قېرىندىشىمىزغا ياردەم قولۇمىزنى سۇنۇپ قويايلى

يوللىغۇچى : patima يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-18 10:44:22

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار :ھەممىزگە مەلۇم پەرزەنت ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىكى شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ چىن مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى بالىنىڭ بېشى ئاغرىسا ئانىنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ،بالىنىڭ...



     

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار :

    ھەممىزگە مەلۇم پەرزەنت ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىكى شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ چىن مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى بالىنىڭ بېشى ئاغرىسا ئانىنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ،بالىنىڭ پۇتىغا كىرگەن تىكەن ئاتا-ئانىنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر سانجىلغاندەك بولىدۇ،چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىدىنمۇ ئارتۇق مۇھەببەت بولمىسا كېرەك،مۇجايىدىننىڭ بۇدۇنياغا كېلىشى بۇ بىر جۈپ ئاتا-ئانىنى چەكسىز خۇشاللاندۇرغان شۇنداقلا ئۇلارنى بالىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە گۈزەل ئويلارغا چۆمدۈرگەن ئىدى،بالا شۇنداق ئوبدان چوڭ بولدى،ئوماق بولدى، تاتلىق بولدى،ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى يەنە بىر بەختكە چۆمدۈردى،بىراق بۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى ئۇزاققا بارمىدى،بالا بىر كۈنى تۇيۇقسىز قاتتىق قىزىپ كەتتى ئۇلار بالىنى دەررۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى،بىراق بالا  قىزىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن مېڭە پارالىچ كېسىلى بولۇپ قالغاندى،شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئائىلە تۇرمۇشىدىن شامال ئۇچۇشقا ،كۈنلىرى دوختۇرخانىلاردا ئۆتۈشكە، تاپقان-تەرگىنى دوختۇرخانىنىڭ يولىدا سورۇلۇشقا باشلىدى،بىراق ئانا بىر قېتىممۇ ۋايجانلىمىدى،مانا ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك بالىنىڭ تىلى چىقتى ئانسىنى "ئانا' دەپ چاقىرالايدىغان ئانىنى ھەم تونالايدىغان بولدى،دوختۇرلارمۇ ھەم بۇ بالىنىڭ ساقىيىپ كېتىشىدە ئۈمىد با ر،بىراق نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ دېدى،بالىنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلگەن ئاتا-ئانا چەكسىز خۇشال بولدى،بىراق ھەممە نەرسە پۇلغا چېتىلدىغان بۈگۈنكى كۈندە بىر يېرىم يىلدىن بۇيان بالا ئۈچۈن تاپقان-تەرگىنىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئاتا-ئانىنىڭ بېشى يەنە قېتىشقا باشلىدى ،قانداق قىلىش كېرەك بالىنى داۋالاتماي يۇرتقا ئەكىتىش كېرەكمۇ؟ ياق،ياق ئاتا-ئانا ھەرگىزمۇ ئۆز يۈرەك پارىسىنى قاراپ تۇرۇپ پۇلنى دەپ ئۆلۈمگە ئىتتىرمەيدۇ،چۈنكى ئۇلار ئەتراپىمىزدا باشقىلار ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنىدىغان ئاقكۆڭۈل ،ساخاۋەتچى كىشلەرنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشنىدۇ،ئەزىز قېرىنداشلار ھەممىز بىرلىكتە مۇجايىدىننىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى،بىزدە :تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر تاپالمىغىنى بىر باش پىياز "دەيدىغان گەپ بار،قېنى ھەممىز قولىمىزدىن كېلىشچە بىر ياردەم قىلىپ باقايلى،بىزدە يەنە "سەۋەب قىل ،تەلەپ قىل "دەيدىغان گەپ بار سەۋەب قىلساق بەلكىم مۇجايىدنغىمۇ ئاتا-ئانسىغىمۇ تاڭ قايتا ئاتار.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.