سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 15:46:24

سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىزنىڭ ئۇنى سۈيۈملۈكۈم دەپ چاقىرىشىنى خالىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىچى-ئىچىدىن سىزنىڭ ئۇنى دۆت، قاپاقباش، بۈگۈن بىر كۈن يوقاپ كەتتى...

    سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى

    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىزنىڭ ئۇنى سۈيۈملۈكۈم دەپ چاقىرىشىنى خالىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىچى-ئىچىدىن سىزنىڭ ئۇنى دۆت، قاپاقباش، بۈگۈن بىر كۈن يوقاپ كەتتىڭىزغۇ دېيىشىڭىزنى ئاڭلاشنى بەكىرەك خالايدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىزنى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل كۆرەلمىسىمۇ، لېكىن سىز ئۇنىڭ تېلېفونىغا ئۆزىڭىز ئەۋەتىپ بەرگەن شېرىن-شىكەر، تاتلىق-چۈچۈك خەت-ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇ ھەر ۋاقىت  شۇلارنىڭ بار يوقلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
        سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى قەستەن سىزنىڭ  ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرگەن ۋاقىتتا، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتتىكى نازۇك قاخشاشلىرىڭىزنى ۋە ئوماق خۇيلىنىشلىرىڭىزنى كۆرىشىنى بەكىرەك ياقتۇرىدۇ.


    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئاغزىدا سىزنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن بېرىش-كىلىش قىلغانلىرىڭىزغا پىسەنت قىلمىغاندەك قىلغىنى بىلەن، سىز ھەر قېتىم باشقا ئەرلەر بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز ئۇ چوقۇم بىلىپ بىلمەي سىزگە بىللە بولۇش باھانىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئاندىن سىز كۆرىشمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ كىملىنى سۈرۈشتۈرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئەس يادى سىز بىلەنلا.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئۇ سىزنىڭ ئاچچىقلىنىپ قىلىشىڭىزدىن قورقمايدۇ، قورقىدىغىنى ئاچچىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولماسلىقىدىن قورقىدۇ، ئۇنىڭكى ھېسسىياتىمۇ شۇنچىلىك نازۇك.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ھەر كۈنى پۈتۈل كاللىسىدا ئويلايدىغىنى سىزلا، ھەتتا يولدا كېتىۋېتىپ يېقىلىپ كەتسىمۇ، ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ قېقىشتۇرۇپ قويۇپلا مىيقىدا كۈلۈپ كېتىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ شۇ ۋاقىتتىمۇ يەنە سىزدىن غەم قىلىپ يۈرگەن بولىدۇ.
      سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى پات- پات كومپىيۇتېرىغا قاچىلاپ قويغان سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ھەر ۋاقىت سىزنى ئۆزى بىلەن ھەمرا بولۇپ تۇرۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ.


          سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئاپتوبۇسقا چىقسىمۇ سىز بىلەن بىرگە چىققان، ئۇنىڭ يېنىدا قىستىلىپ تۇرغان ھالەتلىرىڭىزنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ يېقىن تۇرغان ھالىتىڭىزدىكى تىنىقلىرىڭىزنى پۇراشنى ياخشى كۆرىدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى بەزى كۈنلىرى بىر يەرگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ، چۈنكى ئالدىدا سىز يوق.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئۇ تاماكىسىنىڭ پۇلىنى تېجەپ بولسىمۇ، يىراقتىكى سۆيگىنى سىزگە تېلېفون قىلىدۇ، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ، كىچىككىنە يۆتىلىشلىرىڭىزمۇ ىۇنى دەككە -دۈككە قىلىپ قويىدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى باشقا ئايال زاتى ئەۋەتكەن ئۇچۇر-خەتلەرنى سىزنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن يوشۇرۇپ قويىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت سىزلا بار.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئۇ سىز ئۈچۈن ئىلگىرىكى بولمىغۇر تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى سۆيگەن قىزنىڭ ئۆزىنىڭ جۇلالىق تەرىپىنى كۆرىشىنى خالايدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىلىپ بىلمەي سىزنىڭ بۈگۈن بىر كۈنىڭىزنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىدۇ، ئىختيارسىز چۈشكۈرۈپ سالغاندا سىزنىڭ ئۇنى وويلىغان ئويلىمىغانلىقىڭىز، تېخى سىزنىڭ ئۇ كالۋا نېمە قىلىۋاتقاندۇ دەپ دېگەنمىدۇ... توغرىسىدا خىيال سۈرىدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئۇ ئاسانلىقچە سىزگە ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرىپىنى كۆرسىتىپ قويمايدۇ، ئۇ سىزگە تېخى تولۇق بېرەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇ بارلىق كۈچى بىلەن سىزنى ھىمايە قىلىدۇ.


    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ھېچقانداق يۆلەنچۈكى قالمىغاندا سىزنى ئويلايدۇ، سىزدىن بىرنەرسە  تەلەپ قىلىپ ئەمەس، پەقەت سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرمىسىكەن دەيدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى بىراقلا سىزنى ياخشى كۆرۈشنى سەۋەبىنى دەپ بېرەلمەيدۇ. پەقەت ئۆزى باشقىلارغا دىققەت قىلمىغانلا خالاس.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئەمەلىيەتتە سىزنى قەستەن جىلە  قىلىدۇ، لېكىن دائىم ئۆزىنىڭ نېمىنى خاتا قىلىپ قويغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىزنى ناھايىتى ئاز ماختايدۇ، لېكىن قەلبىدە سىزنى ئەڭ ئېسىل دەپ قارايدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى قايتۇرۇشقا ۋاقتىڭىز چىقمىغانلىىنى كەچۈرۋېتىدۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ناھايىتى تېز ۋاقىت ئىچىدە ئۇچۇر قايتۇرىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىزنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىڭىزنى  ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئاسانچىلىقچە قارار چىقارمايدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا ئۆزىنىڭ گىپىدە تۇرىشىنى خالايدۇ. پەقەت سىزگىلا ناھايىتى ئىشەنچىلىك بەخىت ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى دائىم سىزگە بەك كۆپ قالايمىقان خىياللارنى قىلماڭ دەيدۇ،
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى بەلكىم سىزگە ئوخشاش  مۇھىم خاتىرە كۈنلەرنى ئېسىدە تۇتالماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ خىيالىدا سىزنى سۆيۈش بۇ ئاددىغىنا بىر قانچە كۈنلەردىلا قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس دەپ قارايدۇ.


    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئۇ سىزگە ئاسانلىقچە «سىزنى سۆيىمەن» دىمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەبىر ئىش- ھەرىكەتلىرىنى شۇنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى دائىم بەزى گەپلەرنى بىر  قېتىم دېسىلا بولدى دەپ قارايدۇ، چۈنكى سىز ئۇنى چۈشىنىپ بولدىڭىز كۆپ سۆزلەش ئەتىۋارسىز قىلىپ قويىدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئەگەر سىزنىڭ ئالدىڭىزغا بارماقچى بولسا، خۇددى سىز ئويلىغاندەك رومانتىك بولۇپ گۈللەرنى ئەكىلىپ سىزنى سۆيىمەن دېيىش ئەمەس پەقەت قولىڭىزدىكى ئېغىر نەرسىڭىزنى ئېلىۋېلىپ، قاپاق تۈرىلىپ قاپتىغۇ ياكى ئورۇقلاپ كەتمەڭ دەپ قويىدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىز ئاچچىقلىنىپ تېلېفوننى قويىۋەتسىڭىز دەرھال قايتۇرۇپ كىلىپ سۆزلىمەيدۇ، بىرەر سائەتلەر ياكى يېرىم كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئاچچىق ياندىمۇ دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا نېمانچە ئۇزاقتا تېلېفون قىلدىڭىز دەپ سورىسىڭىز، ئۇ چوقۇم ناھايىتى چەپدەسلىك بىلەن، سىز خاپا بولغاندا سۆزلىسەم بەرىبىر ئاڭلىمايسىز. ئۇنىڭدىن كۆرە ئاچچىقىڭىز يانغاندا ئاندىن چۈشەندۈرەي دېدىم دەيدۇ.


        سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى قالايمىقان پۇل خەجلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىزنى شۇنچىلىك سېغىنغان ۋاقتىدا توختىماي ئۆزىنىڭ تېلېفونىغا قاراپ سىزنىڭ تېلېفون قىلىشىڭىزنى كۈتىدۇ، لېكىن سىزگە ئۇچۇر قىلىشنى بىلمەي قالىدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى شېرىن گەپ قىلمايدۇ، لېكىن سىزنى سۆيگەن ۋاقتىدا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى سىزگە بېغىشلايدۇ.
    سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت سىزنى كۆرەلمىسە، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى ئالدىراش قىلىۋالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ سىزنى ئويلاپ قالسا، يىغىشتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇھەببەت