باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى ئون شەرتى

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-21 14:33:00

باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى ئون شەرتى 1. قانۇنى مۇكەممەل بولمىغان جايدا باش كۆتۈرگىلى بولمايدۇ، باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز تۇرۇشلۇق جاي سىزنىڭ شەخسى مۈلكىڭىزنى قوغدايدىغان كاپالەتنى ھازىرلىغ...

    باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى ئون شەرتى

        1. قانۇنى مۇكەممەل بولمىغان جايدا باش كۆتۈرگىلى بولمايدۇ، باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز تۇرۇشلۇق جاي سىزنىڭ شەخسى مۈلكىڭىزنى قوغدايدىغان كاپالەتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭلاشقا ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندا تۇرماڭ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ كەسىپنى تاللىماڭ.
     2. كەسپنى ئويلىنىپ تاللاڭ ۋە تاللىغاندىن كېيىن ئالدىراپ كەسىپ يۆتكىمەك، زادى بولمىغاندا زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۆتۈشۈڭ. چۈنكى بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بايلىق  سىز شۇ كەسىپ ھەققىدە ئالاقە دائىرىسى ۋە تەجرىبە شەكىللەندۇرگىنىڭىز.كەسپ ئالماشتۇرۇش دىگەنلىك بۇ بايلىقلارنى تاشلىۋەتكەنلىكتۇر.
       3. چوقۇم ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان گەرچە دەماللىققا جىق پۇل تاپالمىسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىز خوشال بولىدىغان كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇڭ. پۇل تاپقىلى بولىدىكەن دەپ ئۆزىڭىز خالىمايدىغان كەسىپكە ئۆزىڭىزنى ئۇرماڭ. ۋاقىتلىق قىزىش سوۋۇش بىلەن كەسىپ يەڭگۈشلىمەڭ. چۈنكى ۋاقتىڭىزنىڭ ئۆتكىنىنى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرمىگەن كەسىپ سىزگە بىر يۈكتۇر، يۈك كۆتىرىۋالغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئالدىدا ماڭالمايدۇ.
     4. ئۈنۈملۈك، ئاخىرى بار كەسىپلەرنى تاللاڭ، دۇنيادىكى بايلارنىڭ كەسىپ رەت تەرتىپىنى تىزىپ ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تاللاپ ئوز ياقتۇرىشىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئاخىرى چىقىدىغان كەسىپنى تاللاڭ، چۈنكى بەزى كەسىپلەردە مەڭگۈ باي بولغىلى بولمايدۇ.
       5. كەسىپ تاللىغاندا دائىرە كېڭەيتىش ئىمكانىيىتىنى شۇنداقلا ئوبېكىت كەڭلىكىنى ئويلىشىڭ. دۇنياغا ھالقىغىلى بولىدىغان ھەممە مىللەت، ھەممە ياش ، ھەممە كەسپتىكىلەرگە ماس كېلىدىغان كەسپتە پۇل تېپىش خەرىدارلىرى مەلۇم ئاز دائىرە بىلەنلا چەكلىنىدىغان كەسپلەرگە قارىغاندا تېز كۆتۈرىلىدۇ.
       6. ياخشى كۆردۇم دەپلا ئۆزىڭىزدە يوق ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۇرۇش ئۇچۇن كەلگۈسىڭىزنى دوغا تىكمەڭ. مەسىلەن سىز كۆرۈمسىز بولسىڭىز ھەرگىز سەنئەت ساھەسىدە باش كۆتۈرۈش كويىدا بولماڭ، رەڭ قارىغۇسى بولسىڭىز رەسسام بولۇش ئۇچۇن ئۆمرىڭىزنى سەرپ قىلماڭ، يەنى سەي قۇرۇشقا ئۇستا بولسىڭىز لايچىلىق قىلىپ پۇل تېپىشنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ تاللاپ قالماڭ(چۈنكى ۋاقىتلىق تاللاش سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىڭىزگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن).
       7. ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ساھەدە تەربىيىلىنىش پۇرسىتى بولسا ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ، ياخشى يېزىقچىلىق تالانتىڭىز بار تۇرۇپ، ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا دىگەنلەرگە ئىشىنىپ دەماللىققا ياغاچچىغا شاگىرت كىرگىنىڭىز بىلەن باش كۆتىرىش ئىمكانىيىتىڭىز ئون ھەسسە قىيىنلىشىپ كېتىدۇ.
        8. ئىشەنچلىك بولۇڭ، ئابرويىڭىزنى قوغداڭ، ھەر قانداق ئەھۋالدا يامان نامى بار كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ تىجارەت قىلماڭ، ئەڭ بولمىغاندىمۇ كەسپداشلىرىڭىز ئىچىدە  ئابرويىڭىز بولسۇن. خېرىدار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچى كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ جېنى.
       9. خوجايىن بولۇش شەرت ئەمەس. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ۋە ئارتۇقچىلىقىڭىز بار ساھەدە ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل پۇل تېپىشىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، ياكى ئىش باشلاشقا مەبلىغىڭىز بولمىسا ئۆزىڭىز ئىشەنگەن ياكى سىزگە ئىشەنگەن، ئىناۋىتى ۋە تەسىرى بار باشقىلارغا ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى ئالدىنقى مىڭ باينىڭ 73% باشقىلارنىڭ شىركىتىگە پايچىكى ئالغان ياكى خىزمەت قىلىدىغانلار.
       10.تەرتىپلىك بولۇڭ. ھىساۋات خاتىرىسى ، كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسى تۇتۇپ، ئايدا بىر قېتىم شۇ ئايلىق ۋاقتىڭىز ۋە خەجلىگەن پۇللىرىڭىزنىڭ ئورۇنلۇق بولغان بولمىغانلىقىغا باھا بېرىڭ. تەربىيىلىنىش پۇرسىتىڭىز تۈگىگەن بولسا ئىمكان بار بالدۇر توي قىلىڭ، كەسىپ تىجارەتتىن باشقا دوستلىرىڭىزنى ئىزدىمەڭ( پۇل خەجلەشتىن ساقلىنىسىز).

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق