تور بېكەتلەرگە ھەقىقى ئىسىمىڭىز بىلەن تىزىملىتىڭ

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-07 00:11:00

تور بېكەتلەرگە ھەقىقى ئىسىمىڭىز بىلەن تىزىملىتىڭ 2009 -يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، MySpace بېكەتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى، شۇنداقلا ئەمەلى قوللىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكۈچىلىرىنى ئۆزى...

      تور بېكەتلەرگە ھەقىقى ئىسىمىڭىز بىلەن تىزىملىتىڭ

        2009  -يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، MySpace بېكەتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى، شۇنداقلا ئەمەلى قوللىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكۈچىلىرىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتى بىلەن تور بەت زىيارەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئەزالار كۆزنىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىشلەتكۈچىنىڭ MySpaceتىكى ئارخىۋىدا ھەقىقى ئىسىم فامىلىسىنى ئاشكارلىلاشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى سورايدىغان ئىقتىدار قوشتى. MySpace نىڭ ھازىرقى باياناتىغا قارىغاندا داۋۇس مۇنبىرىدەك كاتتا يىغىلىشلار شۇنداقلا ھوللىۋودنىڭ ئارتىسلىرى، CNNنىڭ مۇخبىرلىرىدەك قىزىق نۇقتىلىق شەخسلەرمۇ MySpaceتىن ھەق ئېلىپ تۇرۇپ بلوگ ئاچقان بولۇپ، MySpaceھازىرچە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تور تەخەللۇسى ئارقىلىق بوشلۇق ئېچىپ زىيات قىلىشىنى چەكلىمىگەن بولسىمۇ Facebook ھەقىقى ئىسىم بىلەن بلوگ ئېچىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان ئىشلەتكۈچىلەر قارشى تەرەپنىڭ ئەسلى سالاھىيىتىنى بىلىپ تۇرىدىغان بولغان، Facebookنىڭ قىممىتى ۋە بىلوگلارنىڭ زىيارەت ئەھۋالىمۇ MySpaceتىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن.
       2009-يىلى ھەر قايسى بېكەتلەرنىڭ ھەقىقى ئىسىم بىلەن تىزىملىتىشنى تەشەببۇس قىلىشى بىر ئېقىمغا ئايلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ، چۈنكى گوگۇل شىركىتىمۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ گوگۇلدىكى ئادرىسى ئارقىلىق باشقا ئۈچىنچى تەرەپ بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. ھەقىقى ئىسىم قوللانمىغان ئىشلەتكۈچىلەر تور بېكەتلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋارىچىلىقى ئەخلەت ئىشلەتكۈچىلەرنى ئاينىتىۋېتىش، بىر شەخسنىڭ بىر نەچچە نامى بولسىمۇ ھىچقايسىنى يىللاپ قوللانماي، مۇلازىمېتىر ئىسراپچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ، نەشىر ھوقۇقى دەۋالىرى ۋە بېكەتنىڭ مۇكاپات، راي-سىناش پائالىيەتلىرىگە پاسسىپ تەسىر بېرىشتىن سىرت يەنە ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن ھوقۇقتىن مەھرۇم قېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق