پۇل تېپىشمۇ مۇنداق قىزىقارلىق بولالايدۇ

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 13:46:50

پۇل تېپىشمۇ مۇشۇنداق قىزىقارلىق بولالايدۇ1.ئەگەر سىز سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرسىڭىز:سىزنى كۈتۈۋاتقان قوشۇمچە خىزمەت- مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان بەدىئىي سۈرەتچىلىك:سىزنىڭ قىلدىغىنىڭىز بولسا-...



     

    پۇل تېپىشمۇ مۇشۇنداق قىزىقارلىق بولالايدۇ

     

    1.ئەگەر سىز سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرسىڭىز:

    سىزنى كۈتۈۋاتقان قوشۇمچە خىزمەت- مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان بەدىئىي سۈرەتچىلىك:

    سىزنىڭ قىلدىغىنىڭىز بولسا- ئۆزگىچە بولغان، شۇنداقلا مىللى خاسلىقىمىزنى گەۋدىلەندۈرگەن، شۇنداقلا كۈچلۈك سەنئەت پۇرىقىغا ئىگە بولغان سۈرەتلەرنى تارتىش.

    كىرىم-مۇقىم بولمايدۇ.

     

    2.ئەگەر سىزنىڭ كەسپى تالانتىڭىز بولسا:

    سىزنى كۈتۈۋاتقان خىزمەت -ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى

    سىزنىڭ قىلدىغىنىڭىز بولسا- كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىشىنى خالايدىغان بالىلار ۋە ياشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش.

    ئوتتۇرىچە كىرىم- ھەر قېتىملىقى 20 يۈەن

    پېئانىنو، رەسىم سىزىش، چەتئەل تىلى بىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىردىن پايدىلىنىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈش

     

    3. ئەگەر سىز قول ھۈنەۋەنچىلىكىنى ياخشى كۆرسىڭىز:

    سىزنى كۈتۈپ تۇرغان خىزمەت- بەدىئىي قول ھۈرۋەنچىلىكى

    سىزنىڭ قىلدىغىنىڭىز بولسا-تېخمۇ كۆپ ۋە چىرايلىق بولغان لاتا قونچاق، ساپال بويۇملار، زىننەت بويۇملىرىنى ياساش

    ئوتتۇرىچە كىرىمى-2000يۈەن

    لاتا قونچاق ياساشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ساپال بويۇم ياساشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ياكى قولدا زىننەت بويۇمى ياساشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ توردا بىر دۇككان ئېچىپ ئۆزىڭىزنىڭ نەرسىلىرىنى سېتىپ كۆرۈپ بېقىڭ، ياكى نەرسىلىرىڭىزنى باشقىلارنىڭ دۇكانلىرىغا ئاپىرىپ ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىزدە ھەم بىرخىل ئۇتۇق قازىنىش خۇشاللىقىغا ئېرىشەلەيسىز ،شۇنداقلا يەنە پۇل تاپالايسىز.

     

    4. ئەگەر سىز داۋاملىق چەتئەلگە چىقىدىغان بولسىڭىز:

    سىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان خىزمەت بولسا- ۋاكالەتچى بولۇش

    سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز بولسا- چەتئەلدىن داڭلىق ماركىلىق كىيىم -كېچەك ۋە گىرىم بويۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ۋەتەنگە ئېلىپ كىرىش

    ئوتتۇرىچە كىرىم- 2000يۈەن -5000 يۈەن

    خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسكەن ئەۋۋزەللىكىدىن پايدىلانغاندا، چەتئەلدىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسى بىزنىڭ دۆلەتتىكى باھاسىنىڭ70 گە توغرا كېلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پۇل تېپىش. _