سۇ ئالىمەن دېسىڭىز ئالدىڭىزغا 200 قەدەم مېڭىڭ
جاڭ جۇرۇڭ
ئىلمىنۇر ھېسامىدىن تەرجىمىسى
جاڭ جۇرۇڭ
ئىلمىنۇر ھېسامىدىن تەرجىمىسى
يېقىندا ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدىكى مېترو بېكىتىدە بىر نەچچە «ئادەم ئالدايدىغان» ئاپتوماتىك سۇ ساتقۇچ پەيدا بولۇپ قالغان. نۇرغۇن يولۇچىلار بۇ يەردىن مىنرال سۇ سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل تاشلىغاندا، ئۈستىگە «ئالدىڭىزغا 200 قەدەم مېڭىپ، كېيىنكى سۇ ساتقۇچىنىڭ ئىچىگە بۇ بوتۇلكىنى سالسىڭىز، مىنېرال سۇغا ئېرىشەلەيسىز» دەپ يېزىلغان قۇرۇق بوتۇلكا چىققان.
كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بۇ ئىشقا ھەيران بولسا، يەنە بەزىلىرى قاتتىق تېرىككەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سۇ ساتقۇچقا سالغان پۇلىنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، خەتتە دېيىلگىنى بويىچە 200 قەدەم ماڭغان. بىراق، ئۇلار ئىككىنچى بوتۇلكىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرگەن، شۇنداقلا دەرھال يانفۇنىدا قەيەرگىدۇر ئۇچۇر يوللاشقا باشلىغان.
ئەسلىدە، ئىككىنچى بوتۇلكىغا مۇنداق خەتلەر يېزىلغانىكەن:«سىزنىڭ بۇ بىر بوتۇلكا سۇنى سېتىۋالغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر، بىراق بىلەمسىزكىن، ئافرىقىدا نۇرغۇن كىشىلەر پاكىز سۇ ئىچىش ئۈچۈن 20 كىلومېتىر يول مېڭىشقامەجبۇر. ھەتتا، سۇسىزلىق ئۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىۋاتىدۇ. جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتى AMREF ئافرىقىدىكى سۇ كەمچىللىكىنى ھەل قىلىشقا كۈچەۋاتىدۇ. شۇڭا مالال كۆرمەي، تۆۋەندىكى نومۇرغا، يەنى ئافرىقا مېدىتسىنا تەتقىقات فوندىغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ يېرىم ياۋرو ئىئانە قىلىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.»
ئەسلىدە « سۇ ئېلىش ئۈچۈن 200 قەدەم ماڭدۇرۇش» جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتى AMREF نىڭ كىشىلەرگە سۇ ئېلىشنىڭ جاپاسىنى، جۈملىدىن ئافرىقىدىكى كىشىلەرنىڭ دەردىنى ئازراق بولسىمۇ بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «تاكتىكا»سى ئىكەن.
تەرمىلەر ژورنىلى 2015-يىللىق 8-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.