كاۋاپ بىلەن بىرگە كولا ئىچىشتىن پەرھىز تۇتۇڭ !

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 11:52:56

كاۋاپ بىلەن بىرگە كولا ئىچىشتىن پەرھىز تۇتۇڭ !كاۋاپ يىيىشنى نۇرغۇن كىشى ياخشى كۆرىدۇ ، بەلكىم ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ بولماسلىقى مۆمكىن . كاۋاپنىڭ مىزىلىك پۇرىقى يىمەكلىكلەر ئىچىدە ھەممىدىن...

    كاۋاپ بىلەن بىرگە كولا ئىچىشتىن پەرھىز تۇتۇڭ !

     

    كاۋاپ يىيىشنى نۇرغۇن كىشى ياخشى كۆرىدۇ ، بەلكىم ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ بولماسلىقى مۆمكىن . كاۋاپنىڭ مىزىلىك پۇرىقى يىمەكلىكلەر ئىچىدە ھەممىدىن كۈچلۈك ، كۆپچىلىك جەم بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا كاۋاپ ئۇلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولالايدۇ . ئەمما كاۋاپنىڭ قاقلاپ پىشۇرۇلۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ساغلاملق مەسىلىلىرىنى ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە قاقلاپ پىشۇرۇلغاندا، ياغ ماددىسى ۋە خۇلىسترىن ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇش كىرەك .

      ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلغاندا، ئادەم بەدىنىگە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ . چۈنكى كولا تەركىۋىدىكى كوففىن ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر پارچىلانغاندىكىن كىيىنكى كاربون ئىئونلۇق ھەركىتىنى تېزلىتىۋىتىدۇ. بۇ كەسپي ساھەدە
    JAJھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ خىل ھادىسە بەدەندىكى كالتسىيلىق تەركىبلەرنىڭ ئېغىر ئىقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزلىگىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بولغانلىقتىن ، بەدەندىكى كالتسىيلىق تەركىبلەر ئېغىر ئېقىپ كېتىۋاتقان چاغدا بەدەن ئىختىيارسىز نۇرغۇن سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ . بۇنداق ئىشلەپچقىرىش ھەددىدىن زىيادە كۆپەيگەندە، ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ئۇستىخان راكى پەيدا قىلىشى مۇمكىن .

        دەرۋەقە، بۇ تېخى بىر تەتقىق قىلىنىۋاتقان مەسىىلە، تېخىمۇ كۆپ پاكىتلارغا مۇھتاج ، ئەمما قاقلانغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش سالامەتلىك مەسىلىلىرىنى كۆپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا بۇ ئىشلار كىشىلەرنىڭ دېققەت ئىتىبارىنى قوزغىشى كېرەك . بۇنداق قاقلانغان ، سۈرلەنگەن يېمەكلىكلەر پىشۇرىلىۋاتقان چاغدىكى ئوت ۋە ئىس تەركىۋىدە نۇرغۇن راكنى پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بار . مەسىلەن : سولفۇر كىسلورىد ، سىنوئىت ، پنزۇپىرىن قاتارلىقلار .

        دوخوپكا (كاۋابدان) ئارقىلىق گۆش پىشۇرغاندا، ناھايىتى مىزىلىك پۇراق چىقىش بىلەن بىرگە ۋىتامىن ، ئاقسىل ئامىنو رادىكالى قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ  بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا ئېغىر  تەسىر كۆرسىتىدۇ .  شۇڭلاشقا كاۋاپ ئىستېمال قىلىشمۇ نورمال بولغان ياخشى .

        ئەڭ ياخشىسى كاۋاپنى كولا قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھەزىم قىلماي، يىڭى كۆكتات - مېۋىلەر بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلغان ياخشى . چۈنكى مېۋىلەر تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن
    c,ۋە e لار بار . چۈنكى ۋېتامىن Cنىڭ راكنى پەيدا قىلغۇچى نىتېرا زامىننىڭ مىقدارىنى ئازلىتالايدۇ . ۋېتامىن Eبولسا كۈچلۈك ئوكسىدلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، مۇشۇنداق تېخنىكىلىق ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق كاۋاپ پەيدا قىلىدىغان زىيانلق تەسىرلەرنى ئازلاتقىلى بولىدۇ .

     

    ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل مېنرال ئىچىملىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىشمۇ تەن سالامەتلىككە زىيانلىق.

     

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-26 11:44:39]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.