نىمە ئۈچۈن ئامېرىكنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستى

يوللىغۇچى : شاھيارى يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-03 22:01:00

نىمە ئۈچۈن ئامېرىكنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستى 1781-يىلى ئامېرىكىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىگى تەسسىس قىلىنغان.1789-يىلى4-ئايدا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. شۇ يىل 7-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسى ...

     نىمە ئۈچۈن ئامېرىكنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستى  

       1781-يىلى ئامېرىكىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىگى تەسسىس قىلىنغان. 1789-يىلى4-ئايدا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. شۇ يىل 7-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسى قايتىدىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىگى تەسسىس قىلىش لاھىيسىنى ماقۇللاپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىگىنى گوۋۇيۇەن دەپ ئۆزگەرتكەن. ئەينى چاغدا گوۋۇيۇەن دۆلەت ئىشلىردىن باشقا  زىمىن تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ، فېدراتسىيە سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلىشىش، دۆلەت ھۆججەتلىرى ۋە ئارخىپىنى باشقۇرۇش ھەم زۇڭتۇڭ ھۆججەتلىرنى تارقىتىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان، قىسمەن ئىچكى ئىشلارنى قۇشۇمچە باشقۇرغان. كېيىنكى چاغلاردا ئىچكى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار باشقا تارماقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، لېكىن دۆلەت ھۆججەتلىرى ۋە ئارخىپىنى باشقۇرۇش، زۇڭتۇڭ ھۆججەتلىرنى تارقىتىش ۋە فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن شىتاتلىق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىق ئىشلارنى قۇشۇمچە باشقۇرغان.

       ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەسئۇلى بولغانلىقىدىن، ئۇمۇمىي دىپلوماتىيە سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلدۇ، شۇڭا گوۋۇيۇەن زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت كاتىپى ئارقىلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاساسلىق مەسلىھەتچىلىك، شۇنداقلا زۇڭتۇڭ بىلەن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋىتى، ئامىرىكىنىڭ چەتئەلدە تۇرشلۇق  ئاپپاراتلىرنىڭ ھەركىتى ۋە چەتئەل بىلەن شەرتنامە، كىلىشىم سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىدە ئاساسلىق ياردەمچىلىك رول ئوينايدۇ. گوۋۇيۇەن ئامىرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ب د ت ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلاردا پىكىر بايان قىلىدۇ. خەلقئارا يىغىن ، تاشقى ئېقتىساد سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. تاشقى ئىشلار،مەدىنىيەت، مائارپ ھەركىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەم پاسپورت تارقىتىش ۋە ئىمزالاش ئىشلىرغا مەسئۇل بولىدۇ.

      ئامرىكا گوۋۇيۇەننىڭ قارمىغىدا 14 ئىدارە8فۇنكىسىيلىك ئاپرات 50بۈلۈم بار. دۆلەت كاتىپىنىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى، مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپىغا ياردەملىشىدىغان ئىككى ياردەمچى ۋە ياردەمچى دۆلەت كاتىپىدىن بىرقانچىسى بار.خىزمەتچىلىرى 24000ئەتراپىدا بار بۇلۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 16000خىزمەتچى چەتئەلدە تۇرىدۇ، 115 ئەلچىخانا بىلەن 120كۇنسۇلخانا ھەم ب د ت ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئەلچىلەر ئارقىلىق پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

    (سەيپىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق