ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-06 18:45:00

ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى كۆپىيىش ئەھۋالىنى تىلغا ئالغاندا يەنىلا ئادەمنى جەلپ قىلىدىغىنى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىكى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ئەھۋالى. ئۇنداقتا ھەر قايسى غەرب ئ...

        ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى كۆپىيىش ئەھۋالىنى تىلغا ئالغاندا يەنىلا ئادەمنى جەلپ قىلىدىغىنى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىكى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ئەھۋالى. ئۇنداقتا ھەر قايسى غەرب ئەللىرىدە يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟ ئۇلارنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ئورنى زادى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
        توردىكى ئىشەنچىلىك مەلۇماتلاردىن كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن ھەر قايسى غەرب ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى بۇ يەرگە يېزىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئەڭ ئاۋال ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە توختالدىم.
        ئىسلام دىنى ئامېرىكىدىكى تەرەققىياتى تەڭ تېز بولغان دىن بۇلۇپ 2006- يىلىدىكى ئىستاتىسكىدا ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار سانى ئون مىليون 120مىڭ بولۇپ ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %3.75 نى ئىگەللىگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە380مىڭ ئىرانلىق ۋە 120مىڭ ئەرەب شىئەلەردىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈننى مەزھەپتە. بۇندىن باشقا يەنە ئىسلام دىنىغا كىرىش ئۈستىدە ئىككىلىنىۋاتقان 6مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق بار. ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى يەرلىك نېگىرلار بولۇپ قالغانلىرى ئاساسەن جەنۇبى ئاسىيالىقلار ۋە ئەرەب، تۈرك، ئالبان، بوسنىيان قاتارلىق كۆچمەن مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت .  
    ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى بايقالغان چاغدا ئافرىقىدىن تۇتۇپ ئاپىرىپ سېتىلغان قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىچىدەتەخمىنەن %30نېگىر مۇسۇلمان بولۇپ، كېيىنچە شەرقى ئافرىقىدىكى سىۋاھلىلار(زەنگىلەر- زەنگەبار ۋە كومورو ئاراللىرىنىڭ ئاھالىسى) ھەتتا ئەرەبلەرمۇ قۇل سۈپىتىدە تۇتۇپ ئاپىرىلىپ ئامېرىكىدا قۇل قىلىندى. گەرچە ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئەينى چاغدا مەجبۇرى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇلغان بولسىمۇ يەنىلا ئىسلام دىنىنىڭ بەزى ئىزلىرى قالغان بولۇپ، 1790 -يىلى تەخمىنەن ئونمىڭ مور (ئەرەبلەشكەن قاراتەنلىكلەر) ئىسپانىيىدىن ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ۋەجەنۇبى كارولىنا شتاتىغا كۆچۈپ باردى ، ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئىنقىلابىدىن كېيىن ئاز ساندا تۈركىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىن كېيىن كۆچۈپ بارغان ئەرەب ،كورد ۋە مۇسۇلمان شەرقى ياۋروپا كۆچمەنلىرى ھەقىقى تۈردە ئىسلام دىنىنى ئېلىپ باردى. لېكىن 1915-يىلى ئالبانىيىلىك مۇسۇلمانلار ماينئىندا، تاتارلار نېيۇ-رۇكنىڭ بىروكلىن رايۇنىدا تۇنجى مەسچىت قۇرغانغا قەدەر ئىسلام دىنى ئامېرىكىدا قانۇنى ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن بۇلۇپ، مۇسۇلمان كۆچمەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئورنىمۇ كۈندىن كۈنگە كۈچەيدى .1930 -يىلى ئامېرىكىلىق نېگىر مۇسۇلمانلار پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ پىتىتسىبورگ شەھرىدە ئامېرىكىدىكى تۇنجى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتىنى قۇردى. 1934-يىلى لىۋانلىق مۇسۇلمانلار نىيۇيوركتا يەنە بىر مەسچىت سالدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا نىيۇيوركتا ئۈچ مەسچىت بولغان بولسا 2005-يىلى نىيۇ-يوركتىلا 112 مەسچىت، پۈتكۈل ئامىرىكىدا 2مىڭدىن ئارتۇق مەسجىد بار بولدى. 60-يىللاردىن كېيىنىكى ئامىرىكىلىقلارنىڭ (بولۇپمۇ قاراتەنلىكلەرنىڭ)ئىسلام دىنىغا كىرىش دولقۇنى ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار سانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋەتتى. نىيۇ-روك، چىكاگو، لوس-ئانژىلىس، دېترويت  قاتارلىق شەھەرلەردە ھەتتا مۇسۇلمانلار رايونى بارلىققا كەلدى. ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ شتات كالىفورنىيە بولۇپ تەخمىنەن بىر مىليون مۇسۇلمان بار .
    ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا تەنلىكلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلماسلىقى تۈپەيلى ئەينى يىللاردا ئامېرىكىدا ئاق تەنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان رايوندا قارا تەنلىكلەر چېركاۋغا كىرسە ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى، بەزى دىنى يىغىلىشلارغا قارا تەنلىكلەر قاتناشتۇرۇلمايتتى، بۇنىڭ بىلەن 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى بارلىققا كېلىپ 60-ۋە 70- يىللاردا تازا ۋايىغا يەتكەن ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ «ئىسلامغا قايتىش» ھەركىتىدە تەخمىنەن بىر مىليوندىن كۆپرەك ئادەم ئىرقلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان ،كىشىلەردىن ئەخلاقلىق ۋە مېھرىبان، كەمتەر بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىسلام دىنىغا كىردى. «ئىسلامغا قايتىش» ھەركىتى دەسلەپتە ئىنتايىن ئېنىق مىللەتچىلىك خاراكتېرىنى ئالغان بۇلۇپ، ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان«ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى (1933-يىلى فەرد مۇھەممەد باشچىلىقىدا دىترويتتا قۇرۇلغان) ئېنىق قىلىپ ئامېرىكىدا قارا تەنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بىر دۆلىتىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەشكىلات ئامېرىكا پارلامىنتى تەرىپىدىن قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلانغاندىن كېيىنمۇ ، ۋەلى فەرد يەنىلا ئۆزىنى ئەرەبلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتاپ باشقا قارا تەنلىكلەرنى سىلەرمۇ ئەسلىدىكى قۇل قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادى، سىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن تاللانغان مىللەت، بىز چوقۇم يىلتىزىمىزنى تېپىپ، ھەقىقەتكە قايتىپ، ئاق تەنلىك ئالۋاستىلارنىڭ كونتىروللىقى ۋە تارىخى جىنايەتلىرگە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك دەپ تەرغىپ قىلىۋەردى، ئۇنىڭ «ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەقىدىسى» ناملىق كىتابى دىن تارقىتىش قورالى قىلىندى. فەرد مۇھەممەد(ئەسلى ئىسمى ۋاللاس فورد) يەنە دېترويىتتا بىر مەسجىد قۇرۇپ ئادەم توپلاپ، ياش تاللانغان مۇسۇلمان يىگىتلەرنى يىغىپ «ئىسلام مىۋىسى ئۇيۇشمىسى» دەپ ئاتاپ بىر تەشكىلات قۇردى ۋە ئۇلارنى ھەربى مەشق قىلدۇرۇپ مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل قىلدى. 1934-يىلى 6-ئايدا فەرد ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتتى ، فەردنىڭ ياردەمچىسى ئېلى جاھ مۇھە ممەد فەردنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، چىكاگونى پائالىيەت مەركىزى قىلدى ۋە ئەسلىدىكى رايون خاراكتىرلىك ھەركەتنى پۈتكۇل ئامېرىكىدىكى نېگىرلارنىڭ ھەركىتىگە ئايلاندۇردى. مۇھەممەد ئاساسلىقى شەھەرنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى جەنۇبتىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن نامرات قارا تەنلىكلەرنى دىن تارقىتىش ئوبيېكتى قىلدى. شۇ مەزگىللەردە مۇھەممەد يېتەكچىلىك قىلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەركىتى پۈتۈن ئامېرىكىدا تەسىر قوزغاپ نېگىر مۇسۇلمانلار ھەركىتى دەپ ئاتالدى. 1975-يىلى مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى ۋارىس دىن مۇھەممەد ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى. ۋارىستىن ئىلگىرىكى ھەركەتلەر ئىسلام دىنى نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ئىدىئولوگىيىسىدە ئىسلام ئىدىيىسى كەمچىل ئىدى ، ۋارىس يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن ئەڭ ئاۋال تەشكىلات نامى ئامېرىكا ئىسلام تەرغىبات كېڭىشى دەپ ئۆزگەرتىلدى ، تەشكىلاتنىڭ بەزى پىروگراممىلىرى ، ئىبادەت ئۇسۇلى ۋە مىللەتچىلىك تەشەببۇسلىرى ھەتتا بەزى دىنى ئەقىدىلىرى ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت دەپ قارىلىپ غەيرى ئەقىدىلەر تازىلاندى.ھەممىدە ئەنئەنىۋى ئىسلام ئەقىدىسى يولغا قويۇلۇپ ئىماننى ساپلاش ھەركىتى ئېلىپ بېرىلدى ۋە بەش ۋاق ناماز، رامزان قاتارلىق پەرز ئەمەللەر قاتتىق تەكىتلىنىپ دۇنيا ئىسلام دىنى بىلەن بىر يولغا چۈشتى، دىن تارقىتىش ئوبيىكتىمۇ نۇقۇل قارا تەنلىكلەردىن ئاق تەنلىكلەرگىچە كېڭەيدى، ئەسلىدىكى قوغدىغۇچىلار-ئىسلام مىۋىسى ئۇيۇشمىسى بىكار قىلىنىپ ، باشقا ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كۈنسېرى قويۇقلاشتى ،ئىسلام ئەللىرىنىڭ سىياسى،ئىقتىسادى ياردىمى قولغا كەلتۈرۈلدى. ۋارىس يەنە پائالىيەت دائىرسىنى باھاما قاتارلىق كارىب دېڭىزى ئەللىرىگىچە كېڭەيتىپ ئۇ جايلاردا مەسجىد قۇردى، ئافرىقا قىتئەسى ۋە ياپۇنىيەدە مەسجىد سېلىشنى پىلانلىدى، ۋارىستىن كېيىن چىققان ھازىرقى يېتەكچى لۇئس فارخان يەنە كەلگۈسى  يۈز يىلدا ئامېرىكىدا بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.
     ئامېرىكا ئىسلام ھەركىتىدە رول ئوينىغان تەشكىلاتلاردىن يەنە 1972-يىلى ۋاشىنگىتوندىكى ئۇممەھ مەسجىدىدە قۇرۇلغان شىمالى ئامېرىكا ئىسلام پارتىيىسى بولۇپ باشقا پارتىيىلەردىن پەرقلىنىدىغىنى بۇ پارتىيەنىڭ ئەزالىرى باشقا تەشكىلاتلارنىڭكىدەك كۆچمەنلەر ياكى قارا تەنلىكلەر بولماستىن بەلكى ئاساسەن دىگۈدەك يەرلىك ئامېرىكىلىقلاردۇر. بۇ پارتىيە مۇسۇلمان تەشكىلاتلارغا ئىتىپاقلىشىشنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا پايدىلىق ئىكەنلىگىنى كۈچەپ تەكىتلەپ ،خەلقارا گېزىت –ژورنال چىقىرىپ جەمىيەت، ئىقتىسات، ئەخلاق مەسىلىلىرىگە دىنى نۇقتىدىن چۈشەنچە بەردى، دىنى ماتىرىياللارنى ھەقسىز تارقاتقاندىن سىرت يەنە مۇسۇلمانلارنى ئادۇۋكات بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزئارا ئىقتسادى ياردەمدە بولۇشقا چاقىردى، ئەزالىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى. ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى گۈللىنىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن مۇسۇلمانلار ئارا بىرلىك يوق ، ھەر بىر كۆچمەنلەر توپى ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەسجىد ۋە تەشكىلاتلىرى بار . نۆۋەتتە گۇرۇھلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ تەرەققىيات يولىغا مېڭىش ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈن تەرتىۋىگە كىرگۈزۈلدى .
    ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇش ھارپىسىدىلا  دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىۋېتىش پىرىنسىپىنى يولغا قويغان بولۇپ1787-يىلىدىكى ئاساسى قانۇندىلا ئېنىق قىلىپ دۆلەت ھىچقانداق دىنغا قانۇنى جەھەتتىن ياردەم بەرمەيدۇ ، ياكى ھىچقانداق دىننى چەكلىمەيدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنى تىپىك خىرىستىان دىنى روھى ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت دىيىشكە بولىدۇ ،ئامېرىكىدا ئارمىيە ، مەكتەپ ، تۈرمىلەردىن تارتىپ پارلامېنتقا قەدەر ھەممىسىدىلا خىرىستىان دىنىنىڭ پوپ ياكى روھانىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ ،خىرىستىان روھى ئامېرىكىنىڭ سىياسەت ،ئىقتىسات ۋە جەمىيەتنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا قەدەر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ ،ئىلگىرى كېيىنلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىچكى -تاشقى سىياسىتى ۋە ئامېرىكا پىرىزدېنتى بۇشنىڭ بىر قېتىملىق دىنى جەمىيەتلەر يىغىنىدا« ھىچقانداق جەمىيەت ئامېرىكا جەمىيىتىدەك دىنى تەسىرگە ئىگە بولغان ئەمەس  ،ھەر ئون ئامېرىكىلىقنىڭ يەتتىسى ئىيسانىڭ چۈشىدىغانلىقىغا ، سەككىزى تەڭرىنىڭ مۆجىزىلەرنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ، %90 ئادەم خۇداغا ئىشىنىدۇ ، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا رەھمەت ئېيتىمەن ۋە بۇ ساننىڭ %100 بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دىگەن سۆزىدىنلا ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىماققا دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغاندەك تۇرغان بىلەن ئەمەلىيەتتە تىپىك خىرىستىان دۆلىتى ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.   
    قوشۇمچە: ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنىغا كىرگەن مەشھۇر شەخسلەر
    ئەسلىدىكى ئىسمى     كەسپى                               ئۆزگەرتكەن ئىسمى
    كات ستېۋىنس      روك مۇزىكا ئىجادچىسى                  يۈسۈف ئىسلام
    ئارت  بلاكېي      جاز مۇزىكا ئىجادچىسى                    ئابدۇللا ئىبنى بۇھەينا
    كاسىئۇس كلاي  ئۇدا 5قېتىملىق دۇنيا  بوكس شاھى        مۇھەممەد ئەلى
    ماتېۋ             دۇنيا بوكس شاھى                               سائاد مۇھەممەد
    دىۋات           دۇنيا بوكس شاھى                               مۇھەممەد قەۋى
    ئەدىيې       كەسپى بوكس چىمپىيونى                         مۇستافا مۇھەممەد
    سىمىت         كەسپى بوكس چىمپىيونى                         مۇستافا ھەمشو
    گىئورگى      كەسپى بوكس چىمپىيونى                          ئەكبەر مۇھەممەد
    مايك تايسىن      كەسپى بوكس چىمپىيونى 
    چىرىس ئۇبانك ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى         ھامدان ئۇبان
    فېرناندو لۇئىس  NBA تارىخىدىكى نومۇرى ئەڭ يۇقۇرى ۋاسكىتبول چىمپىيونى ئابدۇكەرىم ئابدۇلجەففار
    مارگارىت ماركۇس داڭلىق يەھۇدى شائىرى ، ئوبزورچى           مارىيە جەمىل
    دانىل مور     داڭلىق شائىر                                                 ئابدۇللاھ
    پىكچال ۋىلىيام داڭلىق يازغۇچى، قۇرئاننى تەرجىمە قىلغۇچى  مۇھەممەد مەرمەدۇك
    مايكېل ۋولف     ABCتېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى ، يازغۇچى     مۇئەللىپ ھاجى
    ئاسىلمى     تېلېۋىزىيە مۇخبىرى، ئىسلام ئاياللىرى خەلقئارا بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى      ئامىنە

    زۆرۈر بولسا كېيىنچە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى شەخسلەر ھەققىدە ئايرىم توختىلىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.