ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن مىليادېرلىق مۇساپىسىغىچە

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 00:00:00

ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن مىليادېرلىق مۇساپىسىغىچە ئالىي مەكتەپ ھاياتى ___ كۆپىنچىمىز ئۈچۈن كۆپلەپ دوست تۇتىدىغان، ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلىپ ئەركىن ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيدىغان ۋە ياكى 4-5 يىل كىتابت...

    ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن مىليادېرلىق مۇساپىسىغىچە

     

     

    ئالىي مەكتەپ ھاياتى ___ كۆپىنچىمىز ئۈچۈن كۆپلەپ دوست تۇتىدىغان، ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلىپ ئەركىن ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيدىغان ۋە ياكى 4-5 يىل كىتابتىن باشنى كۆتۈرمەي ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، كۈتكەن يەرلىرىدىن چىقىپ، نومۇرنى ياخشى ئېلىپ مەكتەپ تارقاتقان تۆمۈر تامغا بېسىلغان ئۇنۋان كىنىشكىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان ئالامەت بىر ئۇنتۇلغۇسىز ھاياتتەك تۇيۇلىدۇ.  لېكىن كۆزىمىزنى تور دۇنياسىغا تىكىپ، كېچە -كىچىلەپ ئۆگىنىپ كېلىۋاتقان چەتئەل تىللىرىنى ئىشلىتىپ چەتئەل تور بىكەتلىرىدىن ئىزدەيدىغان بولساق، يەنە بەز ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان ئوقۇغۇچىلار مىلىيونېر بولۇش ئارزۇسىنى ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىز ئويلايدىغان ئۆمۈرلۈك ئارزۇلىرىمىزنى نەچچە قاتلاشقا جۈرئەت قىلماقتا.

     

     


       تۆۋەندە دۇنيادىكى مىليونېرلىق ھاياتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش مەزگىلىدىلا  ئىشقا ئاشۇرالىغان 10 باينى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

     

    Mark Zuckerberg ئۆزىنىڭ دۇنياغا داڭلىق، ئەزا سانى ئەڭ كۆپ، كۈندىلىك كۆرۈلۈش سانى دۇنيادا ئالدىنقى 4 تور بىكەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان facebook تورىنى قۇرۇشنى خارۋاردتىكى كىچىككىنە ياتاق ئۆيىدىن باشلىغان. ئۇنىڭ ھازىرقى مۈلكى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.

     

     

    - Tripod ھازىرقى ئەڭ داڭلىق تور بوشلۇق تەمىنلەش شىركەتلىرىنىڭ بىرسى. بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى Collage ، Williams مەكتىپىنىڭ 2 ئوقۇغۇچىسى Bo- Peadoby بىلەن .Brett Hershey كېيىنچە بۇ شىركەتنى پايچىك بازىرىدا 58 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋەتكەن.

     

     

    3-Fred ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ leYa ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تېز يوللانما سانائىتىنىڭ سېستېمىلاشتۇرۇلۇشى  ھەققىدە بىر ماقالە يازىدۇ. بۇ ماقالە ئۇنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئالدىن قاتاردا تۇرىدىغان تېز يوللانما شىركىتى Fedex نى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

     

     

    Fedexھەققىدە سىلەرمۇ كۆپ ئاڭلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن Fedex .نىڭ ھازىرقى مەبلىغى 66 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. ھازىرغا قەدەر Fred ئەپەندى CEO  لىدىرلىق  ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

     

    ئۆمەر سۇلايمان - مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سىنىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى يۆتكەش شىركىتى قۇرۇش پىلانىنى دۆلەتلىك ئىگىلىك تىكلەش پىلانى چېمپىيون تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرىدۇ ۋە 10مىڭ دوللار مۇكاپات ئالىدۇ. كېيىن ئۇ Nick Fiendman بىلەن بىرلىشىپ College Hunks Hauling  Junk ئەخلەت يۆتكەش شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھازىر ئۇلانىڭ 21 تارماق شىركىتى ۋە 12 تارماق ئورنى بار.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.