كۆرۈۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياشمۇ؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-23 20:54:35

كۆرۈۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياشمۇ؟كۆرۈۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياشمۇ؟ بۇ بەلكىم سىزگە بىر بىھۇدە سوئالدەك بىلىندىغۇ دەيمەن؟ سىز بۇ سوئالغا ئويلانمايلا: «ئەلۋەتتە شۇنداق!» دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكى...

    • كۆرۈۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياشمۇ؟

     

     

    كۆرۈۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياشمۇ؟ بۇ بەلكىم سىزگە بىر بىھۇدە سوئالدەك بىلىندىغۇ دەيمەن؟ سىز بۇ سوئالغا ئويلانمايلا: «ئەلۋەتتە شۇنداق!» دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىيەتتە شۇ تاپتا كۆرۈۋاتقىنىڭىز ھازىرقى قۇياش ئەمەس! بەلكى سەككىز مىنۇت ئىلگىرىكى قۇياش!

     

    بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تەكرارلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق قۇياش بولسا يەرشارىغا ئەڭ يېقىن بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز ، قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى 150 مىليون كلومېتىر بولۇپ، ئۇ چىقارغان نۇر، بۇ ئارىلىقنى سەككىز مىنۇتتا بېسىپ ئاندىن يەر شارىغا كېلەلەيدۇ، دېمەك، بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان كۈن نۇرىنى قۇياش سەككىز مىنۇت ئىلگىرى چىقارغان، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن كۆرۈۋاتقىنىمىز ئەلۋەتتە سەككىز مىنۇت ئىلگىرىكى قۇياش بولىدىغانلىقى ئېنىق.

     

    بىزنىڭ ئاخشىمى ئاسمانغا قاراپ كۆرۈۋاتقىنىمىز  ئاسمان بوشلۇقى ۋە سان- ساناقسىز يۇلتۇزلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بولماستىن، بەلكى 10 يىل ئىلگىرىكى ئاسمان بۆرىسى يۇلتۇزى، 27 يىل ئىلگىرىكى پادىچى يىگىت ۋە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى، 80 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتىكى يۇلتۇزلار......  ھازىرقى ئاسمان بۆرىسى يۇلتۇزىنى بولسا بىز 10 يىلدىن كېيىن ئاندىن كۆرەلەيمىز...

     

    كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ يۇقىرىقى ھادىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بەك كۆپ. بىز ئادەتتە ئۇتۇق قازانغان، داڭلىق شەخسلەرنى، ئۆز ھايات نەتىجىلىرىدىن پارلاق نۇر تاراتقان چولپانلارنى ئەزەلدىن ناھايىتى تەلەيلىك، ئاشۇ شەرەپلەرگە ئاسانلا ئېرىشكەن دەپ ئويلاپ قالىمىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ  ئۇلار تارتقان جاپا- مۇشەققەتتىن كەلگەنلىكىنى، ئەڭ ياخشى ئىقتىدارنىڭ ھەمىشە جاپادا تاۋلىنىپ، مۇشەققەتتە سىنىلىپ يېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاشۇ شان- شەرەپلەرگە ئېرىشىش يولىدا كۆپ يىل تارتقان جاپالىرىنى، تۈلىگەن بەدەللىرىنى، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز.

     

    مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغانلارنىڭ ئالتۇن مېدال ئالغاندا ھاياجاندىن كۆز يېشىنى توختىتالمىغانلىقىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچە ھېسياتچانلىقىدىن بولغان دەپ تېگىگە يېتەلمەيمىز. تالاي رىقابەتچىلەر ئارىسىدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ جاپالىق مەشىقلەرگە قەيسەرلىك بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنىڭ، نۇرغۇن قۇربانلىق بەرگەنلىكىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئالتۇن مېدال ئاخىرى قولغا كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ كۆز يېشى قىلماي، ھاياجانلانماي تۇرالىسۇن!

     

    يۇقىرىقى ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈشتىكى مەقسىتىمنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز! مېنىڭچە ھەر بىرىمىز كائىناتتىكى بىر تال يۇلتۇزغا ئوخشايمىز، پەقەت ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ نۇر چاچقىنىمىزدىلا  10 يىلدىن كېيىن ياكى 20 يىلدىن كېيىن خەلقىمىزگە پارلاق نۇر چاچقان گۈزەل ھاياتىمىزنى نامايان قىلالايمىز. ئەگەر بىز كەلگۈسىدە ھەممە ئىشتا مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەنمىز، جەزمەن يېتەرلىك ئوغۇت تەييارلاپ، يەرگە كۆپرەك سورتلۇق ئۇرۇق چېچىپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىمىز لازىم.

       كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىشىلەر ھاياتىمىز چاقناتقان پارلاق نۇرلارغا ئالقىش ياڭراتسۇن دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتكە ئالدانماي، تىزلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەي، كېيىن دەسمايە قىلىش ئۈچۈن، تەجرىبە ۋە بىلىملەرنى ئاز- ئازدىن جۇغلاپ بېرىشىمىز، شۇنداقلا ھازىردىن باشلاپ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئوبدان چۈشىنىپ ۋە دەڭسەپ كۆرۈپ، ئۆزىمىزگە لايىق بولغان توغرا ئۆمۈرلۈك  نىشان تۇرغۇزۇشىمىز لازىم.

     

    ئاندىن جىمى ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، بارلىق ئىمكانىيىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، بەدەل تۆلەشتىن، جاپادىن، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ئۆمۈرلۈك  نىشانىمىزنى يارقىن چاقنىتىش ئۈچۈن    توختىماستىن تىرىشىپ ئېنېرگىيە توپلاپ،  كەڭ ئالەمنى بىز چاچقان رەڭگا- رەڭ نۇرلار بىلەن تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ  بېزىشىمىز  كېرەك.

    مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 7- سانىدىن ئېلىندى.

     

    بىدار بلوگىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.