سىز رومانتىك ئاشىقمۇ

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 12:35:50

سىز رومانتىك ئاشىقمۇ؟سىز ئۇ بەرگەن رومانتىك كەيپىيات ۋە چەكسىز خۇشاللىقلاردىن بەھرىلىنىپ، ئادەتلىنىپ قالدىڭىز، بىراق سىز ئۇنىڭ نەزىرىدە قانداق ئاشىق؟ تۆۋەندىكى سىناق سىزنىڭ رومانتىكىلىق دە...

     


    سىز رومانتىك ئاشىقمۇ؟

     

    سىز ئۇ بەرگەن رومانتىك كەيپىيات ۋە چەكسىز خۇشاللىقلاردىن بەھرىلىنىپ، ئادەتلىنىپ قالدىڭىز، بىراق سىز ئۇنىڭ نەزىرىدە قانداق ئاشىق؟ تۆۋەندىكى سىناق سىزنىڭ رومانتىكىلىق دەرىجىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگۈسى!

    ( ھەر بىر سوئالدا ئېرىشكەن نومۇرىڭىزنى قوشۇڭ)

    1.سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى رومانتىكا

    A.قانداق ئۇسۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەڭگۈ ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئاتا قىلىش (4)

    B.ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش(3)

    C.ئالاھىدە كۈنلەردە ئۆز -ئارا سوۋغا ۋە گۈل سوۋغا قىلىشىش

    D. تىرىشىپ ئۇنى خۇشال قىلىش(1)

     

    2.ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى كۈنى، سىز ئادەتتە:

    A.ئۇنى قاتتىق بىر ھەيران قالدۇرمىسام ھېساب ئەمەس(4)

    B. باشقا ئاشىق-مەشۇقلارغا ئوخشاش ، رومانتىك كەچلىك تاماق يېيىش ۋە ئەتىرگۈل بېرىش

    C.باشقا ۋاقىتتىكىدىن بەك چوڭ پەرقلەنمەيدۇ، شۇ ئازراق ھېسسىيات قوشۇپ قويۇش(1)

     

    3.سىزنىڭچە رومانتىك بولسا بولىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت بولسا:

    A.ھەرقانداق ۋاقىتتا بولىۋېرىدۇ.(4)

    B.سىز بىرخىل رومانتىك كەيپىياتقا كىرگەن ۋاقتتا (3)

    C.ئىككىڭلار يالغۇز قالغان ۋاقىتتا(2)

    D. ئاشىق-مۇشۇقلار بايرىمىدا(1)

       E.رومانتىك بولىدىغانغا ۋاقىت يوق(0)

     

    4. سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رومانتىك كىنو:

    A.ئىككىڭلار بىللە كۆرگەن كىنونىڭ ھەممىسى رومانتىك تۇيۇلىدۇ(4)

    B.تىتانىك-مەن ئىشىنمەنكى بۇ كىنونى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم يوق(3)

    C.رومانتىك كومدىيىلىك فىلىم (2)

    D.رومانتىك تىراگىدىيەلىك فىلىم -رومئو-جۇلىتا (1)

    E.رومانتىك بولمىغان كىنو رومانتىكتۇر- ئېزىلەڭگۈ كىنولارنى كۆرۈشتىن بىزار (0)

     

     

    5. سىزنىڭچە ئەڭ رومانتىك ئىش :

    A.پەقەت سىز خالىسىڭىزلا، دائىم ئۇنى تۇيۇقسىز خوش قىلىۋەتسىڭىز (4)

    B.كەچتىكى شەپەقنى بىللە كۆرۈش (3)

    C.ئۇ تۇيۇقسىز چوڭ يولدا تىزلىنىپ تۇرۇپ سىزگە توي تەلىپى قويسا (2)

    D.ئالاھىدە كۈنلەردە ئۇنىڭغا سوۋغا تەقدىم قىلىش (1)

     

    6. سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى بولغان ئۇچرىشىش جايى

    A.پەقەت ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولساملا ، نە بولسا بولىۋېرىدۇ.(4)

    B.شاۋقۇن-سۈرەندىن يىراقراق بولغان جاي (3)

    C.ئادەم ئايىغى تەگمىگەن مەخپىي دېڭىز ساھىلى(2)

    D.ئۆي (1)

     

     

    7.سىز مۇھەببەتكە قانچىلىك دەرىجىدە ئىنتىلىسىز:

    A. ناھايىتى. ھەر قانداق ئادەم مۇھەببەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا ئېھتىياجىلىق(4)

    B.مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتم ھېسىياتىمغا قارايمەن(3)

    C.مۇھەببەت بولمىسا ياشىغىلى بولمايدۇ (2)

    D.سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا ئادەملەرنىڭ مۇھەببەتلەشكەن ياكى مۇزەببەتلەشمىگەنلىكىگە قارايسىز (1)

    E.ئادەتتىكىدەك مۇھەببەتلەشمىسەممۇ مەن يەنىلا ياخشى ياشالايمەن (0)

     

    ئەگەر سىزنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىڭىز 28-20 گىچە بولغان بولسا، سىزنىڭ رومانتىكىلىق كۆرسەتكۈچىڭىز ئۈچ يۇلتۇزدۇر   ★★.

    سىز رومانتىك كىنو ۋە مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنسىز، كومدىيىلىك رومانتىك كەيپىياتتا بولۇشقا ئىنتىلىدىكەنسىز. سىز مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنىڭغا بىۋاستە ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، سىز بۇ جەرياندا ناھايىتى كۆپ بەھرىنىلەيدىكەنسىز، شۇنداقلا يەنە غەلبە تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدىكەنسىز.سىز دائىم ئوخشاش بولمىغان خۇشاللىقلارنى بەرپا قىلالايدىكەنسىز.

     

    ئەگەر سىزنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىڭىز 19-12 گىچە بولسا سىزنىڭ رومانتىكىلىق كۆرسەتكۈچىڭىز ئىككى يۇلتۇز

    سىز ئوچۇق ئاشكارە ھالدىكى رومانتىك كەيپىياتقا قارىغاندا، مەخپىي بولغان رومانتىكىلىقنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز. سىز قارىماققا خۇراپىي ۋە ئېغىر بېسىق كۆرۈنىدىكەنسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسىڭىز، شۇنداق قىزغىن بولىدىكەنسىز.ئۇنى خۇشال قىلىش سىز ئۈچۈن بىر رومانتىكىلىىق ئىشتەك تۇيۇلىدىكەن. ئەگەر ئادەتتىمۇ ئىچىڭىزدىكى رومانتىكىلىقنى ئىپادىلىسىڭىز، ھەمدە سىرتقا چىقارسىڭىز، سىزنىڭ مەپتۇن قىلىش كۈچىڭىز تېخىمۇ ئاشاتتى.

     

    ئەگەر سىزنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىڭىز 11-0 گىچە بولسا سىزنىڭ رومانتىكىلىق كۆرسەتكۈچىڭىز بىر يۇلتۇز

    سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە " رومانتىكا" بىلەن " ئىسراپ قىلىش" نىڭ دەرىجىسى ئوخشاشتەك تۇيۇلىدىكەن. سىز ھەقىقەتەن بىر ۋاپادار ياخشى ئۆي تۇتقۇچى بولالايسىز، بىراق سىزنىڭ بۇنداق سوغۇققانلىقڭىز، بەزىدە ئاشىقىڭىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى مۇمكىن. سىز مۇھەببەتىڭىزنىڭ قىزغىن بولۇشى ئۈچۈن تىرشىڭ. بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ، كىيىمنى يۇغانغا قارىغاندا ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلالايدىغان ئۇسۇلدۇر.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر رومانتىك ئاشىق _