"ئەجەپ راھەتلەندىم..."دىن كېيىنكى ئاقىۋەتلەر

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-17 16:20:24

تومۇزنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە كۆپۈنچە ھالدا ئىسسىپ كەتتىم دەپ دەرھال سەگىدەشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا ئالدىرايمىز، ياكى زىمىستان قىش كۈنلىرى سىرتتا ئۇزاقراق تۇرۇپ، قاتتىق توڭلاپ كەتكەندە قىززىق بىر پىيالە چاي ۋە مەشتە گۈركىرەپ ئوت كۆيىۋاتقان ئىسسىق ئۆي كۆز ئالدىم

    "ئەجەپ راھەتلەندىم..."دىن كېيىنكى ئاقىۋەتلەر 

        تومۇزنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە كۆپۈنچە ھالدا ئىسسىپ كەتتىم دەپ دەرھال سەگىدەشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا ئالدىرايمىز، ياكى زىمىستان قىش كۈنلىرى سىرتتا ئۇزاقراق تۇرۇپ، قاتتىق توڭلاپ كەتكەندە قىززىق بىر پىيالە چاي ۋە مەشتە گۈركىرەپ ئوت كۆيىۋاتقان ئىسسىق ئۆي كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بىراق ئىسسىپ كەتكەندە شۇ ھامان سەگىدەش شۇنداقلا توڭلاپ كەتكەندە يۈگرۈپ كىرىپ ئوتقا قاقلىنىشنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى ئويلاپ قويمايمىز. بولۇپمۇ ياشلار بۇ نوقتىغا ئانچە ئېتىۋار بىلەن قارىمايدۇ. ساغلام بولۇش گۈزەل غايىلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شۇنداق ئىكەن ھەر ۋاقىت سالامەتلىكىمىزنى ئاسراشنى ئۈگىنىۋېلىشىمىز لازىم. بۇ دېگەنلىك ئۆزۈمنى ئاسرىدىم دەپ راھەت قوغلاشقىن دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەزى "راھەت"لەرنىڭ ئارقىسىغا ئويلىمىغان پۇشايمانلىق ئاقىۋەتلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ، شۇڭا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلغان ياخشى.
         1. ئىسسىقلاپ كېتىپ تازا تەرلىگەندە ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچقا يېقىن تۇرۇپ سەگىدىمەڭ. ئۇنداق قىلسىڭىز بەدەن تىمپۇراتۇرىڭىز نۇرماللىشىپ، راھەتلەنگەندەك ھېس قىلغىنىڭىز بىلەن، ئۆپكىڭىز شامالداپ قېلىشى، ئېغىر بولغاندا ئۆپكە ئىششىش، ئۆپكە ياللۇغلىنىش، قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىۋالىسىز.
          2. ئىسسىپ كېتىپ كۆپ تەرلەش سەۋەبىدىن ئۇسسىغان ۋاقتىڭىزدا، دەرھال مۇز سۈيى، دوغ، مارۇژنا ياكى توڭلاتقۇدىكى قوغۇن – تاۋۇز قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسىڭىز دەمال راھەت ھېس قىلىسىز، ئەمما بىر دەملىك راھەتتىن كېيىن يۇتقۇنچاق ياللۇغى، نەپەس يولى ياللۇغى، زۇكام، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى..... قاتارلىق كېسەللەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولۇشىڭىز مۇمكىن.     
         3. ياز كۈنلىرى دەرىزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى تۆۋەن تىمپۇراتۇرىغا تاڭشەپ قويۇپ، ئۈستىڭىزگە يېپىنچا ياپماي ئۇخلاپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئۇنداق ياتسىڭىز ئىنتايىن راھەتلىنىپ ئۇخلىغىنىڭىز بىلەن، بىر – ئىككى سائەتتىن كېيىن يەڭگىل بولغاندا قورساق، دوۋساق، بەل، بېقىن، كۆكرەك قىسىملىرىڭىزغا سوغۇق يەل تۇرىۋېلىپ سىزنى ۋاقىتلىق قىينىشى مۇمكىن. ئېغىرراق بولغاندا رېماتىزم، بوغۇم ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق ئاۋارىچىلىقى كۆپ بولغان ئاستا خارەكتېرلىق كېسەللەرگە يول ئېچىپ بېرىسىز.
         4. تەرلىگەندە قۇرىماي تۇرۇپ سوغۇق سۇدا يۇيۇنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. بۇنداق راھەتلىنىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى تەردىن قۇرۇماي تۇرۇپ سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا، بەدەننىڭ سوۋۇشى تىز بولغىنى بىلەن، ئىسسىقتىن كەڭرىپ تۇرغان تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق بەدەن زور مىقداردا سۇ قوبۇل قىلىۋالىدۇ – دە شۇ سەبلىك تېرىنىڭ نەملىكى ئېشىپ كېتىش، بەدەننى سوغۇق ئەپكېتىش، تېنى ئاجىزلاش، ئىمىنىت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. Q
       تېرىنىڭ نەملىكى زىيادە ئېشىپ كەتسە؛ ئاق كېسەل، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولىدۇ. بەدەننى سوغۇق ئەپكەتسە؛ بۆرەك ئاجىزلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، چاچ چۈشۈش ۋە جىنسى ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. بەدەننىڭ ئىممۇنىتى تۆۋەنلەپ كەتسە؛ ئاسانلا يۇقۇملىنىش، كۆپ زۇكامداش، ئاسان ساقايماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. كۆپ زۇكامدىغاندا يەنى بىر يىل ئىچىدە 5 – 7 قېتىمغىچە زۇكام بولىدىغان كىشىلەردە يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، يۈرەكتە تۆشۈك پەيدا بولۇش، ئاستا خارەكتېرلىق نەپەس يولى ياللۇغى قاتارلىق يامان كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى يۇقۇرى بولىدۇ.
        5. قىش كۈنلىرى سىرتتا قاتتىق توڭلاپ كەتكەندە ئىسسىق ئۆيگە كىرىپ پۇت، قول، قۇلاق قاتارلىق ئەزالىرىڭىزنى ئوتقا قاقلاپ ئىسسىتماڭ. ئۇنداق قىلسىڭىز دەمال خۇش ياققاندەك بىلىنگىنى بىلەن، سەزمەس ھالەتتە توڭلاپ كەتكەن ئەزالىرىڭىزنى ئۈششۈك يارىسىغا ئايلاندۇرىۋالىسىز. ئۈششىگەن ئورۇن داۋاملىق قىچىشىپ سىزنى بىئارام قىلغاندىن باشقا يەرلىك ئورۇننىڭ رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ، ئەسلىدىكى گۈزەل چىرايىڭىزغا بەلگۈلىك نوقسان يەتكۈزىۋالىسىز.
         6. سوغۇق يېمەكلىك، سوغۇق ئىچىملىك ئىستىمال قىلىپ ياكى سوغۇقتا توڭلاپ كېتىپ چىشىڭىز مۇزلاپ تۇرغاندا، ئېغىزىڭىزنىڭ تىمپۇراتۇرىسى نۇرماللاشمىغىچە دەرھال قىززىق نەرسە يەپ ئىچىشتىن ساقلىنىڭ. ئۇنداق بولمىغاندا چىشىڭىزنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىۋالىسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، چىشنىڭ ساغلام بولۇشى پۈتۈن بەدەننىڭ ساغلام بولۇشىغا ئالدىنقى شەرت ھازىرلاپ بېرىدۇ. شۇڭا ئادەمنىڭ سالامەتلىكى – چىشنىڭ ساغلام بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەيمىز.


    مەنبە:ئەلداۋا ساغلاملىق تورى گۈلنار ئابلىمىت (ئارچا) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.