ھەقىقىي ئەھۋال

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-26 16:52:15

ئۆتكەن 67 يىلدا مۇخبىر ئېدۋارد كېننېدى ئىزچىل ھەقىقىي ئەھۋال ئۈچۈن «خاتالىق ئۆتكۈزگەن» دېگەن نامنى كۆتۈرۈپ كەلدى.

     
    ھەقىقىي ئەھۋال
     
    لى پېيرەن
     
    ئۆتكەن 67 يىلدا مۇخبىر ئېدۋارد كېننېدى ئىزچىل ھەقىقىي ئەھۋال ئۈچۈن «خاتالىق ئۆتكۈزگەن» دېگەن نامنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 16 نەپەر مۇخبىر بىلەن بىللە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ھەربىي تەرەپنىڭ تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۈتكۈل دۇنياغا بۇ خەۋەرنى جاكارلىغانىدى.
    ئۇ: «سىياسىينى دەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ» دېگەندە چىڭ تۇردى. بىراق، ئۇنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئۇنى ئۆزى سۆيىدىغان مۇخبىرلىق كەسپىدىن ئايرىپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
    بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېدۋارد كېننېدىدىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. «ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، خەۋەرلەرنى كونترول قىلماسلىق كېرەك، پۈتكۈل دۇنيا ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.»
    كېننېدى ئاخىر ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىر ئېغىز «كەچۈرۈڭ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدى. ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا «رەھمەت» دېگەن بىر ئېغىز سۆزگە قەزدار. ئۇنىڭ «گېلى بوغۇلغان» ۋاقىتتىمۇ، جەسۇرلۇق بىلەن بىرىنچى بولۇپ خەۋەر يوللىغىنىغا رەھمەت.
    ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كېننېدى بۇلارنى مەڭگۈ ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇ 1963-يىلى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.