوردا دېزىنفىكسىيە قىلغۇچى يۇقىرى تېخنىكىلىق تاماق قۇتىسىنى لايىھلەپ چىققان.

    بۇ بالىلارغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيدىغان بولوپ ئاق ساراي مۇخبىرلىرىنىمۇ قاتتىىق چۆچۈتىۋەتكەن .

    ئەسلى تور ئادىېرسى:

    http://news.yahoo.com/blogs/power-players-abc-news/next-steve-jobs-mini-albert-einstein-123526868.html

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.