قەلىبلەر ئىللىسۇن

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-16 18:11:05

دۈمبىسىگە سومكا ئېسىۋالغان، قولىدا تاماق قاچىسى كۆتۈرۈۋالغان بىر ئوغۇل بالا بولكىخانىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. بىر ھازادىن كېيىن، ئۇ ئاخىر ئەرزان باھالىق بولكىدىن بىرنى ئېلىپ، پۇكەي ئالدىغا كېلىپ ھېسابات قىلماقچى بولدى.


    قەلىبلەر ئىللىسۇن
     
    دۈمبىسىگە سومكا ئېسىۋالغان، قولىدا تاماق قاچىسى كۆتۈرۈۋالغان بىر ئوغۇل بالا بولكىخانىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. بىر ھازادىن كېيىن، ئۇ ئاخىر ئەرزان باھالىق بولكىدىن بىرنى ئېلىپ، پۇكەي ئالدىغا كېلىپ ھېسابات قىلماقچى بولدى. دۇكاننىڭ ئايال غوجايىنى ھېساباتنى قىلىۋاتقاندا، غوجايىننىڭ ئاشۇ ئوغۇل بالا بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئوغلى ئاپىسىنىڭ قولىنى تارتقىنىچە قۇلىقىغا بوش ئاۋازدا:
    -ئاپا، ئۇ دېگەن ئوغرى، مەن ھېلى ئۇنىڭ ئۈچ بولكىنى سومكىسىغا سېلىۋالغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم،-دېدى.
    غوجايىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكى بۇ ئۆز ئوغلى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئوغۇل بالىغا قارىدى. بالا خىجىللىقتا نېمە قىلارىنى بىلمەي چاپىنىنىڭ پېشىنى چىڭ قاماللىۋالغانىدى.
    «ئەسلى مۇنداق ئىكەن-دە!» غوجايىن كۈلۈمسىرىگىنىچە:
    -بالام، سەن بولكىغا ئامراقمۇ؟-دەپ سورىدى ھېلىقى ئوغۇل بالىدىن.
    بالا گەپ قىلماي قىزارغىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى.
    غوجايىن ئارقىدىنلا:
    -بەك ياخشى بولدى، ئەمىسە سەن ماڭا ياردەملىشىپ ماۋۇ بولكىلارنى خالتىغا قاچىلاپ بېرەمسەن؟ دۇكىنىمىزدا خىزمەتچى كەمچىل، ئەگەر ماڭا ياردەم قىلساڭ، ساڭا بولكىدىن بىر قانچىنى سوۋغا قىلىمەن،-دېدى.
    بالا بىر ھازا تېڭىرقاپ قالغاندىن كېيىن، بېشىنى كۈچەپ لىڭشىتىپ ماقۇللىقىنى بىلدۈردى. غوجايىننىڭ ئوغلى نارازى بولغان ھالدا:
    -ئاپا، نېمىشقا مۇنداق قىلىسىز، ئۇ دېگەن...
    ئۇنىڭ گېپى تېخى ئاياغلاشماستىن غوجايىن ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتتى، ئوغلىنى بىر چەتكە تارتىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنىچە ئوغلىغا:
    -ئوغلۇم، ئەگەر تاللاشقا توغرا كەلسە، ھېچكىم ئوغرى بولۇشنى تاللىمايدۇ، سەن تەڭرىنىڭ بىزگە بىر قانچە بولكا بىلەنلا باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان ياخشى پۇرسەتنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىشىڭ كېرەك. شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، ئادەم ئۈچۈن باغرى يۇمشاقلىق ئەقىللىق بولغاندىنمۇ بەكرەك مۇھىم،-دېدى.
    غوجايىننىڭ ئوغلى بېشىنى لىڭشىتتى. شۇ تاپتا ئۇ ئاپىسىنىڭ بالىنى ئوغرى دېگەن گەپنى قايتا تىلغا ئالماسلىق توغرىسىدا تەربىيە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەنىدى.
    شۇنداق قىلىپ، ھېلىقى بالا ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ دۇكانغا كېلىپ ياردەملىشىدىغان، غوجايىن ئۇنىڭغا بىر قانچە بولكا بېرىدىغان بولدى. بەزى چاغلاردا غوجايىن ئۇنى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىدى دەپ مۇكاپاتلاپ، سومكىسىغا  سۈت ۋە مېۋىلەرنى سېلىپ قوياتتى.
    بىر ئايدىن كېيىن، ئاددىي-ساددا كىيىنگەن بىر ئايال ھېلىقى بالىنى ۋە ئىككى كىچىك قىزنى يېتىلىگىنىچە بولكىخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئايال غوجايىنغا چوڭقۇر تەزىم قىلغاندىن كېيىن:
    -سىزنىڭ مۇشۇ بىر ئايدا قىلغان ياردىمىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، سىزنىڭ ياردىمىڭىز بولغاچقىلا، ئوغلۇم ھەر كۈنى بولكا ئېلىپ كېلەلىدى، بالىلىرىممۇ ئاچ قالمىدى. مەن ئىشسىز قالغىلى بىر قانچە ئاي بولغاچقا، ئىلاجىسىز بالىلىرىمنى دارىلئېتامغا ئاپىرىپ بېرەي دەپ تۇرغانىدىم. ھازىر خىزمەت تاپتىم، ئەمدى بالىلىرىمنى بېقىپ كېتەلەيمەن،-سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى، قايتا تەزىم قىلغاندىن كېيىن،-بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ھىممىتىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت،-دېدى.
    ئايال غوجايىن كۈلۈمسىرىگىنىچە:
    -رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىكى يەنىلا ئوغلىڭىز، بولكىلارغا كەلسەك ھەممىنى ئۇ ئۆزى ئىشلەپ تاپقان،-دېدى، ئاندىن ئېڭىشكىنىچە ئوغۇل بالىنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ،-ئەگەر كېلەر قېتىم يەنە بولكا يېگۈڭ كېلىپ قالسا، يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىپ «ئالغىن»، بىلدىڭمۇ؟-دېدى.
    ئوغۇل بالا خىجىللىقتىن قىزارغان كۆزلىرىنى ئەپقېچىپ، ئۈن-تىنسىز بېشىنى لىڭشىتتى.
    غوجايىننىڭ ئوغلى ھېلىقى ئايالنىڭ ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ ئايرىلغان چاغدىكى سېيماسىغا قارىغىنىچە تۇيۇقسىز «باغرى يۇمشاقلىق ئەقىللىق بولۇشتىنمۇ مۇھىم» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندەك بولدى.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بالا بولكا غوجايىن