قەمەرىيە كالېندارى ۋە يەتتە كۈننى بىر ھەپت

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-12 17:27:00

قەمەرىيە كالېندارى ۋە يەتتە كۈننى بىر ھەپت ئىككى دەريا ۋادىسنىڭ كىلىمات شارائىتى ناھايتى ناچار بولغاچقا ، كىشلەر تېرىش بىلەن يىغىشنىڭ توغرا ۋاقتىنى بىلىش ئۈچۈن ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ۋاق...

       قەمەرىيە كالېندارى ۋە يەتتە كۈننى بىر ھەپت

         ئىككى دەريا ۋادىسنىڭ كىلىمات شارائىتى ناھايتى ناچار بولغاچقا ، كىشلەر تېرىش بىلەن يىغىشنىڭ توغرا ۋاقتىنى بىلىش ئۈچۈن ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ۋاقىت مۇساپىسىگە مەلۇم بەلگە قويۇش ئارقىلىق دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان تېرىقچىلىق ۋاقتنى بېكىتىشكە مەجبۇر بولغان . شۇڭا ، شۇ يەرلىك كىشلەر ئاينىڭ تولۇش ۋە كەمتۈكلىشىشنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ، قەمەرىيە كالېندارىنى تۈزۈپ چىققان . بىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنگەن ، ھىلال ئاي كۆتۈرۈلگەن كۈن ئاي بېشى ، ئاي تولغان كۈن ئوتتۇرىسى ،ھىلال ئاي قايتا كۆتۈرۈلگەن ئاشۇ كۈن ئاي ئاخىرى قىلىنغان . بىر يىلدىكى 12 ئاي ئىچىدىكى 6 ئاي 30 كۈن ، 6 ئاي 29 كۈن ، پۈتۈن يىل جەمئي 354 كۈن بولغان . بۇ ۋاقىت بىلەن يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر ئايلىنىپ چىقىش ۋاقتى 11 كۈن پەرقلەنگەن ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى - ئۈچ يىلدا بىر ئاي پەرق كۆرۈلۈپ ، << يىلنىڭ كۈن سانى تولۇق بولماسلىق >> ئەھۋالى كېلىپ چىققان ، ئۇلار كەم كۈننى كەبىسە ئاي قوشۇش ئارقىلىق تولۇقلىغان ، يەنى ھەر ئىككى ياكى ئۈچ يىلغا بىر كەبىسە ئاي قوشۇپ ، بىر يىلنى 13 ئاي قىلغان . خاممۇرابى تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ، كەبىسە ئاي قوشۇشنى ھۆكۈمەت پەرمان چۈشۈرۈپ بەلگىلىگەن ، كېيىن كەبىسە ئاي قوشۇش تەدىرىجىي ھالدا مۇقىم دەۋرلىنىدىغان بولغان . ئۇلار بەش چوڭ سەييارە بىلەنا يۇلتۇزلارنى پەرقلەندۈرەلىگەن ، بەش چوڭ سەييارىنىڭ ھەرىكەت ئوربتىسىنى خېلى توغرا كۆزەتكەن . ئۇلار يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن كۆپلىگەن ئىلاھلارنى باغلاپ ، يۇلتۇزلارنى ئىلاھ دەپ قارىغان . شۇڭا يۇلتۇز بەلگىسى ئارقىلىق ئىلاھ ئۇقۇمىنى ئىپادىلىگەن . ھەر كۈنى بىر يۇلتۇز ئىلاھى نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ، يۇلتۇز ئىلاھلىرىنىڭ بىر قېتىمدىن نۆۋەتچىلىك قىلىشىغا يەتتە كۈن كېتىدۇ ، دەپ قاراپ ، يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلغان ، بىر ھەپتىدىكى يەتتە كۈنگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قۇياش ، ئاي ، مارس ، مېركۈرىي ، يۇپتېر ، ۋېنېرا ، ساتۇرن دېگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ نامىنى قويغان . << ھەپتە دېگەن دەل يۇلتۇزلارنىڭ چېسلاسىدۇر . كېيىن ، ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، ھەپتىلەرگە تېڭىلغان خۇراپاتلىق تۈسى ئېلىپ تاشلاندى . ھەپتە تۈزۈمى ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا ، مانا بۇ ھازىر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان يەتتە كۈن بىر ھەپتە تۈزۈمىنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانىدۇر. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق