ئۇيغۇر يۈرىكىدىكى داغ _ ئاتۇ پاجئەسى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-07 00:00:00

ئۇيغۇر يۈرىكىدىكى داغ- ئاتۇ پاجئەسى1918-يىلى يېڭىدىن تىكلىنىۋاتقان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتادىكى قىزىل گۇۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ يەتتسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇق قىرغىن قىلىش ۋەقەسى يۈ...

    ئۇيغۇر يۈرىكىدىكى داغ - ئاتۇ پاجئەسى

     


    1918-يىلى يېڭىدىن تىكلىنىۋاتقان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتادىكى قىزىل گۇۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ يەتتسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇق قىرغىن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي يوقىتىش تۈسىنى ئالغان بۇ ۋەقە، يەتتسۇ  ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ ساقايمايدىغان جاراھەت قالدۇرۇپ ئاتۇ پاجئەسى دەپ  ئاتالغان.


    «ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىنى، دۇنيادىكى ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئازادلىقىنى» ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانى دەپ ئېلان قىلىپ، كوممۇنىزم ئۈچۈن تىرىشىش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئوبرازىغا دىققەت قىلىۋاتقان ياش سوۋېت دۆلىتى قۇرۇلۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پاجىئە يۈز بېرىدۇ؟


        چار پادىشاھ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پىتىراپ كەتكەن ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ ئوفىسسېرلىرى جاي-جايلارغا سىڭىپ كىرىپ، جۈملىدىن يەتتسۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا  تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كوممۇنىستلار دىننى چەكلەيدۇ، مال – مۈلۈكنى تارتىۋالىدۇ دېگەندەك ۋەھىمىلەر بىلەن قايمۇقۇپ تۇرغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە كوممۇنىستلارغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.


    1918- يىلى 2-ئايدا قارا سۇدىكى بىر قىسىم ئالدانغان ئۇيغۇر ياشلىرى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئارا، گۈرجەك قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللىنىپ، ئالمۇتا سېپىلىنى ئىگەللەپ تۇرغان قىزىل گۇۋاردىيىنىڭ مۇنتىزىم قوراللار بىلەن قوراللانغان قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان. قىزىل گۇۋاردىيە 3-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە قايتارما ھۇجۇم قىلىپ ھۇجۇمچىلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىغان.


    1918-يىلى 5-ئايدا قىزىل گۇۋاردىيە كوماندىرلىرىدىن مۇرايىۋ بىلەن ئىۋان مامۇنتوۋ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى قىرغىنچىلىقنى باشلىغان. مۇرايىۋ قىسىملىرى ئالمۇتادىن غالجاتقىچە بولغان چېلەك، كىيىكۋاي، ئىنچىكە بۇلاق، قۇرام، لاۋار، مالىۋاي،غەيرەت، دولات، ئاۋات تۈگمەن قاتارلىق  ئۇيغۇر يېزا- قىشلاقلىرىغا بېسىپ كىرىپ ئالمۇتا سېپىل ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلغان.


     قىرغىنچىلىق دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلانغان. مۇرايىۋ قۇشۇنلىرى بۇيەردە 200دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى كوچىغا ھەيدەپ چىقىپ،سادىر ئىمام دېگەن كىشىنىڭ  ئىشىكى  ئالدىدا تىزلاندۇرۇپ قويۇپ پىلمۇت بىلەن ئوققا تۇتقان. ئارقىدىن  ئۆلمىگەنلەرنى نەيزىلەپ ئۆلتۈرگەن. ھەيدەپ كېلىنگەن بىچارە پۇقرالار تاكى ئوققا تۇتۇلغانغا قەدەر  ئۆزلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن. چېلەك ناھىيىسىنىڭ ئىنچىكە بۇلاق، لاۋار يېزىلىرىدا مۇرايېۋ، قىرغىنچىلىقنى شۇنداق ۋايغا يەتكۈزدىكى لاۋار ئۆستەڭلىرىدە سۇ ئورنىدا قان ئاققان...


     قورام يېزىسىدا 3000 ئۇيغۇر پۇقراسى مۇرايىۋنىڭ  قولىدا ئېچىنىشلىق جان بەرگەن. قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى نۇقتسى تۈگمەن يېزىسى بولغان .... مۇرايىۋ ۋە ئىۋان مامۇنتۇۋ لارنىڭ مەقسىدى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنى «مەڭگۈ تىكلىپ قارىمايدىغان قىلىۋېتىش» بولغان.


    ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىندىن پىتىراپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن تاغ دالىلاردا ئاچلىق، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرمۇ سانسىز ئىدى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، ئاتۇ پاجىئەسىدە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 20000 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.


       1918-يىلى يەتتىسۇ رايونىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئاتۇ پاجئەسى ئەيىپىلىنىپ  يەتتىسۇ رايونىدىكى جاي-جايلارغا پىتىراپ كەتكەن ئۇيغۇرلار قايتۇرۇپ كېلىندى. مۇرايىۋ ئەيىپلەندى...لېكىن ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئاتۇ پاجىئەسىدە ۋەيران بولغان يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئەسلىگە كېلەلمىدى. ئىگىلىك ۋەيران بولۇپ نامراتلىق ھۆكۈم سۈردى . نوپۇس سانى كېمەيدى . بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلارغا بولغان سېغىنىش ياشلىرى  ئۇزۇن يىللارغىچە توختىمىدى.  ئىشەنمەسلىك ھۆكۈم سۈردى.
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇيغۇر يۈرەك داغ ئاتۇ