كەلگۈسىدىكى 10 چوڭ كەشپىيات

يوللىغۇچى : Lady-Uyghur يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 19:24:46

بۇ نەزەرىيە ئىنسانلارنىڭ دېڭىزدا ئولتۇراقلىشىش ئارزۇسىنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانى بولۇپ،بۇ خىل ئولتۇراقلىشىشتا ئىنسانلار سۇ يۈزىدە لەيلىمە ھالەتتە ياكى دېڭىز تېگىگە ۋە ياكى ئوتتۇرراق قاتلىمىغا ماكانلىشىدۇ.دېڭىزدا ماكانلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا

      .دېڭىزدا ماكانلىشىش 

     



    بۇ نەزەرىيە ئىنسانلارنىڭ دېڭىزدا ئولتۇراقلىشىش ئارزۇسىنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانى بولۇپ،بۇ خىل ئولتۇراقلىشىشتا ئىنسانلار سۇ يۈزىدە لەيلىمە ھالەتتە ياكى دېڭىز تېگىگە  ۋە ياكى ئوتتۇرراق قاتلىمىغا ماكانلىشىدۇ.دېڭىزدا ماكانلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا ياشىغىلى بولىدىغان ماكاننىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە سۇ ئاستى بايلىق مەنبەلىرىگە ئېرىشىش چارىلىرىنى كېڭەيتىش.دېڭىزدا ماكانلىشىش ئۇرۇنۇشلىرىدىن ئېرىشىلگەن تەجىربە-ساۋاقلارنى ئالەم بوشلۇقىدا ماكانلىشىش نەزەريىسىگىمۇ تەدبىقلىغىلى بولىدۇ.بىراق دېڭىزدا ماكانلىشىش ئالەم بوشلۇقىدا ماكانلىشىشتىن كۆپ ئاددى ھېساپلىنىدۇ.ئەگەر دېڭىزدا ماكانلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلسا ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى نەزەرىيە ۋە تەجىربە –ساۋاقلاردىن پايدىلىنىپ ئالەم بوشلۇقىدا ماكانلىشىشمۇ ماس قەدەمدە ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ. ئۇنداقتا زادى دېڭىزدا ماكانلاشقىلى بولامدۇ؟ بولىدۇ.لېكىن بۇ يەردە ئىقتىسادى رېئاللىق چوقۇم نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك.                                                           

    2.    ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتىدىغان تونىل    


    بۇ شىمالى ئامىركا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرسىدىكى ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتىدىغان تونىل ياشاش نەزىريەسى بولۇپ بەزى توشۇش-يۆتكەش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش كۆزلىنىدۇ.  يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ سائەتلىك سۈرئىتى 500 دىن 8000 غىچە بولغان  پويىز ياساش پەرىزى ئوتتۇرغا قويۇلدى.بۇنداق بىر تونىل ياساشنىڭ دېرەك بېرىدىغان مەنىسى ئىنتاين چوڭ. نىيۇيورىكتىن لوندۇنغا بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا يېتىپ بېرىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.ياكى ماللارنى ناھايىتى ئاز مەبلەغ ۋە ۋاقىت سەرپىياتى بىلەن توشۇپ يۆتكەشنى خىيال قىلىپ بېقىڭ. ئۇنداقتا بۇ تونىل پىلانى ئەمەلگە ئاشارمۇ؟ بۇ پىلان تېخى نەزەريىۋى باسقۇچتىن ئۆتۈپ باقمىدى ھەم ھېچكىم ھەم بۇ تەتقىقاتنى مەخسۇس تۇتۇپ باقمىدى.بۇنداق تونىل ياساشتىكى ئاساسلىق مەسىلە بولسا تەننەرخ. ئاز دېگەندىمۇ12 ترلىيۇن مەبلەغ كېتىدۇ.ئەگەر بۇنداق تونىل ياسىلىپ پۈتكۈزۈلسە ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى ھازىرقى ئەڭ ئۇزۇن تونىلنىڭ 215 ھەسسىگە ،كېتىدىغان مەبلەغ 3000 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ .

    3. Wi-Fi
    دۇنياۋى  سىمسىز تور شەھىرى




    يەنى پۈتۈن بىر شەھەرنى سىمسىز تور بەلباغىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق سىمىز تور ئىنتېرنىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش  ئاخىرقى مەقسەت قىلىنىدۇ.بۇ Wi-Fi  ئارقىلىق شەھەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ياكى پۈتكۈل قىسمىدا سىمىسىز تور قۇرۇلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.يەنى ئۆي سىرتىغا نەچچە يۈزلىگەن سىتولبىلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق يەتكۈزگۈچلەر ئارىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ تېخنىكا ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ئەمىليەتتە بۇ تېخنىكا نۇرغۇن شەھەرلەردە ئاللىقاچان قوللىنىلىپ بولۇندى.بىراق تېخى ئاساسلىق ئېقىم بولۇپ شەكىنلەنمىدى خالاس.

    4. بىئونىكا


    بۇ بىر خىل بېئولوگىيەدىن ئېنجىنىرلىققا ئۆتۈش ئىدىيەسى بولۇپ مېدىنىسىنادا ئىنسانلار بەدىنىدىكى  مەلۇم بىر ئورگان ياكى بۆلەكنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ياكى ئورنىغا باشقىلىرىنى سەپلەش دېگەن مەنىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىئونىكادا تەقلىد قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق  ئالماشتۇرۇلغان ئورگاننىڭ ئەسلىدىكى فۇنكىسيەسىگە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرلىدۇ ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

    تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنى تېخنىكا  بىئونىكسى بولسا جانلىقلارنىڭ بىئولىگىيەلىك ماسلىشىش ئىقتىدارىنى مۇھىتقا تەقلىد قىلىدىغان تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەسىلەن دېلفىننىڭ قېلىن تېرىسنى پاراخوت گەۋدىسىگە ، شەپەرەڭنىڭ ئەكسسادا ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىغا تەدبىقلاش قاتارلىقلار.   ئۇنداقتا بۇ ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بىئونىكا تەتقىق قىلىنىۋاتقىلى بىر قانچە يىللار بولۇپ قالدى. لېكىن يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ. بىراق بىر قىسىم تەقلىدى ئورگانلار مەسىلەن سۈنئى يۈرەك، سۈنئى قۇلاق قاتارلىقلار.

    5. ئېغىرلىق كۈچى يوقۇتۇش نەزەريىسى


    بۇ بولسا ئېغىرلىق كۈچىدىن خالى بىر جاي ياكى بىر نەرسە ياساش خىيالى بولۇپ،بۇ قارشى تەبىئەتلىك ئىككى كۈچنى سوقا سالدۇرۇش ئەمەس بەلكى تېخنىكىلىك مۇداخىلە ئارقىلىق ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ياكى شۇ كۆزلەنگەن رايونغا نىسبەتەن مۇۋاپىق كەلمەس قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش خىيالى.

    ئۇنداقتا بۇ ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ قىسقا جاۋاپ شۇكى ياق.گەرچە نەزەريىۋى جەھەتتىن ئېغىرلىق كۈچىنى يوقىتىش مۇمكىنچىلىقى بار بولسىمۇ،لېكىن ئەمەلگە ئېشىشىغا بىر نېمە دېيىش قىيىن.

    Biefeld-Brown
    تەسىرى تېخنىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئېغىرلىق يوقۇتۇش ھادىسىسى ئەمەس.لېكىن ئۇبىر  نۇسخا خالاس .

    6. ھەممىگە قادىر دورا


    بۇ بىر خىل ھەممە كېسەلنى داۋالىيالايدىغان ۋە ئۆمۈرنى ئۇزارتالايدىغان دورا ياساش پەزىرى بولۇپ،راك ،ئەيدىز ۋە ھەرخىل ۋىرۇسلارغا داۋا تېپىش مەقسەت قىلىنىدۇ.ھازىرقى ھامان تىببى پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشغا ئەگىشىپ بۇ لاھىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بارغانسىرى رېئاللىققا يېقىنلاشماقتا.بولۇپمۇ گېن تەتقىقاتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ئېرسىيەت گېنلىرى بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى.بۇ خىل دورانىڭ ئىجاد بولىنىشنى بەلكىم مۇشۇ ئەسىر كىشىلىرى كۆرەلىشى مۇمكىن.

    7. ئېنىرگىيە قالىقىنى


    ئېنىرگىيە قالقىنى قوراللار ياكى ئېلىمىنىتلارنىڭ تەسىرىنى ئەگىتىپ ئۆتكۈزۋىتىدىغان ياكى ئۆزىگە سۈمۈرۋالدىغان بىر قالقان لاھىيىسى بولۇپ،ئېنىرگىيەنىڭ كىرىشىنى توسۇۋالىدۇ. قالقاننىڭ ئېنىرگىيەنى سۈمۈرۈشكە بولغان چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇپ،كېيىن ئاجىزلىشىپ قوغدالماقچى بولغان رايوننىڭ ھۇجۇمغا بولغان قوغداش دەرىجىسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

    ئۇنداقتا بۇ خىل لاھىيە ئەمەلگە ئاشارمۇ؟بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش قىيىن.

    ئالىملار بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئېنىق بىر نېمە دىيەلمىدى.بىراق نەزەريىۋى جەھەتتىن بىر قانچە قىيىنچىقلىقلار ھەل بولۇنغاندىلا ئاندىن بۇ لاھىيە ئۈستىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن.

    بۇنداق بىر قالقان ياساس كېتىدىغان تەننەرخنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

    تېخنىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەگەر ئىنسانىيەت بۇ خىل ئېنىرگىيەنى پىروكسىيەلەشتۈرۈپ قاتتىق ھالەتكە ئەكىلەلەيدىغان تېخنىكىنى ئىجاد قىلالىسا،ئۇنداقتا قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا ئايلىنىدۇ.

    8. بوشلۇق پەلەمپەيسىمان لىفىتى


    بۇ بىر خىل پەرەزىۋى لىفىت قۇرۇلمىسى بولۇپ،ئاسمان جىسىملىرى سىرىتقى يۈزىدىن ئالەم بوشلۇقىغا ماتىريال توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.ئالىملار بۇ خىل لىفىتنى يەرشارى بىلەن بىر ئوقتا ئايلىنىدىغان ئوربىتالار ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.بۇ خىل قۇرۇلما ئالەم بوشلۇقى قۇرۇلۇشلىرى،سۈنئى ھەمرا قويۇپ بېرىش قاتارلىقلارنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     ئۇنداقتا بۇ ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ ئەلۋەتتە.

    يەنى كابېل ياكى ئارقان شەكلىدىكى جىسىم بىلەن يەر شارى بىلەن بىر ئوقتىكى مەلۇم بىر ئوربىتانىڭ ئۈستىكى نۇقتا بىلەن ئېكۋاتۇرغا يېقىن جايدا كېسىشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ.ئوربىتا ئايلانغاندا ئارقاندىكى ئىنىرتسىيە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە ئاجىزلىشىدۇ-دە،كابېلنى چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن قاتناش قوراللىرى راكىتانىڭ ئىتتىرىش كۈچىنىڭ ھاجىتىسىزمۇ بۇ قۇرۇلما ئارقىلىق ئوربىتالارغا يېتىپ بارالايدۇ.

    9. گېئوخىمىيە


    گېئوخىمىيە بولسا ئىنسانلارنىڭ ماكانلىشىشى ئۈچۈن ئاتموسفىراسى،تېمپىراتۇراسى، يەر شەكلى توپوگرافىيەسى،ئېكولوگىيەسى  جەھەتتىن يەر شارىغا يېقىنلىشىدىغان ماكان قۇرۇش قىياسى بولۇپ،ئەگەر يۇلتۇزلار ئارا ئۇچۇش چۈشى ئەمەلگە ئاشسا بۇمۇ يىراقتا ئەمەس.چۈنكى پۈتكۈل سامان يولى سېستىمىسىنى بويسۇندۇرۇش ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چەكتىكى ئارزۇسى.  ئۇنداقتا بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشارمۇ؟ نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇمكىن.يەنى ۋەيران بولغان مۇھىتتا مۇۋاپىق جاي تېپىپ كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنى يېتىشتۇرۇپ چىقىپ ئاخىرىدا ئېكولوگىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش بىر ئامال بولۇش مۇمكىن.ئۇنىڭدىن سىرىت  يەر شارىنىڭ ئىنسانلار تۇرۇشقا بولىدىغان ۋە ئىشلىتىشكە بولىدىغان يەرلىرىنى ئەڭ چوڭ دائىرىدە ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قورشاۋ قۇرۇش قىياسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
     



    10. يۇلتۇزلار ئارا ئۇچۇش

    يۇلتۇزلار ئارا ئۇچۇش بولسا ئادەم سېلىنغان ياكى سېلىنمىغان ئالەم كېمىسى بىلەن يۇلتۇزلار ئارا كېزىش دېگەن ئۇقۇم بولۇپ،ئىلمىي فانتازىيىلىك رومانلارنىڭ باش تېمىسى ھېساپلىنىدۇ.يۇلتۇزلار ئارا كېزىش ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆلەم  ۋە مۇساپە جەھەتتىن قۇياش سېستىمىسى ئىچىدىكى پېلانىتالار ساياھەت قىلىشتىن زور دەرىجىدە قىيىن بولۇپ،كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا يىراق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈش،يېڭى ئۇپۇقنى بايقاش ۋە ئالەم بوشلۇقىنى بويسۇندۇرۇش قاتارلىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ.

    ئۇنداقتا بۇ تەسسەۋۋۇر ئەمەلگە ئاشامدۇ؟

    ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتناش ئىدارىسى

    ) NASA (

    ئىتتىرىش كۈچى فىزىكىسى بۆسۈش خارەكتىرلىق  تەتقىقات قۇرۇلۇش كومىتىتى بۇ خىل كەشپىياتنى قوللايدىغان ئىككى ئامالنى ئوتتۇرغا قويدى.يەنى

    ئىتتىرىش كۈچى سۈرئىتىنى ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكۈزەلەيدىغان ئۇسۇل تېپىپ چىقىش ۋە ئالەم كېمىسنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان كېمىگە ئېلىپ چىققىلى بولىدىغان ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقارغۇچنى ياساپ چىقىش.

    مەنبە:    http://listverse.com/2008/04/05/10-great-inventions-that-should-be-invented/
    Lady-Uyghur تەرجىمىسى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.