ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋ

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-26 16:59:59

تۈر كىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيە رادىيو ـ تېلېۋزىيە ئىدارىسىنىڭ (TRT Haber) قانىلىدا تارقىتىلىۋاتقان "گىرۋەك" ناملىق پىروگراممىغا قاتنىشىپ، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ...

     


     

    تۈر كىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيە رادىيو ـ تېلېۋزىيە ئىدارىسىنىڭ (TRT Haber) قانىلىدا تارقىتىلىۋاتقان "گىرۋەك" ناملىق پىروگراممىغا قاتنىشىپ، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاپ قايتۇردى.

    ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، "ئەرەب باھارى" ھەرىكىتىدىن كېيىنكى ئىلگىرىلەشلەر ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ۋەزىيەتنى توغرا كۆرۈپ يېتەكلىگەنلىكىنى ۋە توغرا سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

    ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، «"ئەرەب باھارى" تۈركىيەگە نىسبەتەن كۈز ھېسابلىنامدۇ؟» دېگەن سوئالغا قارىتا، «بۇ بىر تۈركىيە باھارىدۇر»دەپ جاۋاپ بەردى.

    دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ قوشنىلار بىلەن ئۆزئارا مەسىلىلەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    مۇخبىرلار ماۋى مارمارا پاراخوتى ھەققىدىمۇ سوئال سورىدى.  ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ جاۋاب بېرىپ، «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ نورماللىشىشى لازىم» دېدى.

     ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ يەنە، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ داۋۇستىكى پوزىتسىيەسىنىڭ پىسخىلوگىيەلىك چوڭ تەسىر ياراتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

    ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئەگەر تۈركىيە ئەزا بولسا، بۇنىڭ ئىتتىپاققا قوشۇلغان بىر تۆھپە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۈركىيە