ھازىر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان كالېندارلار

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-08 00:00:00

ھازىر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان كالېندارلارمىلادىيە كالېندارىمىلادىيە كالېندارى (公历)-ھازىر دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان كالېندار بولۇپ، شەمسىيە كالېندارى (قۇياش كالېندارى) تۈرىگە كىرىدۇ. بۇ ...

    ھازىر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان كالېندارلار

     

    مىلادىيە كالېندارى


       مىلادىيە كالېندارى (公历)-ھازىر دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان كالېندار بولۇپ، شەمسىيە كالېندارى (قۇياش كالېندارى) تۈرىگە كىرىدۇ. بۇ كالېنداردا ئادەتتىكى يىل 365 كۈن، كەبىسە يىلى 366 كۈن؛ ھەر تۆت يىلنىڭ ئۈچ يىلى ئادەتتىكى يىل، تۆتىنچى يىلى كەبىسە يىلى ھېسابلىنىدۇ.

     

    بىرلەر خانىسى بىلەن ئونلار خانىسى بىرلا ۋاقىتتا نۆل بولمىغان يىللاردا، تۆتكە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان يىللار كەبىسە يىلى، تۆتكە پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان يىللار ئادەتتىكى يىل ھېسابلىنىدۇ. بىرلەر خانىسى بىلەن ئونلار خانىسى بىرلا ۋاقىتتا نۆل بولغان يىللاردا، 400 (تۆت يۈز) گە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان يىللار كەبىسە يىلى، 400 (تۆت يۈزگە) پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان يىللار ئادەتتىكى يىل ھېسابلىنىدۇ. ھەر تۆت يۈز يىلدا 97 قېتىم كەبىسە يىلى بولىدۇ. بۇ كالېنداردا بىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنىدۇ. 1-،3-،5-،7-،8-،10-،12- ئايلار 31 كۈنلۈك بولۇپ، چوڭ ئاي ھېسابلىنىدۇ؛ 4-،6-،9-،11- ئايلار 30 كۈنلۈك بولۇپ كىچىك ئاي ھېسابلىنىدۇ. 2-ئاي بولسا ئادەتتىكى يىللاردا 28 كۈن، كبىسە يىلى 29 كۈن بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە مىلادىيە كالېندارى مىلادىيە 1949-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ رەسمىي قوللىنىلدى.
     

     


    ھىجرىيە كالېندارى


    ھىجرىيە كالېندارى ئىسلام دىنى كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ كالېندار قەدىمكى ئەرەب كالېندارى ئاساسىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، مىلادىيە كالېندارىدىن قالسا دۇنيا بويىچە تارىخ ئۇزۇن ئۆلچەملىك كالېندار ھېسابلىنىدۇ.
    «ھىجرىيە» دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆز ئەسلىدە «ھىجرەت» يەنى «كۆچۈش» ياكى «يۆتكىلىش» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان.
    مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەككە شەھرىدە تۇرۇشلۇق قۇرەيش قەبىلىسى ئاقسۆڭەكلىرى باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، مىلادىيە 622-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى مەككىدىن مەدىنىگە كۆچكەن. مىلادىيە 634-يىلى تەختكە چىققان ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر فارۇق «ھىجرەت» نى مەڭگۈ خاتىرلەش ئۈچۈن، مىلادىيە 622-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنىنى ھىجرىيە كالېندارى بىرىنچى يىلىنىڭ نورۇزى يەنى يىل بېشى قىلىپ بەلگىلىگەن.شۇنىڭدىن ئېتىبارەت، بۇ كالېندار مۇسۇلمانلارنىڭ يىلنامىسى قىلىپ قوللىنىلماقتا.شىنجاڭدا 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھىجرىيە كالېندارى تەدرىجىي ئومۇملاشقان.
    ھىجرىيە كالېندارى ساپ قەمەرىيە كالېندارى (ئاي كالېندارى)بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاينىڭ تولۇش ۋە ئويۇلۇش دەۋرى بىر ئاي، ھىلال ئاي چىققان كۈن شۇ ئاينىڭ 1-كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن، تاق ئايلار 30 كۈن ، جۈپ ئايلار 29 كۈن ھېسابلىنىپ، بىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنۈپ، ئادەتتىكى يىللار 354 كۈن ھېسابلىنىدۇ. 30 يىل بىر دەۋر (قەرنە)ھېسابلىنىپ، بىر قەرنەنىڭ 2-،5-،7-،10-،13-،16-،18-،21-،24-،26-،29- يىللىرىنىڭ ئاخىرقى 12-ئېيىغا بىر كۈن قوشۇلۇپ، بۇ يىللارنى ھەر بىرى 355 كۈن قىلىنىدۇ. ئەمما ھىجرىيە كالېندارىدىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرچە كۈن سانى 354 كۈن 8 سائەت 48 مىنۇت بولغاچقا، ئۇنىڭ بىر يىلى تروپىك يىلىدىن 10 كۈن 21 سائەت 1 مىنۇت كەم بولۇپ، ھەر 2.7 يىلدا تروپىك يىلىدىن 1 ئاي، 32.6 يىلدا تروپىك يىلىدىن بىر يىل پەرقلىنىدۇ. ئادەتتە، مىلادىيە كالېندارىدا 32 يىل ئۆتكەن بولسا، ھىجرىيە كالېندارىدا تەخمىنەن 33 يىل ئۆتكەن بولىدۇ. شۇڭا، مىلادىيە كالېندارىدا رەمازان، ھېيت-بايراملار ھەر يىلى تەخمىنەن 11 كۈندىن سۈرۈلىدۇ.

     

     


    دېھقانلار كالېندارى
    دېھقانلار كالېندارى (
    农历)-مەملىكىتىمىزدە قەدىمدىن ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى يىلناما بولۇپ، قەدىمكى قەمەرىيە كالېندارى بىلەن شەمسىيە كالېندارىنىڭ يىل ھېسابلاش قائىدىسى بويىچە تۈزۈپ چىقىلغان. بۇ كالېندار ئەڭ ئاۋۋال «خۇاڭدى يىلنامىسى»، «قەمەرىيە يىلنامىسى» دەپ ئاتالغان دېھقانلار كالېندارىدىكى ئايلار بىلەن كۈنلەر ئاي-قۇياش كالېندارىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ھازىر مەملىكىتىمىزدە ئىشلىتىلىۋاتقان كالېندارلاردا، مىلادىيە چېسلاسىنىڭ يېنىدا دېھقانلار كالېندارىنىڭ چېسلاى ئەسكەرتىلگەن بولىدۇ. دېھقانلار كالېندارىدا بىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنگەن. چوڭ ئاي 30 كۈن كىچىك ئاي 29 كۈن، بىر يىل 353 كۈن، 354 كۈن يەكى 355 كۈن بولۇپ، ھەمىشە ئاي فازىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دېھقانلار كالېندارىدا چوڭ، كىچىك ئايلار نۆۋەتلىشىپ كېلىدۇ. بەزىدە 2~3 ھەتتا 4 چوڭ ئاي ياكى 2~3 كىچىك ئاي ئۇلىشىپ كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدۇ. قەمەرىيە ھېسابىدا يېڭى ئاينىڭ كۆرۈنۈشى ئاي بېشى ھېسابلىنىدۇ. شەمسىيە كالېندارىغا سېلىشتۇرغاندا ھەر يىلدىكى ئوتتۇرچە كۈن سانى 10 كۈن ياكى 11 كۈن كەم. شۇڭا، دېھقانلار كالېندارىدا تەخمىنەن ھەر ئىككى، ئۈچ يىلغان بىر كەبىسە ئاي قوشۇلىدۇ. ھەر 19 يىلغا 7 كەبىسە ئېيى قوشۇلىدۇ، كەبىسە ئېيى قوشۇلغان بىر يىل 383 كۈن، 384 كۈن ياكى 385 كۈن بولۇپ، 13 ئاينى تەشكىل قىلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.