بالىلىق كەتسە ، قايتا كەلمەيدۇ

يوللىغۇچى : qunduz يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-22 20:43:00

مەن 13ياشقا ، ئىنىم ئون ياشقا كىرگەن ۋاقىت ئىدى، دادام بىزنى سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى كۆرسەتكىلى ئاپارماقچى بولدى. قېرىشقاندەك ،چۈشلۈك تاماق يەۋاتساق دادامغا بىرەيلەن تېلېفون بېرىپ، شەھەردە...

          مەن 13ياشقا ، ئىنىم ئون ياشقا كىرگەن ۋاقىت ئىدى، دادام بىزنى سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى كۆرسەتكىلى ئاپارماقچى بولدى. قېرىشقاندەك ،چۈشلۈك تاماق يەۋاتساق دادامغا بىرەيلەن تېلېفون بېرىپ، شەھەردە بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش چىقىپ قالغانلىقىنى، دادام دەرھال بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى  ئېيتتى. بۇلارنى ئاڭلاپ، ئىنىم ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولدى.
        گەرچە بىزنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئويۇن كۆرۈش ئارزۇيىمىز بولسىمۇ، دادامنىڭ ئىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، سېرىك ئويۇنىدىن ۋاز كەچتۇق. ئەمما دادام تېلېفوندا ھېلىقى كىشىگە:

    ـ بارالمايمەن، ھازىر زۆرۇر ئىشىم بار . دۈشەنبە كۈنى بىر گەپ بولسۇن،- دېدى.

          دادام يېنىمىزغا كېلىپ ئولتۇرغاندا ،ئاپام كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇنىڭغا :

      ـ سېرىك ئۆمىكى كەتسە يەنە كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ مۇھىم ئىش بولسا قىلىۋەرسىڭىزمۇ بولاتتى،- دېدى.

      ـ بىلىمەن،- دېدى دادام،- سېرك ئۆمىكى يەنە كەلگەن بىلەن ، بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىقى كەتسە، قايتا كەلمەيدۇ ئەمەسمۇ.

      شۇنداق قىلىپ، بىز  بىر ئائىلە كىشىلىرى سەييارە سېرك ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى بىرلىكتە كۆردۇق.

          ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ئىنىم ئىككىمىز  دائىم مۇشۇ ئىشنى ئەسلەپ قالىمىز. شۇ كۈنى بىز دادامنىڭ «بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىقى كەتسە قايتا كەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىدىن ئاتا-بالىلار ئوتتۇرسىدىكى يوقىتىپ قويۇشقا، بۇزۇشقا ياكى سەل چاغلاشقا بولمايدىغان چوڭقۇر مۇھەببەتنى ھېس قىلغانىدۇق. چۈنكى قەلبىمىزدە بىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىدىغانلار يەنىلا ئائىلىمىزدىكىلەر ئىكەن.

                                   گۈلبوستان غۇلام تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق