كۈمۈش قوشۇق

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-13 16:50:54

بىر بۇرادىرىم بولىدىغان، مەغلۇبىيەتكە دۈچ كەلسىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى تەلەيلىك قىلىپ تاپمىغانلىقىدىن رەنجىيتتى. شۇڭا بىر كۈنى ئۇنى ئۆيۈمگە تاماققا تەكلىپ قىلدىم،


    كۈمۈش قوشۇق

    فىرانىك كېد (ئامېرىكا)

    بىر بۇرادىرىم بولىدىغان، مەغلۇبىيەتكە دۈچ كەلسىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى تەلەيلىك قىلىپ تاپمىغانلىقىدىن رەنجىيتتى. شۇڭا بىر كۈنى ئۇنى ئۆيۈمگە تاماققا تەكلىپ قىلدىم، ئەمما ئۆزۈم تاماقنى قوشۇقتا يەپ، ئۇنى قولى بىلەن يېيىشكە دەۋەت قىلدىم. ئۇ ھەيران قالدى ۋە؛
    -نېمىشقا ئەمدى، نېمىشقا قولۇم بىلەن يەيمەن؟ -دەپ سورىدى.
    -بۇنىڭ جاۋابى تاماقتىن كېيىن چىقىدۇ، -دېدىم ئۇنىڭغا كۈلۈپ، تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراپ سورىدىم:
    -قورىمىلار ئوخشاپتۇمۇ؟
    -ئوخشاپتۇ،- دېدى ئۇ دەرھال. مەن يەنە سورىدىم:
    -تاماق يىگەن قولىڭىز يارىلىنىپ قالمىغاندۇ-ھە؟
    -ياق،-دېدى ئۇ جاۋاپ بېرىپ، ھېچقانداق ئىش بولغىنى يوق!
    -شۇنداق،-دېدىم مەن شۇ چاغدا،-قوشۇق بولماسلىق سىزنىڭ تاماق يىيىشىڭىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ، توسالغۇ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ بىر ۋاسىتە. شۇنداقلا قانداق ئادەم بولىشىڭىز تۇغۇلىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ماڭار يولى بولىدۇ، بۇنىڭ تەلەي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بىز پەقەت بۇ يولنىڭ توغرىسىنى تاللاپ ماڭالىساقلا،مۇۋەپپەقىيەت بىزنىڭ بولىدۇ.
    ئەخەت قاسىم تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.