ئاتۇشتىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا

يوللىغۇچى : مەڭگۈتاش يوللىغان ۋاقىت : 2007-10-30 18:08:00

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا خوش خەۋەر ھازىرقى زامان ئېلىم - پېنىنىڭ يۇقۇرى جەۋھىرى بولغان كومپيۇتېرنى ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرى...

    كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا خوش خەۋەر

     

    ھازىرقى زامان ئېلىم - پېنىنىڭ يۇقۇرى جەۋھىرى بولغان كومپيۇتېرنى ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرىگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، كەڭ كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان ھەر خىل قېيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كومپيۇتېرنى بىخەتەر ئىشلىتىش، ئۆگۈنىشى، نورمال خىزمەت قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە مەركىزىمىزدە قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كومپيۇتېردا تەربىيلەشنى ئېلىپ بارىمىز.

     

    تەربىيلەش مەزمۇنلىرى:

     

    كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسى بىلىملىرى، كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرى ئاساسى بىلىملىرى، CMOS پارامېتىرلىنى تەڭشەش بىلىملىرى، سىستېما قاچىلاش ۋە تەڭشەش، قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ھەر خىل كاشىلا نوقسانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلىي بىلىملىرى، ماسلاشما كومپيۇتېرلارنى مەخسۇس قۇراشتۇرۇش، داڭلىق ئىشىخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىدىن بىرىى بولغان offise نى ئىشلىتىش، داڭلىق بولغان سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىدىن بىرى بولغان Photoshop نى ئىشلىتىش، فىىم ئىشلەش يۇمشاق دېتاللىرىدىن بىرى بولغان Premiere نى ئىشلىتىش، تور بەت تۈزۈشتە دائىم ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللاردىن Dreamweaver Mx نى ئىشلىتىش، ھەرىكەتلىك سۈرەت، كارتون لايىھەلەش يۇمشاق دېتاللىرىدىن Flash Mxنى ئىشلىتىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇنتىزىم، سىستېمىلىق تەربىيلەش ئىلىپ بېرىلىدۇ.
    ئۇندىن باشقا، كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن، تەربىيلەش مەزمۇنىنى قايتىدىن تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرساق بولىدۇ.

    ئورنى: ئاتۇش شەھەرلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە

    ئالاقىلاشقۇچى: شۆھرەت غالىپ QQ:149831949 TEL:13899489828

    بەختىيار يۈسۈپ QQ:610061919 TEL:13209086638
    تېزىملاش ۋاقتى: ھەر ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 5- كۈنىگىچە بولىدۇ.

    (ئەسكەرتىش: مەركىزىمىدە 60 دانە يۇقۇرى سەپلىمىدىكى كۆپ ۋاستىلىق كومپيۇتېر بار بولۇپ ئۇندىن باشقا پروكسىيە ئاپپاراتى ۋە بىر قىسىم ئۈسكۈنلىرى تولۇق بولۇپ، كومپيۇتېر ئۆگەنگۈچىلەرنى ئەڭ زامانىۋى، پاكىز، قولايلىق موھىت بىلەن تەمىن ئەتكەن.)

    ۋاقىت غەنىمەت، پۇرسەت غەنىمەت!   بىلىم - ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق