مۇھەببەت

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 15:18:47

مۇھەببەت مۇھەببەت كېمىيىپ قالسىلا يەنە بىرنى تېپىشقا، ھەم شۇنداقلا زېرىكىپ قالغاندىلا بېرىپ ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.جاپاغا چىدايدىغاندىن تېپىش كېرەك، بەلكى راھەت كۆرىدىغاندىنلا ئەمەس.ئ...

    مۇھەببەت

     

    مۇھەببەت كېمىيىپ قالسىلا  يەنە بىرنى تېپىشقا، ھەم شۇنداقلا زېرىكىپ قالغاندىلا بېرىپ ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
    جاپاغا چىدايدىغاندىن تېپىش كېرەك، بەلكى راھەت كۆرىدىغاندىنلا ئەمەس.
    ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغانلاردىن تېپىش كېرەك، بەلكى ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغانلاردىن ئەمەس.

    سىزگە ئىگە بولالايدىغاندىن تېپىش كېرەك، بەلكى مۇھەببىتىڭىزنى دەپسەندە قىلىدىغاندىن ئەمەس.

    مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ بولىدۇ. لېكىن تۇرمۇش دېگەن ئەمەلىيەت.

    ئەمەلىيەتتىن  ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن مۇھەببەت ئىزلەيدۇ.

    مۇھەببەت ئىزلەش ئۈچۈن ھەققىي ھېسسياتنى يوقىتىپ قويىدۇ.

    ھەققىي ھېسسياتنى يوقىتىپ قويغاندىلا ئاندىن ئۆزنىڭ ئاللىبۇرۇن ساختا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ.
    سىزنىڭچە مۇھەببەت دېگەن قانداق نەرسە؟

    ئاز-ئازدىن تەسىرلىنىش، ئازغىنا بېرىلىش،  بىر قېتىم قۇچاقلىۋېلىش ياكى بىر قېتىم سۆيىۋېلىشمىدۇ؟

    بەك ساددا ئىكەنسىز، ئادەتتىكى تۇرمۇش فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈپ كەتكەن ئوخشايسىز. مۇھەببەت ھىيكايىلىرىنى كۆپ ئوقىۋالغان ئوخشايسىز.

    بۇلار بەلكىم مۇھەببەتنىڭ بىرقىسمى بولىشى مۇمكىن،  لېكىن كۆپ  قىسمى ئەمەس.

    مۇھەببەتنىڭ باش تېمىسى  تۇرمۇش،  بىللە ياشاش.
    ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ جاپالىق ۋاقىتلارنى بىرگە ئۆتكۈزۈش، لېكىن سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بېسىمنى يەڭگىللىتىپ بېرەلەمسىز، ئۆزىڭىزمۇ ئازراق زىممىڭىزگە ئالالامسىز؟
    سىز ئۇنىڭغا تەندىكى ئىسسىقلىق ھارارەتنى بېرەلەيسىز، لېكىن ئۇنىڭغا  تۇرمۇش يولىنى، نىشانىنى بېرەلەمسىز؟

    سىز  ئىلگىرى مۇنداق ئويلىغان،

    سىلەردىكى قىزغىنلىق يوقىغان ۋاقىتتا،  باغرىغا بېسىشنىڭ  ھېچقانداق بىر  مەپتۇن قىلغۇدەك، مەھلىيا قىلغۇدەك يېرى قالمىغان بولىدۇ.

    بۇ ۋاقىتتا سىلەر قانداق  ئاخىرىغىچە ماڭالايسىلەر؟

    ئارلىق راستىنلا ھەققىي مۇھەببەتنىڭ سىنىقى بولسا، ۋاقىت سىزگە بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىدۇ.

    سىز ھەققىي سۆيگەن ئادىمىڭىز ئۈچۈن، ئازىراق قۇربانلىق بېرىڭ، ئۆزۈڭلارنىڭ مۇھەببىتنى ساقلاپ قېلىڭ.

    ئۇنداق بولمىسا سىز قانداقمۇ ھەققىي مۇھەببەتتىن ئېغىز ئاچالايسىز؟

    سىز ئىلگىرلىكى ۋەدە-قەسەملىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ ساپ كۆڭلىنى ساقلاپ قالسىڭىزلا بولدى.

    سىز  ئۆز-ئۆزىڭىزگە، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى نېمىشقا شۇنچىۋالا سۆيىمەن دېگەن سۇئالنى قويۇڭ.

    سىز  ئىككىڭلارنىڭ ئازابلىنىشىنى خالامسىز ؟

    مۇھەببەت، كېمىيىپ قالسىلا  يەنە بېرىپ تېپىشقا ھەم شۇنداقلا  ھېرىپ قالغاندىلا  بېرىپ ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

    تۇرمۇشتا  بىر ئادەم  تىرىشقان بىلەنلا بولمايدۇ.

    ئىككەيلەن قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتۈش توغرىسىدا ئويلىنىش كېرەك.

    لېكىن بەزى بىر ئوبيىكتىپ ئامىللار سەۋەبىدىن، ئەمەلىيەتتىكى ھازىرقى ۋاقىتتا سىلەر بىرگە بولساڭلار بولمايدۇ.

    ئەجەبا مۇشۇنداق ئاسانلىقچە ۋاز كەچسە، يەنە  تېخى ھەممە ئازابنى سىزلا ئۆز ئۈستۈڭىزگە ئالسىڭىز بولمايدۇ.

    ئەجەبا  ئۆزىڭىزنىڭ مۇھەببىتىنى ساقلاپ قالالمامسىزمۇ ؟
    سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنىڭ كۆرەلىشىڭىز مۇشۇنچىلىكمۇ؟
    ئۆمىرىڭىز مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشقان بولغىيمىدى؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇھەببەت