ئىچىملىك قۇتىلاردىكى سىرلار

يوللىغۇچى : Lady-Uyghur يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 19:30:05

تاللا بازىرىغا بېرىپ بارلىق ئىچىملىق قۇتىلىرىنىڭ تېگىغا قاراپ باقسىڭىز پەقەت چوڭ قۇتىلىق农夫山泉نىڭ تېگىدە 2 دېگەن سان بارلىقىنى،باشقا بارلىق ئىچىملىك قۇتىلىرىنىڭ سىرتقى بېزىلىشىنىڭ مەيلى قانچى...

     تاللا بازىرىغا بېرىپ بارلىق ئىچىملىق قۇتىلىرىنىڭ تېگىغا قاراپ باقسىڭىز پەقەت چوڭ قۇتىلىق农夫山泉نىڭ تېگىدە 2 دېگەن سان بارلىقىنى،باشقا بارلىق ئىچىملىك قۇتىلىرىنىڭ  سىرتقى بېزىلىشىنىڭ مەيلى قانچىلىك كۆركەم بولىشىدىن قەتئىنەزەر  تېگىدە 1 دېگەن ساننىڭ بارلىقىنى بايقايسىز.ئىچىملىك قۇتىنىڭ تەركىبىدە  PET دەيدىغان بىر خىل پىلاستىك ماتىريال بار بولۇپ،بىر قېتىم ئىشلەتكەندە بىخەتەر بولغان بىلەن تەكرار ئىشلىتىلگەندە راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەجەللىك ئامىلغا ئايلىنىدۇ. دىققەت قىلسىڭىز مىنرال سۇ قۇتىلىرىنىڭ تېگىدە ئىستىرىلكا كۆرسەتكۈچلۈك بىر ئۈچ بۇلۇڭ بار بولۇپ، ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئىچىدە سان بار.




    ئادەتتىكى نۇڭفۇ شەنچۇەن مىنرال سۇ قۇتىسىنىڭ تېگىدە 1 دېگەن سان بار. 






     لېتىرلىقىدا بولسا 2 دېگەن سان بار.



    چاي تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ قۇتىسى ئىسسقلىققا چىداملىق قۇتىلاردىن ئىشلىنىدىغان بولۇپ تېگىدە 5 دېگەن سان بار.

    تۆۋەندە بۇ سانلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ باقايلى.
    1. 




     Positron emission tomography (PET)

    聚对苯二甲酸乙二醇脂---
    پولى ئېتىلېن تېرېفتالات 
    ئادەتتە مىنىرال سۇ قۇتىلىرى ۋە كاربوناتلىق يەنى گازلىق ئىچىملىكلەرنىڭ قۇتىلىرى ياسىلىدۇ.ئېرىش نۇقتىسى 70 گىرادۇس،ئارتۇق  قىزدۇرۇلغاندا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىنى قويۇپ بېرىدۇ. 1-نومۇرلۇق بۇ خىل قۇتىلار 10 ئاي ئىشلىتىلگەندىن كېيىن راك پەيدا قىغۇچى DEHP-C6H4(CO2C8H17)2 نى قويۇپ بېرىدۇ.

    بۇ خىل قۇتىلارنى ئاپتاپ چۈشىدىغان جايغا (بولۇپمۇ ماشىنانىڭ ئىچىدە)  قويۇشقا،ئىچىگە ئىسپىرىت،ماي قاتارلىقلارنى قاچىلاشقا بولمايدۇ.

    2.

      高密度聚乙烯 يۇقىرى زىچلىقتىكى پولى ئېتىلېن---

    ئاق رەڭلىك دورا قۇتىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ بولسا پاكىز ئەشيا بولۇپ،ئادەتتە يۇيۇنۇش مەھسۇلاتلىرىمۇ مۇشۇ ئەشيادىن ئىشلىنىدۇ(ئەلۋەتتە سۈپەتلىكلىرى).لېكىن بۇ قۇتىلاردا سۇ ئىچىشكە ياكى باشقا نەرسىلەرنى ساقلاشقا بولمايدۇ.چۈنكى تەكرار ئىشلىتىلگەندە ئۇنىڭ پاكىزلىقى تۈگەپ تەركىبى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ.

    3.

     PVC---聚氯乙烯--- پولى ۋىنىل خلورىد

    ئادەتتە يامغۇرلۇق كىيىم ،قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ۋە پىلاستىك پىليونكا (ئائىلىدە يېمەكلىك ئوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ھەر خىل سۇلياۋ ئورالمىلار) ۋە پىلاستىك قۇتا ياكى قاپلار ياسىلىدۇ. بۇ خىل ماددىدا ياسالغان قۇتىلارنىڭ پىلاستىنكىلىقى كۈچلۈك،نەرقى ئەرزان بولۇپ  ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ.

    ئېرىش نۇقتىسى 81 گىرادۇس بولۇپ، ئارتۇق قىزىتىلغاندا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددا قويۇپ بېرىدۇ.ئادەتتە يېمەكلىك ئوراپ-قاچىلاشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. تازلىغاندا قالدۇقلار پاكىز چىقمايدۇ.شۇڭلاشقا تەكرار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.بۇ خىل قۇتىلارغا قاچىلانغان ئىچىملىكلەرنى سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ.

    4.

    PE -聚乙烯- پولى ئېتىلېن

    ئادەتتە سەي-كۆكتاتلارنى،مېۋىلەرنى يېڭى پىتىچە ساقلاش ئۈچۈن ئوراپ قۇيىلىدىغان سۇلياۋ ئورالمىلار.بۇ ئائىلىلەردىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.مەسىلەن تاۋۇزنى كېسىپ مۇشۇنداق ئورالمىلار بىلەن ئۈستىنى بىر قەۋەت ئوراپ توڭلاتقۇغا سالىمىز.ئەمىليەتتە سۇلياۋ تەركىبىدىكى بۇ خىل زەھەرلىك ماددا يېمەكلىك بىلەن رېئاكسىيەلىنىپ بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن كۆكرەك راكىنى پەيدا قىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى ھەر خىل تۇغما مېيىپلىق كېسەللىكلەرمۇ مۇشۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەستە تۇتۇش كېرەككى يېمەكلىك ئىسىتقاندا بۇ خىل سۇلياۋ ئورالمىلار بىلەنلا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سالماسلىق كېرەك.چۈنكى يۇقىرى تېمپىراتۇرادا سۇلياۋ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ئاجىرلىپ چىقىدۇ-دە،سىز بىر چىنە تاماق ئەمەس بەلكى بىر چىنە زەھەر ئېستىمال قىلىسىز.

    5.

     PP-- 聚丙烯--- پولى پروپىلېن

    ئادەتتە پۇرچاق سۈتى قاچىلىنىدىغان قۇتىلار،قېتىق قۇتىلىرى،مېۋە شەربەتلىرى قاچىلىنىدىغان قۇتىلار،مىكرو تىپلىق ئوچاققا سېلىنىدىغان تاماق قۇتىلىرى ياسىلىدۇ. ئېرىش نۇقتىسى 167 گىرادۇس بولۇپ بىردىنبىر مىكرو تىپلىق ئوچاققا سېلىشقا بولىدىغان قۇتىلار ياسىلىدىغان ماددا. ناھايىتىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تازلانغاندىن كېيىن تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدۇ.لېكىن دىققەت قىلىش كېرەككى بۇ خىل تاماق قۇتىلىرىنىڭ قۇتا ئۆزى 5-نومۇرلۇى دىن ياسالغىنى بىلەن قۇتا ئېغىزى يەنى ياپقۇچى 1-نومۇرلۇق دىن ياسىلىدۇ .شۇڭا ئوچاققا سالغاندا ئېغىزىنى ئېلىۋىتىپ ئاندىن سېلىڭ.

     

    6.

     PS--- 聚苯乙烯--- پولى ستىرېن 

    قۇتىلىق تەييار چۆپنىڭ قۇتىلىرى،تېز تاماقلارنى قاچىلايدىغان قۇتىلار ياسىلىدۇ. يۇقىرى تېمپىراتۇرادا قىزىتىلغاندا خىمىۋىلىك تەركىپ ئاجىترىپ چىقىرىدۇ.كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر(ئاپلىسىن شەربىتى)،ئىشقارلىق ئىچىملىكلەر بۇ ماددىدىن ياسالغان قۇتىلارغا قاچىلانغاندا رېئاكسىيەلىشىپ راك پەيدا قىلغۇچى تەركىپ ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ. ھازىرقى ئاشخانىلاردىكى دېزىنفىكسىيە قىلىنىپ تەييارلانغان ئوراقلىق بىر يۈرۈش كويزا-تەخسىلەر دەل مۇشۇ ماددىدىن ياسالغان سۇلياۋدا ئورۇلۇپ قىززىق تېمپىراتۇردا تازلىنىدۇ.  قۇتىلىق تەييار چۆپنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا پىشۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ.يۇقۇرى تېمپىراتۇرادا راك پەيدا قىلغۇچى تەركىپ قويۇپ بېرىدۇ.

    7.

     PCۋە باشقا تەركىپلەر
    ئادەتتىكى چۆگۈن ،ئېمىزگە بوتۇلكىسى،چاي قۇتىلىرى قاتارلىقلار ياسىلىدۇ.تاللا بازارلاردا پائالىيەت قىلىپ سېتىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا سوۋغات قىلىپ سەپلىنىدىغان قۇتا ۋە ئىستاكانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل ماتىرياللاردىن ياسىلىدۇ. ئىشلەتكەندە قىزتماسلىق (ياكى قىززىق سۇ،چاي،سۈت قاتارلىقلارنى قاچىلماسلىق) ياكى ئاپتاپ چۈشىدىغان يەرگە قويماسلىق كېرەك.چۈنكى يۇقۇرى تېمپىراتۇرادا بۇ خىل ماددىدىن قوش فېنول ئاجىرلىپ چىقىرىلدۇ ۋە بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. 


    Lady-Uyghur تەرجىمىسى



     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىچىملىك قۇتىلار