تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -10

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-04 10:59:34

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -10 «كۆر ئوغلى» ياكى «گۆر ئوغلى» داستانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات (2)... كۆر ئوغلى داستانى ئەسىرلەردىن بېرى پەقەت بىر ياكى بىر قانچە خەلقنىڭ ئەدەبىياتىد...



    تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -10

     

       «كۆر ئوغلى» ياكى «گۆر ئوغلى» داستانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات (2)... 

     

         كۆر ئوغلى داستانى ئەسىرلەردىن بېرى پەقەت بىر ياكى بىر قانچە خەلقنىڭ ئەدەبىياتىدا نېگىزلىك ئورۇندا تۇرۇشتىنمۇ بەكرەك، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، تارىخى، سۆز بايلىقى، شېئىر ۋە ساز سەنئىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان تەڭداشسىز بىر پارچە ئەسەردۇر. كۆر ئوغلى داستانى ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ئالىملار، تارىخچىلار، ئەدەبىياتچىلار ۋە يازغۇچىلار تەرىپىدىن مەۋجۇت ۋارىيانتلار سۇنغان ئىمكانىيەتلەرگە كۆرە تەتقىق قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر كۆر ئوغلى داستانى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بارلىق تەتقىقاتلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئەڭ ئەتراپلىق شەكىلدىكى تەتقىقاتنىڭ تۈركمەنلەرنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، شائىرى ئانناگۇل نۇرمەممەت تەرىپىدىن تەييارلانغان 8 توملۇق «كۆر ئوغلى» ناملىق ئەسەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

     

    .......................................................................................

        يازغۇچىنىڭ كىتابقا يازغان مۇقەددىمىسىدىن بەزى نەقىللەرنى ئېلىش ئارقىلىق تۈركمەنلەرنىڭ كۆر ئوغلى داستانىغا دائىر قاراشلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

         يازغۇچى كۆرئوغلى داستانىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋارىيانتى دەپ قارىلىدىغان تۈركمەن ۋارىيانتىدىن يولغا چىقىپ، كۆر ئوغلى رېئاللىقى ۋە بىر قىسىم سوئال ئىشارەتلىرىنىڭ جاۋابلىنىشىغا، ئالىملارنىڭ يېڭى تەتقىقاتلىرىغا چىراق ياقىدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

      كۆر ئوغلىنىڭ تۈركمەن ۋارىيانتىغا كۆرە، بىر قاتار قىزىقارلىق نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن. سۆزىمىزنى قەھرىماننىڭ نامى بىلەن باشلايلى. قەھرىماننىڭ ئىسمى گۆر ئوغلى؛ يەنى مازارنىڭ ئوغلىدۇر. بۇ ئۇنىڭ كېيىنچە قويۇلۇپ قالغان ياكى سۇنئىي شەكىلدە قويۇلغان ئىسىمى بولماستىن، بەلكى بۇ داستاننىڭ مەنىسىدىن كېلىپ چىققان ئىسىمدۇر. خەلق داستاننى روياپقا چىقارغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئوغۇل بولۇشى، قەھرىمان بولۇشى، يىگىت بولۇشىنى، قىسقىسى باتور بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ زۇلمەتلىك دۇنيالىرىنى يۇرۇتۇش ئارزۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. باش قەھرىماننىڭ مازاردىن چىقىش ۋەقەسى، بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن رېئاللىقتىن يىراق، غەلىتە بىر خىل ھادىسە ھېسابلانسىمۇ، بۇ داستان تۈركمەنلەر ئارىسىدا قەدىمكى نامىنى ساقلاپ قالغان. بۇمۇ تۈركمەنلەرنىڭ مازار مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى تۈركمەنلەر قەدىمكى چاغلاردا مازارلىرىنى «گۆرامان» دەپ ئاتايتتى. «گۆرامان» ئۆڭكۈر تۈرىدىكى مازار بولۇپ، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئەسۋابلىرى، قوراللىرى ياكى ئۇنىڭغا ئائىت بارلىق نەرسىلەر ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇلۇپ، ئېغىزى تاش بىلەن ئىتىۋىتىلەتتى. گۆرامان تۈرىدىكى مازارلارنىڭ بىر قانچىسىنىڭ ئارخېلوگىيەلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، ئاشخابادتىن 100، 120 كىلو مېتىر يىراقلىقتىكى قاقا ناھىيەسى ئەتراپىدىن تېپىلىشى گۆرئوغلى پىكىرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

        گۆرئوغلىنىڭ قەبرىدىن چىقىشى ھەققىدىكى ۋەقە پەقەت تۈركمەن ۋە ئۆزبېك ۋارىيانتلىرىدىلا ئۇچرايدۇ. بۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، دوكتور ئىدرىسىنىڭ «بۇ داستان ئەڭ باشتا تۈركمەنلەردىن ئۆزبېكلەر ئارىسىغا تارقالغان» دېيىشىنىمۇ جەزملەشتۈرىدۇ. كېيىنچە، باشقا خەلقلەرگە گۆر سۆزىنىڭ كۆر دەپ تارقىلىشى ۋە گۆر ئوغلىنىڭ ئاتىسىنىڭ ياكى چوڭ دادىسىنىڭ كۆزىنى داغلاپ قارىغۇ قىلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىمالى تېخىمۇ كۈچلۈك. بۇ كۆرنىڭ ئوغلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەقە تۈركمەن داستانىدىمۇ ئۇچرايدۇ، لېكىن بۇ ئىككىنچى خىل ئېھتىماللىقتۇر. بەزىدە ئۇنىڭ ئىسمى كۆر ئوغلى دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ.

       داستاننىڭ باش قەھرىمانىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغان بىر خىل قاراڭغۇلۇقتىن كەلگەنلىكىنى بارلىق ۋارىيانتلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. گۆر ئوغلىنىڭ ئەسلى ئىسمى رۆۋشەن يەنى ئانادولۇ داستانىدا رۇشەن، ئەزەرى داستانىدا رۇشەن، قازاقلاردا رائۇشەن، گىرۇزى ۋارىيانتىدا بولسا رۇشان يەنى ۋىرىشن دەپ زىكىر قىلىنىدۇ.

    .......................................................................................

        داستاندا، گۆر ئوغلى نورمال بىر ئىنسان بولۇپ، مۇبالىغە قىلىنمىغان قەھرىمان بىر يىگىتتۇر. دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز، گۆر ئوغلىغا ئىنسانلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىمۇ، يامان تەرەپلىرىمۇ ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايسىز.

        گۆر ئوغلىنىڭ داستان شەكىلدە خەلقنىڭ ئارىسىدا تارقىلىشى ئۇنى بىر ئىنسان دائىرىسىدىن چىقىرىپ، خەلق مىراسىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغان. تۈركمەن گۆر ئوغلىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تۈركمەن خەلقىنىڭ بىر مىراس خەزىنىسى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا چۈشىنىۋالالايمىز. خەلق ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بېرى ئۆز تارىخىدىكى ۋەقەلەرنى، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى، ساز ۋە مۇقاملىرىنى، بەيگىچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى، ئۆرپ ۋە ئادەت، قىسقىسى ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن بارلىق نەرسىلەرنى مىراسىنىڭ بۇ بۈيۈك خەزىنىسىگە قويغان. گۆر ئوغلى قىممەتلىك بىر داستان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈركمەن خەلقىنىڭ داستانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرى زىكىر قىلىنىدۇ.

        مەسىلەن بەزى داستانلارنىڭ باش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنىدۇ:

     “ئارزى گاممارىدىن، كۈلەر يۈزىدىن،

    يۇسۇف زۇلەيخادىن ئايرىلمىدىمۇ؟

    لەيلى مەجنۇنىدىن، شىرىن پەرھاتتىن،

    ۋامىق ئۇزراسىدىن ئايرىلمىدىمۇ؟”

                                    

    (ئۆۋەز گەتىرەن)

        گۆر ئوغلى داستانىدا گۆر ئوغلى ئاتا –بوۋىلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ. مەسىلەن داستاندا:

    پىرىم يەسەۋىي خوجا ئەھمەت،

    يېتىشسەڭ چوغقا دۇچ كەلدۇق.  

    (ئايشەمەن)

       دېگەن مىسرالىرىدا، خوجا ئەھمەت يەسەۋىي ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇتەپەككۇر، ئۇستازلارنىڭ نامىنىڭ زىكىرى قىلىنىشى ۋە ئۇلاردىن تەلىم ئېلىشى، ئۇلارنىڭ پىكرىگە بوي سۇنۇشى، گۆر ئوغلىنى بىر پۈتۈن شەكىلدە مىللىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەدەنىيەتنىڭ ئوغلىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

        گۆر ئوغلى داستانىدا گۆر ئوغلىنى تاكامۇللاشتۇرغان ۋە ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بىر ۋەقە ئۇنىڭ دىنغا بولغان قارىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەزرىتى مۇھەممەدتۇر، پىرى ھەزرىتى ئەلىدۇر. گۆر ئوغلى ھەزرىتى مۇھەممەد ۋە ھەزرىتى ئەلىگە بولغان سۆيگۈسىنى بارلىق شېئىرلىرىغا سىڭدۈرىۋەتكەن ۋە ئۇلار ھەققىدە توختالغان. مەسىلەن:

    قادىر ئاللاھ ئىشىم ئەيلەدى قىسمەت،

    پىرىم ھەزرىتى ئەلى يېتىشتى ھىممەت،

    مەھشەر كۈنى شىپا بولىدىغان مۇھەممەد،

    ئەقىدىسىنى ئۇنىڭدىن ئالغانلار كەلدى.

    (“ئۆۋەزنىڭ كەلتۈرۈلۈشى”داستانى)

         يازغۇچى، گۆر ئوغلى داستانىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

    .......................................................................................

        گۆر ئوغلى تۈركمەنلەردە ھەر دائىم ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. لېكىن بەزى يەرلەردە بۇ سوئال گۆر ئوغلى سىرلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە يېشىلمىگەنلىكى ئۈچۈن جازابسىز قالغان؛ بەزىدە ئىككى تۈرلۈك گۆر ئوغلىنىڭ يارىتىلىشىغا سەۋەب بولغان. تۈركىيەمۇ ئىككى خىل كۆر ئوغلى (گۆر ئوغلى) نى بىلىدۇ. بىرى شائىر كۆر ئوغلى، ئىككىنچىسى لۈكچەك كۆر ئوغلى... بۇنىڭ سەۋەبى، بەلكى كۆر ئوغلىنى تارىخىي شەخس سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالىغانلىقى، تېخىمۇ توغرىسى يىراق –يېقىن تارىخنىڭ ھەر بىر ئۇرۇشىدا ئۇنى ئىزدەش ئادىتىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. تۈركمەن داستانىدا بولسا، گۆر ئوغلى بىرلا گەۋدە سۈپىتىدە كەلگەن بولۇپ، ئۇنى دۇتارى ۋە قىلىچىدىن ئايرىپ قاراش توغرا بولمايدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ سۆزى قىلىچىدىنمۇ ئۆتكۈر بولۇپ، ھەر قانداق بىر ۋەقەدە گۆر ئوغلىنىڭ قىلىچىدىن ئىلگىرى سۆزى جەڭگە چۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ زىرەكلىكى، شېئىرى، چالغۇلىرىنى قولىدىن ئالىدىغان بولسىڭىز، شۈبھىسىزكى، ئورۇنسىز يەردە بىكاردىن بىكارغا ئۇچۇپ يۈرگەن قىلىچىلا قالىدۇ...

         داستاننىڭ زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كېلىشىدە ئاساسلىقى سۆز ۋە ساز مۇھىم رول ئوينىغان. باخشىلار، شائىرلار، مەدداھلار كۆر ئوغلى ئوقۇمىغا مەنە بېغىشلىغان كىشىلەردۇر؛ ئۇلار، كۆر ئوغلى ئوقۇمىنى ئەسىرلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىن مىراسىمىز ۋە كۈلتۈرىمىزنىڭ، تارىخىمىزنىڭ ئېغىر يۈكىنى يەلكىلىرىگە ئېلىپ ئىلگىرىلىگەن كارۋان باشلىرىدۇر. ئۇنىڭ يۈكى ھاياتلىرى بەدلىگە ساقلىنىپ قالغان خەلقنىڭ قەلبى ۋە مېڭىسىدۇر؛ پۈتۈنلەي ناخشا –مۇزىكىنىڭ بىرىكمىسىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مىلودىدۇر. كۈزنىڭ تېخى سارغىيىشقا باشلىمىغان ياپراقلىرىدەك چاغلىرىدىلا شۇم ئەجەلنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان شائىرىمىز قۇرباننەزەر ئەزىزئوغلى، «زەرگەر، ئالتۇن بىلەن كۆمۈشنى نىكاھلاندۇرۇپ، سەنئەت قۇدرىتى ياراتقان» دېگەن چېغىدا، ئۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان گۆر ئوغلىسىمۇ بۇ رېئاللىقتىن پەقەتلا يىراقتا ئەمەسىدى. بۇ ھەقىقەت، پۈتۈن سەنئەت ئابىدىلىرى ئۈچۈن كۈچكە ئىگىدۇر. ئۇ ماھىر زەرگەرگە ئوخشاش شۇنداق يۇقىرى ماھارەتنى نامايان قىلغانكى، چالغۇ بىلەن ئىنسان قەلبى ۋە مېڭىسىنى ۋىسالىغا ئېرىشتۈرگەن. ئەھۋال شۇنداقكەن، قانداقمۇ گۆر ئوغلىغا ئوخشاش بىر داستان ئوتتۇرىغا چىقماي قالسۇن؟!  گۆر ئوغلى داستاننى شۆھرەتكە ئىگە قىلغان ئەڭ مۇھىم مەنبە، بەلكى چالغۇ بىلەن شېئىردىكى سەنئەت قىممىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى سېھرى كۈچىدە مۇجەسسەملەنگەن بولۇشىدۇر..

    .......................................................................................

        داستاندىكى ھەر بىر شېئىر ئۆز ئالدىغا بىر پارچە ئەسەردۇر، سەنئەتنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنى ئوقۇشقا باشلىغاندا، شېئىر بىلەن تولغان داستاننى قايسى شېئىر بىلەن باشلىشىڭىزنى ئويلىنىپ، ھاياجانغا چۈمىلىسىز. بۇ داستاننىڭ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى، قەھرىمانىنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن بارلىق ئىشلارنىڭ باشتىن باشلىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، بۇنىڭ تۇنجى شېئىرىمۇ ئەلۋەتتە، ئەڭ نېگىزلىك نۇقتىدىن باشلايدۇ ۋە ئەينەن مۇنداق دېيىلىدۇ:

    بېشىنى ئاخىرىنى بىلىدىغان بىر خۇداغا قۇربانمەن،

    ئىچىنى سىرتىنى بىلىدىغان بىر ئەۋلىياغا قۇربانمەن،

    ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى ئۆز نۇرىدىن خەلق ئەيلەدى،

    تەربىيەت قىلىچى پادىشاھقا قۇربانمەن...

        يازغۇچى كۆر ئوغلى داستانىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق داستانى بولۇش بىلەن بىرگە، ئالەمشۇمۇل بىر داستان ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ھالدا مۇنداق يازىدۇ:

        «تۈركمەن گۆر ئوغلى داستانى، بىپايان رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ داستاندا يەر –جاي ناملىرىدىن چاندىبىل، ئىسپاھان، نىشاپۇر، رۇم، گەرمىيان، تەبرىز، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، ئەرزۇرۇم، ئىستانبۇل، ئەرەبىستان، ھىندىستان، ئافغانىستان، باغداد، بۇلغارىيە، بالقان ... قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان بولسا، خەلقلەردىن تۈركمەن، ئوسمانلى، ئىرانلىق، ئەزەربەيجانلىق، گىرۇزىيەلىك، ئەرەب، كۈرت (كورد)، تاجىك، ئەرمەنى، ئۇيغۇر، قازاق ... ۋە باشقىلار ئورۇن ئالىدۇ...»

        ئۇنىڭ شۆھرىتى تۈركىي خەلقلەرنىڭ چېگرالىرىنى ھالقىغان يۈز يىللارنى ئارقىدا قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن نۆۋەتتە قولىمىزدا مەۋجۇت بولغان يازما مەنبەلەرگە ئاساسلانغىنىمىزدا، 1856- يىلى كاۋكاز گېزىتى كۆر ئوغلى داستانى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:

        ئاسىيادا ۋە ئومۇمەن شەرقتە كۆر ئوغلىنىڭ نامى چىقمىغان ھېچقانداق بىر يەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇ، كۆر ئوغلىنىڭ پەقەت ئولۇغۋار، جەڭگىۋارلىقلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن تارىخىي روللارنى ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟ ھەر ھالدا ئۇنىڭ ئاسىيادىكى نام –شۆھرىتى ھومېرنىڭ گىرېتسىيەدىكى شۆھرىتىچىلىك يۈكسەكتۇر.»

        داستان، ئەپۇچانلىقنىڭ بىشارەتچىسى سۈپىتىدە قوشنا خەلقلەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى قاققان؛ گىرۇزىيەلىكلەر، ئەرەبلەر، ئەرمەنلەر ۋە تاجىكلارنىڭ فولكلور خەزىنىلىرىنىڭ ھۇل تېشى سۈپىتىدە مىراس سارايلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان.. بۇ ئەسەر كۆپلىگەن خەلقلەرنى مەدەنىيەتنىڭ ئورتاق تەرەپلىرى بىلەن بىر نۇقتىغا باغلىغان...»

    .......................................................................................

        كۆر ئوغلى داستانى ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونلىرىغا، سىبىرىيەدىن شىمالىي ئافرىقىغىچە بولغان رايوندا تارقالغان. كۆر ئوغلى بولۇپمۇ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئەزىز قەھرىماندۇر. داستاندا ئۇ، ئەينى زاماندا مەنىۋىي بىر شەخسىيەتتۇر، ئەۋلىيادۇر.

       كۆر ئوغلى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى كۆر ئوغلى تۈرك قەھرىمانلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئابىدىسىدۇر.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.