تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -05

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-25 10:23:22

بوزقۇرت (كۆك بۆرە) داستانى، كۆكتۈركلەرنىڭ بىر كۆك بۆرىدىن تۆرەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بوزقۇرت داستانلىرىمىزدا تۈركلۈكنىڭ، قەھرىمانلىقنىڭ سىمۋولىدۇر. كۆكتۈركلەرنىڭ تۇنجى خاقانى ئاسېنا بىر ب...



     

     

    بوزقۇرت (كۆك بۆرە) داستانى، كۆكتۈركلەرنىڭ بىر كۆك بۆرىدىن تۆرەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بوزقۇرت داستانلىرىمىزدا تۈركلۈكنىڭ، قەھرىمانلىقنىڭ سىمۋولىدۇر. كۆكتۈركلەرنىڭ تۇنجى خاقانى ئاسېنا بىر بۆرىدىن تۈرەلگەن دەپ ئېتىقاد قىلىنىدۇ. تۈرك تۇتىمى تەڭرىسى بولغان بوز قۇرت، تۇنجى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بايراقلىرى، چېدىرلىرىنى زىننەتلەش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكىلەرگىمۇ قەدىمكى تۈرك قەھرىمانلىقىنى ئەسلەتمەكتە. بوزقۇرت داستانىنىڭ جۇڭگو مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە:

    «ھۇن ئىلىنىڭ شىمالىدا، سۇ دۆلىتىدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ قاپانپۇ ئىسىملىك ھۆكۈمدارلىرىنىڭ 16 قېرىندىشى بار ئىدى. بۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئانىسى بۆرە ئىدى. بۇ سەۋەبتىن شامال ۋە يامغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. قېرىنداشلىرى دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە كۈچىنىڭ سايىسىدا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدى. بىرى “ياز تەڭرىسى” نىڭ، يەنە بىرى “قىش تەڭرىسى” نىڭ قىزى بولغان ئىككى ئايالىدىن ئىككىدىن تۆت ئوغلى بولدى، بۇنىڭ سايىسىدا تۈركلەرنىڭ نەسىلىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى. ئۆزىدىن كېيىن ھۆكۈمدارلىققا سايلانغان چوڭ ئوغلى «تۈرك» دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ ئون ئايالى بار ئىدى؛ بالىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئاسېنا (بۆرە) ئىدى. غەرب دېڭىزى (ھازار دېڭىزى بولسا كېرەك) نىڭ غەربىي ساھىللىرىدا ياشايدىغان تۈركلەرنى بىر قوشنا خەلق يوق قىلدى. دۈشمەنلەر پەقەت بىرلا يىگىتنى ئۆلتۈرۈشتىن ئەيمەندى؛ لېكىن ئۇنىمۇ پۇت – قوللىرىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن، پاتقاقلىققا تاشلىۋەتتى. ئۇ يەردە بىر چىشى بۆرە يىگىتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى ۋە ئۇنىڭدىن ھامىلدار بولدى. قوشنا قەۋمنىڭ ھۆكۈمدارى ئېشىپ قالغان بۇ يىگىتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بىر ئەسكەرنى ئەۋەتتى. بۆرە يىگىتنى ئېلىپ دېڭىزنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى ۋە بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردى. ئۆزى تاغنىڭ ئېتىكىدىكى بىر غارغا كىردى. ئۇ يەردە ئىككى يۈز كىلو مېتىر كەڭلىكتە بىر يەر بار ئىدى. بۆرە بۇ يەردە ئون ئوغۇل تۇغدى. بۇلارنىڭ بىرىگە ئاسېنا (= بۆرە) دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئاسېنا، قېرىنداشلىرىنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھۆكۈمدار بولدى. نەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن، چېدىرىنىڭ ئالدىغا، ۋە ئۈست تەرىپىگە بۆرىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر بايراق ئاستۇردى.

    .......................................................................................

    ئەرگىنەقۇن داستانى – كۆكتۈركلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك داستانى بولۇپ، بىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، تاغلار بىلەن ئورالغان بىر ۋادىغا قاراپ قاچقان تۈركلەرنىڭ قايتىدىن كۆپىيىپ، بىر تۆمۈر تاغنى ئېرىتكەندىن كېيىن ئۇيەردىن چىقىپ كونا دۈشمەنلىرىنى خانىۋەيران قىلغانلىقىنى بايان قىلىدىغان بىر داستاندۇر. تۈركلەر ئۆزلىرى چىقىپ كەلگەن مەزكۇر ۋادىغا ئەرگىنەقۇن دەپ نام بەرگەن. تۈركلەرنىڭ ئۇ مەجھۇللار دۆلىتىدىن چىققان كۈن بايرام كۈنى ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەينى ۋاقىتتا دىنىي ۋە مىللىي تۈسكە ئىگە باھار بايرىمىدۇر. ھازىرقى كۈنلەردىمۇ ئانادولۇنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدا ئۆزپ – ئادەتلىرىدە ئەرگىنەقۇن داستانىنىڭ ئىزنالىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ.

    ئەرگىنەقۇن داستانى تۇنجى قېتىم 13- ئەسىردە رەشىدۇددىن تەرىپىدىن يېزىققا ئايلاندۇرۇلغان؛ 17- ئەسىردە ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ شەجەرەئىي تۈرك ناملىق ئەسەرىدىمۇ قەيت قىلىنغان.

    ئەرگىنەقۇن داستانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىغا كېلىدىغان بولساق...

    ... تۈرك ئەللىرىدە كۆكتۈركنىڭ ئوقى ئۆتمەيدىغان، كۆكتۈركنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەر يوق ئىدى. پۈتۈن قەۋملەر بىرلىشىپ كۆكتۈركلەردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى. دۈشمەن كەلدى، ئۇرۇش باشلاندى. ئون كۈن داۋاملاشتى، كۆكتۈرك غالىب كەلدى.

    ... بىر كۈنى پۈتۈن يۇرتلارنىڭ خان ۋە بەگلىرى ئوۋ ماكانى ھەققىدە سۆزلەشتى. «كۆكتۈركلەرگە ھىيلە ئىشلەتمىسەك، ئىشىمىز چاتاق بولىدۇ» دېيىشتى. تاڭ يۇرىغاندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئېغىر يۈكلىرى، ناچار ماللىرىنى تاشلاپ قېچىشتى. تۈركلەر: “بۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلغۇدەك ماجالى قالمىدى، قېچىشماقتا” دەپ ئارقىلىرىدىن قوغلاپ يېتىشتى. دۈشمەنلەر كۆكتۈركلەرنى كۆرۈپ، بىردىنلا ئارقىسىغا قايتىپ ئۇرۇش قىلدى. دۈشمەنلەر غالىب كەلدى. كۆكتۈركلەرنى ئۆلتۈرە – ئۆلتۈرە چېدىرلىرىغا قەدەر كەلدى. ئاياللىرىنى، ماللىرىنى شۇنداق ئالدىكى، بىرمۇ ئۆي قۇتۇلالمىدى. چوڭلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىنى ئالدى. كىچىكلەرنى قۇل قىلىپ، ھەممىسى بىردىن ئېلىپ كېتىشتى.

    (كۆكتۈرك خانى) ئىلخاننىڭ ئوغۇللىرى كۆپ ئىدى. ئۇرۇشتا ھەممىسى ئۆلدى. قايان ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغلى بار ئىدى. شۇ يىلى ئۆيلەندۈرۈلگەنىدى. ئىلخاننىڭ توققۇز ئىسىملىك بىر جىيەنىمۇ بار ئىدى. بۇ ئىككىسى بىر يەردىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشكەنىدى. ئۇ كۈن بولغان ئىشلاردىن كېيىن بىر كېچىسى ئىككىسى ئاياللىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتلىنىپ قاچتى. يۇرتىغا قايتتى. دۈشمەندىن قېچىپ كەلگەن تۆت مالدىن (تۆگە، ئات، ئۆكۈز، قوي) كۆپ تاپتى.

    ئەگەر شەھەرگە بارايلى دېسەك، تۆت تەرەپتىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسى بىزگە دۈشمەن، ياخشىسى تاغلارنىڭ ئىچىگە، ئىنساننىڭ ئايىغى يەتمەيدىغان بىرگە كېتەيلى دەپ تاغقا قاراپ پادىلىرىنى ھەيدەپ ماڭدى. كەلگەن يولىدىن باشقا چىقىشى بولمىغان بىر يەرگە بېرىپ قالدى. ئۇ شۇنداق بىر يول ئىدىكى، بىر تۆگە، بىر ئات مىڭبىر مۇشەققەتتە ماڭاتتى، ئەگەر قەدىمىنى خاتا بېسىپلا قالسا، پارچە – پارچە بولۇپ كېتەتتى.

    يېتىپ بارغان يەرلىرىدە ئېقىن سۇلار، بۇلاقلار، ھەر خىل ئۆت – چۆپلەر، مىۋىلىك دەرەخلەر، خىلمۇ خىل ئوۋلار بار ئىدى. ئۇ يەرنى كۆرۈپ، تەڭرىگە شۈكۈرلەر ئېيتىشتى. ھايۋانلارنىڭ قىشلىرى گۆشلىرىنى يىدى، يازلىرى سۈتلىرىنى ئىچتى، تېرىسىنى كىيىم قىلىپ كىيدى.

    ئۇ يەرگە ئەرگىنەقۇن دەپ نام بەردى. بۇ يەردە بۇ ئىككىسىنىڭ پەرزەنتلىرى كۆپەيدى. قاياننىڭ ئەۋلادى كۆپ بولدى. بۇلار قايات دەپ ئاتالدى. تۇقۇزنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىنچىسىگە تۇقۇزلار، بىر قانچىسىگە تۈرۈلكەن دەپ ئىسىم قويدى. ئۇزۇن يىللارغىچە بۇ ئىككىسىنىڭ پەرزەنتلىرى ئەرگىنەقۇندا قالدى، تۆت تەرەپكە يېيىلدى.

    تۆت يۈز يىل كېيىن ئۆزلىرى ۋە پادىلىرى شۇنچىلىك كۆپىيىپ كەتتىكى ئەرگىنەقۇنغا سىغمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە توپلىنىپ، مەسلىھەتلەشتى. دېيىشتىلەركى: ئەجدادلىرىمىزدىن ئاڭلىدۇق. ئەرگىنەقۇننىڭ سىرتىدا كەڭ يەرلەر، گۈزەل يۇرتلار بارمىش. بىزنىڭ يۇرتىمىز بۇرۇن شۇ يەرلەردە ئىمىش... تاغلارنىڭ ئارقىسىدىن يول تاپايلى. كۆچۈپ چىقايلى. ھەر كىم بىزگە دوستۇم دېسە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەيلى دېيىشتى.

    ھەممىسى بۇ سۆزنى قوللاپ، چىقىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىدى، لېكىن تاپالمىدى. (شۇ چاغدا) بىر تۆمۈرچى دېدىكى، «بۇ يەردە بىر تۆمۈر كېنى بار. ئادەتتىكى قاتقا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ تۆمۈرىنى ئېرىتسەك بىر يول چىقىپ قالاتتى.»  بېرىپ ئۇ يەرنى كۆرۈشتى ۋە بۇ سۆزنىمۇ مۇۋاپىق كۆردى. تاغنىڭ ئۈستىنى، ئارقا تەرىپىنى، بۇ تەرىپىنى مۇشۇنداق توشقۇزغاندىن كېيىن يەتمىش تەرەپتىن كۈرەك بېسىپ ئىش باشلىدى، ئوت يېقىپ كۈرەك باستى.

    تەڭرىنىڭ كۈچى بىلەن ئوت قىزىغاندىن كېيىن تۆمۈر تاغ ئېرىپ ئاقتى. يۈك ئارتىلغان تۆگە چىقالىغۇدەك دەرىجىدە يول ئېچىلدى. ئۇ كۈننى، ئۇ يەرنى، ئۇ سائەتنى بېكىتىپ سىرتقا چىقىشتى. شۇ كۈندىن ئېتىبارن كۆكتۈركلەرگە ئادەت بولدى. ئۇ كۈنى بايرام ھېسابلاشتى. بىر پارچە تۆمۈرنى ئوتقا سېلىپ قىزىتتى. (ئالدى بىلەن) خان، بۇنى قىسقۇچ بىلەن تۇتۇپ سەندەلگە قويدى، بازغان بىلەن ئۇردى. ئارقىدىن بەگلەرمۇ شۇنداق قىلدى، بۇ كۈن مۇقەددەس ھېسابلاندى.

    كۆكتۈركلەرنىڭ ئەرگىنەقۇندىن چىققان ۋاقىتتىكى قاغانى قايان نەسلىدىن كەلگەن بۆرتە چەنە ئىدى. بۆرتە چەنە بارلىق يۇرتلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئەرگىنەقۇندىن چىقىپ كەلگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى. (بۇنىڭغا) بەزىلەر ياخشى، بەزىلەر يامان كۆز بىلەن قارىدى.

    (كۆكتۈركلەر كونا دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشتى، ئۇلارنى يەڭدى. شۇنداق قىلىپ تۆت يۈز يىل ئىلگىرىكى قانلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى.)

    .......................................................................................

    تۈرىلىش داستانى: ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈرىلىش ئېتىقادلىرىنى تېما قىلىدۇ.

    قەدىمكى ھۇن ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى گۈزەل ئىككى قىزى بار ئىدى. ھۆكۈمدار بۇلارنىڭ پەقەت تەڭرى بىلەن ئۆيلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشەنگەن بولغانلىقى ئۈچۈن، قىزلىرىنى ئىنسانلاردىن يىراق تۇتۇشنى ئويلايدۇ، دۆلىتىنىڭ شىمال تەرەپلىرىدە ناھايىتى ئىگىز بىر مۇنار ياسىتىپ، قىزلىرىنى ئۇ يەرگە سۇلايدۇ ۋە تەڭرىنىڭ كېلىپ بۇلار بىلەن ئۆيلىنىشى ئۈچۈن يالۋۇرىدۇ. بىر بۆرە مۇنارنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ ھوۋلاشقا باشلايدۇ ۋە مۇنارنىڭ تېگىدە ئۆزى ئۈچۈن بىر جاي تەييارلايدۇ. كىچىك قىز بۇنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئاچىسى بىلەن بىرلىكتە پەسكە چۈشىدۇ. بۆرە بىلەن قىزلارنىڭ ئۆيلىنىشى نەتىجىسىدە توققۇز ئوغۇز – ئون ئۇيغۇر تۈرىلىدۇ.

    .......................................................................................

    كۆچ - كۆچ داستانى: ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تېما قىلىدۇ. ‹كۆچ – كۆچ داستانى› غا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئىلىدە ھۇلىن دېيىلىدىغان بىر تاغ بار ئىكەن. بۇ تاغدىن تۇغلا ۋە سەلەنگە دېيلىدىغان ئىككى دەريا ئۆتىدىكەن. بىر كېچىسى ئىككى دەريا ئارىسىدىكى بىر دەرەخكە ئاسماندىن بىر كۆك نۇر چۈشىدۇ. ئىككى دەريا ئارىسىدا ياشايدىغان خەلق بۇنى دىققەت بىلەن كۈزىتىدۇ. مۇقەددەس نۇر دەرەختە ئايلارچە تۇرىدۇ. دەرەخ بارغانچە يوغىنايدۇ. دەرەختىن يېقىملىق مۇزىكا ئاۋازلار كېلىشكە باشلايدۇ. كېچىلىرى بۇ دەرەخ ئەتراپىدىكى 30 قەدەم يەرگە نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. بىر كۈنى دەرەخنىڭ گەۋدىسى يېرىلىپ، ئىچىدىن بەش بالا چىقىدۇ. بۇلار نۇردىن توغۇلغان مۇقەددەس بالىلار ئىدى. خەلق بۇ بەش بالىنى ھۆرمەتلەيدۇ، بېقىپ چوڭ قىلىدۇ، ھەر بىرىگە ئايرىم – ئايرىم ئىسىم قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بۇغا تەكىن ئەڭ ئەقىللىقىدۇر. ئۇيغۇرلار ئۇنى ئۆزلىرىگە ھۆكۈمدار قىلىپ سايلايدۇ. بوغاخاننىڭ نەسلىدىن كۆپلىگەن ھۆكۈمدار كېلىپ كېتىدۇ. تاڭ سۇلالىسى بىلەن پۈتمەس – تۈگىمەس ئۇرۇشلار بولىدۇ. ناھايەت تەختكە چىققان ھۆكۈمدارلارنىڭ بىرى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئوغلىنى بىر تاڭ مەلىكىسى بىلەن ئۆيلەندۈرىدۇ. باققۇچىلىرى بىلەن كەلگەن تاڭ ئەلچىلىرى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سائادىتىنىڭ قۇتلۇق تاغ دەپ ئاتىلىدىغان بۈيۈك بىر قىيا تاشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە مەلىكىنىڭ ئېلىنىشى بەدىلىگە بۇ قىيا تاشنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھۆكۈمدار رازى بولىدۇ. تاڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرى، كۆتۈرۈپ كېتەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى چوڭ قىيا تاشنىڭ ئەتراپىغا ئوت قالاپ قىزىتىپ ئۈستىگە سىركە تۆكۈش ئارقىلىق پارچىلايدۇ ۋە پارچىلارنى ھارۋىلارغا بېسىپ تاڭ سۇلالىسى پايتەختىگە توشۇيدۇ. بۇ بۈيۈك بىر ھادىسە بولىدۇ. مەملىكەتتىكى بارلىق قۇشلار، ھايۋانلار ئۆز تىللىرىدا قىيا تاشنىڭ ئېلىپ كېتىلىشىگە يىغلايدۇ. يەتتە كۈندىن كېيىن ھۆكۈمدار ئۆلىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن مەملىكەت پالاكەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. دەريالار قۇرۇپ، كۆللەرنىڭ سۈيى سىڭىپ، يەر يېرىلىپ ھۇسۇل بەرمەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. شۇ كۈندىن كېيىنكى ھۆكۈمدارلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

    ئاخىرىدا بۇغاخاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى تۈرك تەختىگە ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ دەۋرىدە تۈرك يۇرتلىرىدىكى ئوي ۋە ياۋايى ھايۋانلار، قۇشلار، تىلى چىقمىغان بوۋاقلار «كۆچ – كۆچ» دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ. ئۇيغۇر تۈركلىرى تەڭرىدىن كەلگەن بۇ ئىشارەتكە ئاساسەن ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ ئاتلىنىدۇ. قەيەردە توختىماقچى بولسا، كۆچۈشكە چاقىرىدىغان ئىلاھىي سەس ئاڭلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بەشبالىق شەھىرى جايلاشقان دۆلەتكە بارىدۇ. «كۆچ – كۆچ» سادالىرى توختايدۇ. ئۇلار بۇ يەرلەردە تۇرىدۇ. بەشبالىق شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. يېڭىدىن كۈچلۈك بىر تۈرك دۆلىتى ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، بۈيۈك تۈرك خاقانلىقىنىڭ شانلىق ئەنئەنلىرى داۋاملىشىپ كېتىدۇ.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.