بەش بۇرجەكلىك بىنا

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-14 18:23:00

بەش بۇرجەكلىك بىنا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەققىدە گەپ بولغاندا بىز ئاقساراي بىلەن بىرلىكتە يەنە بەش بۇرجەكلىك بىنا(خەنزۇچە :五角大楼، ئەنگىلىزچە: The Pentagon ) دېگەن ئاتالغۇنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيە...

     بەش بۇرجەكلىك بىنا

          ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەققىدە گەپ بولغاندا بىز ئاقساراي بىلەن بىرلىكتە يەنە بەش بۇرجەكلىك بىنا(خەنزۇچە :五角大楼، ئەنگىلىزچە: The Pentagon ) دېگەن ئاتالغۇنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتە بەش بۇرجەكلىك بىنا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىناسى بولۇپ ۋاشىنگىتون شەھىرىگە يېقىن پوتوماك دەرياسى بويىدىكى ئالىڭتون بازىرىغا جايلاشقان بەش قەۋەتلىك بەش كورپۇس بىنانىڭ  بەش بۇرجەك شەكلىدىكى ئۇلىنىشىدىن شەكىللەنگەچكە بەش بۇرجەكلىك بىنا دىيىلىدۇ. بىنانىڭ يەر كۆلىمى 2مىلىيۇن3يۈز 50مىڭ كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 600مىڭ كىۋادىرات مېتىر ، ئىگىزلىكى 22 مېتىر بولۇپ 1943-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلۇش باشلاپ 5-ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈش باھاسى 87مىلىيۇن دوللار بولغان بۇ بىناغا ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە تەخمىنەن 300مىلىيۇن دوللار قىممىتىدە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن. ھازىرقى بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى،  ئۈچ خىل ئارمىيە ۋە باش شىتاپ باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورگىنىغا قاراشلىق 23مىڭ ئادەم خىزمەت قىلىدۇ. ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا 10مىڭ ماشىنا توختاتقىلى بولىدۇ. بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە پوچتىخانا، دوختۇرخانا، كىتاپخانا، بانكا،  تاللا بازىرى قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى، ئىككىنچى قەۋىتىگە  ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاپ باشلىقى ئىشخانىسى، ئۈچىنچى قەۋىتىگە مارشال، ئىزىنخاۋېر، ماك ئارتۇر قاتارلىق داڭلىق ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شىتابى، تۆتىنچى-بەشىنچى قەۋىتىگە دېڭىز ۋە ئارمىيە باش شىتابى جايلاشقان. 

          1993-يىلى ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى قارا ماقۇللاپ بەشبۇرجەكلىك بىنانى ئامېرىكىنىڭ تارىخى ئابىدە خاراكتىرلىك قۇرۇلۇشى دەپ بېكىتتى. ئادەتتە بەش بۇرجەكلىك بىنا دېگەن سۆز ئامېرىكا دۆلەتنىڭ ھەربى ئىشلىرىنىڭ ياكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋاكالەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق