ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 10

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-19 10:17:20

ئەزىز قېرىنداشلار! خارىزىمى دۇنيا ئىلىم ـ پەن تارىخىدا نام چىقارغان بولۇپ، ئۇ 9 ـ ئەسىردە خۇراساننىڭ خارىزىم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن كاتتا ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 802 ـ يىلى ...



     

    ئەزىز قېرىنداشلار! خارىزىمى دۇنيا ئىلىم ـ پەن تارىخىدا نام چىقارغان بولۇپ، ئۇ 9 ـ ئەسىردە خۇراساننىڭ خارىزىم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن كاتتا ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 802 ـ يىلى تۇغۇلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۇ بىر تۈرك ئاتا ـ ئانىدىن دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، تەلىم ـ تەربىيەسىنى غەربىي تۈركئېلىدە تاماملىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مەھمەت بىن مۇسا خارىزىمى ئىدى. ئۇ خۇراساندىكى تۈرك شەھىرى ھېسابلىنىدىغان خارىزىمدا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ نامى «خارىزىمى» دەپ مەشھۇر بولغان ئىدى.

    خارىزىمى ماتېماتىكاشۇناسلارنىڭ پىشىۋاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جەبىر ئىلمىنىڭ ئاتىسى (يەنى، ئالگېبرانىڭ ئاتىسى) پىشىۋاسى ھېسابلىنىدىغان بۇ كاتتا ئالىمنىڭ نامىنى ياۋروپالىقلار خاتا ھالدا «ئەبۇ جافەر» دەپ خاتىرلەشكەن ئىدى. دۇنيا ئىلىم ـ پەن تارىخىدا ماتېماتىكاشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان خارىزىمى، شەرق پەن ـ مەدەنىيەت دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم ئالگېبراغا ئائىت ئەسەر قالدۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان كاتتا ئالىمىمىزدۇر. شۇڭا ياۋروپالىق ئالىملار خارىزىمىنىڭ قىممىتىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن ۋە شۇ قەدەر قەدىرلىگەنكى، ئۇنىڭ «خارىزىمى» دېگەن نامىنىڭ ماتېماتىكا دۇنياسىدا مەشھۇر بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى. ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ ئارېفماتىكىغا »خارىزىمى« دېگەن ئىسىمنىڭ لاتىنچە ئاتىلىشى بولغان (Algarismus) دېگەن نامنى بەرگەنلىكى بۇنىڭ روشەن پاكىتىدۇر. لاتىنچە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى ئارقىلىق (Decartes) قا تەڭ دەرىجىلىك ئۇلۇغ ماتېماتىكاشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن غەرب ئىلىم ـ پەن دۇنياسىدا ھۆكۈم سۈرگەن خارىزىمى، ھېساب ۋە ئالگېبرادا تەڭداشسىز ئالىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خارىزىمى دۇنيا ئىلىم ـ پەن تارىخىدا ئىنتايىن كاتتا نامغا ئېرىشكەن بولۇپ، ياۋروپا ئالىملىرى ئىچىدە ئۇنى تونىمايدىغان كىشى يوق. تىرىگونۇمېتىرىيە ئىلمىنىڭ ھەقىقىي ئىجادكارى دېيىشكە بولىدىغان خارىزىمى، ئاستىرونومىيەگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئاتلىسى ھېسابلىنىدىغان «سىراتۇل ئەرز» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى ئىلىم دۇنياسىنىڭ يەنە بىر بالداق ئىلگىرىلىشىگە ئاساس يارىتىپ بەرگەن ئىدى.

    **************************************************

    خارىزىمى ئۆزىنى مەۋر ۋە خۇراسان كۈتۈپخانىلىرىدا يېتىشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ چۇڭقۇر بىلىم ئىگىلەش ۋە بىلىم دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەينى چاغنىڭ ئىلىم مەركىزى ھېسابلىنىدىغان باغداتقا بېرىپ يەرلەشكەن ئىدى.

    تۈركلەرمۇ 833 ـ يىلىدىن تارتىپ باغداتقا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئالىملىرىمىز بىلەن پەيلاسۇپلىرىمىز ئۆز ئەسەرلىرىنى مۇشۇ شەھەردە يېزىشقان ئىدى. بۇ ئالىملارنىڭ كۆپ قىسمى ھەم ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش، ھەم دەۋر ھۆكۈمدارلىرىغا ئىلمىي مەسلىھەتچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇلىناتتى. خارىزىمى دەل ئەنە شۇنداق شارائىتتا ئۆزىنى دۇنيانىڭ ماددىي ئاسايىشلىرىدىن يىراق تۇتۇپ، ئىلىمغا بولغان ئىشقى يولىدا ئەمگەك سىڭدۈرۈشكە باشلىدى. ھارماي ـ تالماي، ئۆز روھىنى ئىلىمنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرى بىلەن نۇرلاندۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىغا ئۆلمەس ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلدى. خارىزىمى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، ئەرەبلەر ئارىسىدىمۇ مەشھۇر بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئابباسى خەلىپىسى مەمۇن ئۇنى ساراي كۈتۈپخانىسىغا خىزمەتكە تەيىنلىدى. بۇ كۈتۈپخانا ئۇنىڭغا نىسبەتەن خاتىرجەم ئىلمىي خىزمەت قىلىش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. خارىزىمىمۇ بۇ كىتاب غەزىنىسىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ياخشى بىلىپ، ئىلمىي خىزمەتلىرىنى ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى. ئۆزىنى پۈتۈنلەي ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ئىلمىگە ئاتىۋەتتى. بۇ جەرياندا خەلىپە مامۇننىڭ ھېساب ئىشلىرىنىمۇ تۇتىدىغان بولغاچقا، يەر ـ زىمىنلىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە قاناللارنىڭ ئېچىلىشى ھەققىدىكى ھېسابلارغا ئائىت مەلۇماتلارنى خەلىپىگە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. ئۇ خەلپىنىڭ ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىسىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇ ئىقتىسادىي ئىشلارغا ئالاقىدار كىتابلارنى يېزىپ، بۇ ئارقىلىق ئابباسىي خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىغا يول كۆرسەتكەن ئىدى. خارىزىمىنىڭ دەل ئەشۇ جەرياندا يازغان ئىككى ئەسىرى پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئالگېبرا ھەققىدە، يەنە بىرى ھىندى ھېسابلىرى ھەققىدە ئىدى.

    *********************************************

    خارىزىمى ئۆتكۈر پىكىر قابىلىيىتى بىلەن ئالگېبرانى بىر كىلاسسىك بىلىم تۈرىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز كىتابىدا ئالگېبرانى ئىنتايىن سىستېمىلىق شەكىلدە چۈشەندۈرگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنى ئالگىبرانىڭ ياراتقۇچى پىشىۋاسى دېسەكمۇ بولىدۇ. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىپ ئۇقۇتۇلۇۋاتقان ئالگېبرا، كىلاسسىك بىر بىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلۇغ تۈرك ئالىمى خارىزىمىنىڭ ئىلىم ـ پەن دۇنياسىغا قالدۇرغان سوۋغۇسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئۇنىڭ ئالگېبراغا ئائىت بۇ ئەسىرى بىر مۇقەددىمە ۋە بەش قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسىمى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى ۋە بۇلارنى يېشىش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە بۇ تەڭلىمىلەر ئالتە تۈپ ئاساسقا ئىگە قىلىنىدۇ. كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا، يېشىش شەكىللىرىگە ئائىت قائىدىلەر بەلگىلەپ چىقىلغان بولۇپ، قوش تېرمىنلىق كۆپەيتىش بولسا، ئۇچىنچى قىسىمدا چۈشەندۈرۈلىدۇ. تۆتىنچى ۋە بەشىنچى قىسىمدا ئالگېبرانىڭ تۆت فونكىسىيەسىگە ئالاقىدار قائىدىلەر بىلەن بۇ قائىدىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇرەككەب مەسىلىلەر ئورۇن ئالىدۇ.

    خارىزىمىنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەسىرىدىن يالغۇز شەرق دۇنياسىلا ئەمەس، غەرب دۇنياسىمۇ زور دەرىجىدە پايدىلانغان ئىدى. ئەسەرنىڭ ئىسمى «كىتابۇل مۇختەسەر فىل جەبەرىي ۋەل مۇقابەلە» بولۇپ، بۇ ئەسەر ھازىرمۇ ئۆز قىممىتىنى شۇ پىتى ساقلاپ كەلمەكتە. نۇرغۇنلىغان غەرب ئالىملىرىنىڭ بۇ ئەسەردىن پايدىلانغانلىقى مەلۇم. بۇ ئىش خارىزىمىنىڭ نەقەدەر دەنا ئالىم ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    ئۇلۇغ تۈرك ئالىمى خارىزىمىنىڭ يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئىسمى «كىتابۇل مۇختەسەر فى ھېسابىل ھىندى» بولۇپ، خارىزىمى بۇ ئەسىرى ئارقىلىق شەرق بىلەن غەربكە ھىندى ھېسابلىرىنى تونۇتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئاستىرونومىيەگە ئالاقىدار «زەيجەئىل خارىزىمى» ناملىق ئەسىرىمۇ ئۆزگىچە مۇھىم ئەسەرلەر قاتارىدا سانىدۇ.

    خارىزىمى كۆپ ئوقۇغان بىر ئالىم ئىدى. ئۇ ئاساسەن دېگۈدەك ھىندى ۋە يۇنان ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇپ پايدىلانغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ماتېماتىكا بىلەن شۇغۇللانغان يۇنان ۋە ھىندى ئالىملىرىمۇ بار بولۇپ، بىراق ئۇلار ئالگېبرانىڭ قائىدىلىرىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن ئىدى. بۇ چېچىلاڭغۇ مالىماتلارنى توپلاپ، ئالگېبرانى بۈگۈنكى شەكلىگە كىرگۈزۈش شەرىپى پەقەت خارىزىمىغىلا نىسىپ بولغان ئىدى. خارىزىمىنىڭ 860 ـ يىللىرى ۋاپات بولغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ. بىراق زادى قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. تۈرك دۇنياسىنى ئىپتىخارلاندۇرغان بۇ ئۇلۇغ ئالىمىمىزنى بۇ يەردە قايتىدىن يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

    *********************************************

    ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! ئەمدى سىلەرگە يەنە بىر كاتتا ئالمىمىزنى ئاڭلاتماقچىمىز.

    2 ـ بەيازىت، ياۋۇز سۇلتان سەلىم ۋە قانۇنىي قاتارلىق ئۈچ چوڭ ھۆكۈمدارنىڭ دەۋرىدە ياشىغان بۇ كاتتا ئالىمىمىز «ئىبنى كامال» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەھمەت شەمسىددىن ئىدى. چوڭ دادىسى كامال پاشا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كىشىلەر «ئىبنى كامال» دەپ ئاتىشاتتى.

    ئىبنى كامال 1460 ـ يىللىرى توقاتتا دۇنياغا كەلدى. كېيىنچە توقاتتىن ئەدىرنەگە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشتى. ئەينى چاغدا ئەدىرنە بىر بىلىم مەركىزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەربىي ۋە سىياسىي مەركەز بولۇپمۇ ھېسابلىناتتى. ئىبنى كامال كەسپىي جەھەتتىن ھەربىي ۋە ئىلىم ئەھلى بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ساھەسەدە يېتىشىپ چىقتى. ئۇزۇن زامانلارغىچە بۇ ئىككى ساھەنىڭ قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەربىي ئىدى. شۇڭا ئىبنى كامال ئەدىرنەدە ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن دادىسىغا ئوخشاش ھەربىي بولۇش قارارىغا كەلدى. 2 ـ بەيازىتنىڭ دەۋرىدە خېلى نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشتى.

    بىر كۈنى ۋەزىرى ئەزەم چاقىرغان يىغىنغا قاتنىشىش پۈرسىتىگە سازاۋەر بولدى. يىغىندا ئۇرۇشتىكى قەھرىمانلىقى بىلەن نام چىقارغان ئەۋرەن ئوسزادە ئەپەندىدىنمۇ بەكرەك، كاتتا ئالىم لۇتفىيگە ئاجايىپ ھۆرمەت كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇزۇنغىچە ئويغا پاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىيلىكنى تاشلاپ ئۆزىنى ئىلىمگە ئاتىدى ۋە موللا لۇتفىينىڭ شاگىرتى بولدى. ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە «مۇللا لۇتفىينىڭ ۋارىسى ئىبنى كامال» دەپ نام چىقاردى. مەدرىسىلەردە دەرس بېرىشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا «تەۋارىخى ئوسمان» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. ئۇ توختىماي ئوقۇش ۋە يېزىش بىلەنلا شۇغۇللىناتتى. ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ پادىشاھلىقى دەۋرىدە ئۇنىڭ ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشتى. ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئىلىم ئەھلىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئۇلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان كىشى ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىبنى كامالنىمۇ يېنىدىن ئايرىمايدىغان بولدى. مىسىرغا ئاتلانغاندىمۇ ئىبنى كامالنى يېنىدا ئېلىۋالغان ئىدى. بۇ سەپەر ئۈستىدە مۇنداق ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

    ئۇرۇشتىن قايتىۋاتقان چاغدا ئىبنى كامالنىڭ ئېتىنىڭ تۇيىقىدىن چاچرىغان لاي پادىشاھنىڭ تونىنى مەينەت قىلىۋىتىدۇ. پادىشاھ ئالىملارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقىلىرى ئاستىدىن چاچرىغان لاينىڭمۇ قىممىتى بارلىقىنى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئىبرەت قىلىپ، قالدۈرۈش ئۈچۈن، «ئۆلۈپ كەتكەن چېغىمدا بۇ لاي بولۇپ كەتكەن توننى جانازەمگە يېپىڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىلىدۇ.

    ياۋۇز سۇلتان سەلىم يەنە بىر قېتىملىق سەپەردە مىسىر كۇتۇپخانىلىرىدىكى قىممەتلىك قوليازمىلارنى ئىبنى كامالغا بېرىدۇ. ئىبنى كامالمۇ ئۇ ئەسەرلەرنى دەرھال تەرجىمە قىلىدۇ.

    ************************************************

    ئىبنى كامال قانۇنىينىڭ دەۋرىدىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۈپ، «شەيخۇل ئىسلام» بولغان ۋە ئۇنىڭ بۇ مەرتىۋىسى تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋام قىلغان ئىدى. ئىبنى كامال ئۇلۇغ دىنىي ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە يەنە، ئاتاقلىق تارىخشۇناس ۋە ئۆتكۈر شائىر ئىدى. يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى 300 گە يېتەتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئارىسىدىكى ئوسمان ئىپېرىيەسى تارىخى ۋە موھاج ئۇرىشىغا ئالاقىدار تارىخىي رىسالىسى ئىنتايىن قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «ناگارىستان» ناملىق فارىسچە يېزىلغان ئەسىرى بىلەن، دىۋانى ۋە «يۈسۈف زۇلەيخا» ناملىق كىتابى، شۇنداقلا «مىسىر تارىخى» ئۇنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىستانبۇلدا ئەييۇب سۇلتان ئەتراپىغا دەپنە قىلىنغان بۇ ئۇلۇغ ئالىم ۋە شائىرنىڭ سۇلتان ياۋۇز سەلىمنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەسىمۇ ئىنتايىن مەشھۇر بولغان ئىدى.

    ئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك خەلقى يېتىشتۇرۇپ چىققان بۇ ئۇلۇغ ئالىمنى يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان بىباھا ئەسەرلىرى يۈزسىدىن ئۇنىڭغا رەخمەت ئېيتىمىز. كېلەر ھەپتە يەنە قايتا كۆرۈشكىچە سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز. خەير خوش.
    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.