ب د ت دىكى 5 دائىمي ئەزا دۆلەت قانداق بىكتىلگەن؟

يوللىغۇچى : tohtaji يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-02 23:09:00

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش چوڭ دائىمىي ئەزا دۆلەت قانداق بېكىتىلگەن ؟ رۇزېۋلىتنىڭ «تۆت ساقچى» ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى 1943-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈندىن 12-ئاينىڭ1-كۈنىگىچە، سوۋىت ئىتتىپاقى، ئام...

    ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش چوڭ دائىمىي ئەزا دۆلەت قانداق بېكىتىلگەن ؟

    رۇزېۋلىتنىڭ  «تۆت ساقچى» ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى

    1943-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈندىن 12-ئاينىڭ1-كۈنىگىچە، سوۋىت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئۇچ دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تېھراندا يىغىن چاقىرىدۇ،  يىغىندا رۇزېۋىلىت  خەلقئارا تەشكىلات قۇرۇش توغرىسىدىكى نىسبەتەن كونكرېتنى بولغان پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.روزېۋىلىت يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رايون خاراكتېرلىك بولماستىن ، بەلكى دۇنيا خاراكتېرلىك بولۇشنى تەكىتلەيدۇ.روزېۋىلىتنىڭ بۇ تەكلىپى چېرچىل بىلەن ستالىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.12-ئاينىڭ 24-كۈنى، روزېۋىلىت يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:«ئەنگلىيە، سوۋىت ئىتتىپاقى ، جۇڭگۇ ، ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداش  دۆلەتلەر پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۇچتىن تۆت قىسىمىدىن كۆپىرەكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پەقەت  مۇشۇ تۆت دۆلەت  بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ،  دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا ئىرادە باغلايدىغانلا بولسا،  مەلۇم بىر تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشنى قوزغاش ئېھتىمالى بولمايدۇ. مانا بۇ دۇنياغا مەشھۇر «تۆت ساقچى» ئىدىيىسى بولۇپ،  بۇ ئىدىيە كىيىن  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشگە ئەزا دۆلەتلەرنى بىكتىىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان.

    جۇڭگونىڭ دائىمىي كېڭەش دۆلەت بولۇپ بېكىتىلىشى

    تېھران يىغىنى مەزگىلىدە،  روزېۋىلىت 1943-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كىيىن ، سىتالىن بىلەن 45مىنۇتلۇق خۇسۇسىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.سۆھبەت جەريانىدا، روزېۋلىت ئۆزىنىڭ ب د ت نىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرى ، جۈملىدىن،  «دۇنيا ساقچىسى» مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.

    سوۋىت ئىتتىپاقى «دۇنيا ساقچىسى» چوقۇم ئامېرىكا ،  سوۋىت ئىتتىپاقى،  ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئۇچ دۆلەتتىن تەركىب تېپىشى كېرەك،  جۇڭگونىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشقا ھوقۇقى يوق دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ.1943 -يىلى 10-ئايدا، سوۋىت ئىتتىپاقى،  ئامېرىكا ،  ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئۇچ دۆلەت  موسكىۋادا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى يىغىنى ئۆتكۈزگەندە،  ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت ئىشلار كاتىپى خوۋېر «تۆت دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامىسى» نى يىغىن كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۇش مەسىلىسىگە  قاراپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقىتتا،  سوۋىت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مولوتوق باشقىچە پىكىردە بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ، سوۋىت ئىتتىپاقنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى جۇڭگونى سىقىپ چىقىرىش ئىدى. شۇڭا  سوۋىت ئىتتىپاقى: جۇڭگۇ بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشمىغان بولغاچقا،  بۇ ئۇچ دۆلەتنىڭ يىغىنى ئارقىلىق تۆت دۆلەتنىڭ باياناتىنى مۇزاكىرە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ تۇرۇۋالىدۇ.بىراق خوۋېر جۇڭگونى باياناتنى ئورتاق ئىلان قىلغۇچى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەتتاكى بۇ قېتىملىق يىغىندا كېلىشىم ھاسىل قىلالماسلقتەك چوڭ بەدەل تۆلەشتىنمۇ  يانمايدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. ئاخىردا مولتوف  مۇرەسسە قىلىپ، جۇڭگۇ مەسلىسنى كىيىن مۇزاكىرە قىلشقا قالدۇرۇپ قويۇشقا ماقۇل بولىدۇ.

    سىتالىن ئامېرىكىنىڭ جىياڭ جىشى ھۆكۈمرانلىقىدىكى جۇڭگونى «دۇنيا ساقچىسى» قاتارىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇنداق لايىھىنى، يەنى ئىككى تەشكىلات قۇرۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:بىرى، ياۋرۇپا تەشكىلاتى بولۇپ، ئامېرىكا ، ئەنگلىيە ، سوۋىت ئىتتىپاقىدىن تەشكىللەنگەن بولۇش، ئېھتىمال ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن يەنە بىرسى قوشۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن:يەنە بىرى بولسا، يىراق شەرق تەشكىلاتى ياكى دۇنيا تەشكىلاتى:ياكى بولمىسا بىر ياۋرۇپا تەشكىلاتىغا بىر دۇنيا تەشكىلاتنى قوشۇش ئىدى.لايىھە تولىمۇ ئەتراپلىق ، گەپ -سۆزلىرى تولىمۇ سىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى مەقسەت يەنىلا جۇڭگونى «دۇنيا ساقچىسى » قاتارىغا كىرگۈزمەسلىك ئىدى.
       روزۋېلىت يەنىلا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرغان .ئۇ كۆپ خىل سورۇنلاردا مۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن:«كەلگۈسىدە ، ئاسانلىقچە مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدىغان جۇڭگۇ شەرقى ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.»  ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنىى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى،  لېكىن تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىنى ئويلىغاندا، 4يۇز مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇش ، ئۇنى ئۆزىگە نىسبەتەن يوشۇرۇن خەۋپنىڭ مەنبەسى قىلۋالغانلىقتىن ياخشىراق ئىكەنلىكى ئەسكەرتكەن ۋە «جۇڭگونى مۇشۇنداق بىر دۇنياۋىي تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالي كېڭەش ئەزاسى قىلىش، بۇ تەشكىلاتنى دۇنياۋىلاشتۇرۇپ، ئاسىيانى بۇ تەشكىلاتقا سادىق بولۇشقا چاقىرىق قىلغانلىق بولىدۇ» دىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكرار -تەكرار چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن،  جۇڭگۇ ئاخىرى «خەلقارا ساقچى»گورۇھىغا كىرىدۇ.

    بەش چوڭ دائىمىي كىڭەش دۆلەتنىڭ رەسمىي بېكىتىلىشى
       1944-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈندىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، ئامېرىكا ، ئەنگلىيە ، سوۋىت ئىتتىپاقى، جۇڭگودىن ئىبارەت 4دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋاشنگوتۇن ئەتىراپىدىكى بىر قەدىمىي باغچا - دومباردون  باغچىسىدا يىغىن ئاچىدۇ .يىغىن ب د ت  نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى پىلانلاپ، ب د ت نى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.
       1945-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يالتا يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر سان- فىرانسېسكۇدا  نىزامنامە تۇزۇش يىغىنىنى چاقىرىشنى ، جۇڭگۇ ۋە فىرانسىيىنىڭ  ئامېرىكا ، ئەنگلىيە ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە سان -فىرانسىسكو يىغىندا نىزامنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەردىن بولۇشنى قارار قىلىدۇ   (ئەينى ۋاقىتتا فىرانسىيدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ بولغان)
       1945-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ، سان-فىرانسىسكودا ئېچىلغان نىزامنامە تۇزۇش يىغىنى غەلىبىلىك ئاياغلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «ب د ت نىزامنامىسى» رەسمىي ئىمزالىنىدۇ. نىزامنامىنىڭ 23-ماددىسىدا:«خەۋپسىزلىك كېڭشىدىكى بەش دائىمىي دۆلەت ئامېرىكا ، سوۋىت ئىتتىپاقى ، جۇڭگۇ ، ئەنگلىيە ، فىرانسىيە بولۇپ، بەش دائىمىي كىڭەش دۆلەتنىڭ ئورنى شۇندىن ئېتىبارەن رەسمى بىكىتلىدى»دىيلگەن.نىزامنامىدە يەنە «چوڭ دۆلەتلەر بىرلىكى» پرىنسىپى بىكتىلىدۇ :«خەۋپسىزلىك كېڭىشى  تاساددىپىي يۈز بەرگەن  مەسىللىرىدە بىلەت تاشلاپ قارار چىقارغان ۋاقىتتا، ئەگەر پەقەت بىر چوڭ دۆلەت قېتىلمىسا، قارارنى ماقۇللاشقا بولمايدۇ.»بۇ پرىنسىپ رايون توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم رايوندا زوراۋانلىق قىلىشنى چەكلەش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزىنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.تاكى ھازىرغىچە بۇ پرىنسىپ «ب د ت نىڭ نىزامنامىسى» دىكى مۇقىم ۋە ئۇنۇملىك پرىنسىپ بولۇپ كەلمەكتە.

    دائىمىي كېڭەش دۆلەتلەر مىخانىزمى  غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە
        ب د ت قۇرۇلغاندىن بۇيان ،  خەۋپسىزلىك كېڭىشدىكى دائىمىي دۆلەتلەردىن ئىبارەت بۇ مىخانىزم دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش،  رايون توقۇنۇشنى ھەل قىلش قاتارلىق مەسىلىلەردە غايەت زور رول ئويناپ كەلدى.2002-يىلغىچە،  خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەخمىنەن 55تۇرلۇك تىنچلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتىنى تەستىقلاپ ئىجرا قىلىپ، رايونلار توقۇنۇشنىڭ  راۋاجلىنىشى ۋە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.بۇ مىخانىزم سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كىيىن  ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق