نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى 1

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 11:27:14

نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى 11. تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئېينىشتىيىن 1879-يىلى گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر ئۇلىمدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ تۇغۇلۇپ ئىككىنچى يىلى ئېينىش...



     

     نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى 1


    1. تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى
          ئېينىشتىيىن 1879-يىلى گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر ئۇلىمدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ تۇغۇلۇپ ئىككىنچى يىلى ئېينىشتىيىن ئائىلىسى مىيۇنخىنغا كۆچۈپ بارغان. ئېينىشتىيىننىڭ دادىسى ھېرمان، ئانىسى پولىن ھەر ئىككىسى سەنئەتكە قىزىقىدىغان، ئەركىن ئىدىيىلىك كىشىلەر بولۇپ بۇ ئائىلە ئىجتىمائى ئالاقىسى كەڭ، پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئائىلە ئىدى. كىچىك ئېينىشتىيىنمۇ كىچىكىدە باشقا بالىلاردىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان ئادەتتىكى بىر بالا ئىدى. ئەگەر پەرقلىنىدۇ دېسە ئېينىشتىيىن باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى ئانچە ياقتۇرمايىتتى، دائىم ئۆزى يالغۇز ئوينايتتى. بولۇپمۇ كورۇپكىلارنى تىزىپ ئېگىز ئۆيلەرنى ياساپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇنغا ناھايىتى ئامراق ئىدى. يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىسى ھەتتا ئېينىشتىيىننىڭ ئەقلى قابىلىيىتى كېيىن يېتىلىپ قالدىمىكىن، دەپ ئەندىشە قىلغانىدى. بۇ ھەقتە كېيىن ئېينىشتىيىن يۇمۇرلۇق قىلىپ مۇنداق دېگەن. «كىچىكىمدە مېنىڭ ئەقلىم كېيىن يېتىلىپ قالغان، شۇڭا باشقىلار بىلىپ بولغان نەرسىلەرنى مەن خېلىغىچە بىلەلمەي يۈرەتتىم، شۇڭىمۇ تاكى 15-16 ياشقا كىرگىچىمۇ ۋاقىت، بوشلۇق دېگەنلەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي تولا ئويلىناتتىم، بۇنىڭ نەتىجىسىدە نىشبىيلىك نەزەرىيىسى كېلىپ چىقتى».
         نىيوتون، ئېينىشتىيىننىڭ بالىلىق دەۋرىنى كۆزەتسەك ئۇلار ھەر ئىككىسىنىڭ باشقا سەۋەپ ياكى ئۆز مىجەزى تۈپەيلىدىن دائىم يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ھەتتا چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق. بەلكىم ئېينىشتىيىن كېيىن ئۆزى ئېيتقاندەك يالغۇز ئويناش جەريانىدىكى «ئاڭسىز ھالدا» ئېلىپ بېرىلغان پىكىرلەر ۋە بۇ جەرياندا يولۇقتۇرغان ھادىسىلەر ئۇلارنىڭ گۆدەك تەپەككۇر دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتىن بۇ ئىككى تالانت ئىگىسى بىزنىڭ خەلق چۆچەكلىرىمىزدە تىلغا ئېلىنىدىغان قەھرىمان شەخىسلەرنىڭ دائىم ئۆزى يالغۇز ئەتراپتىكى رېئال دۇنيادىن ھالقىغان ھالدا ئىنسانىيەت، ئالەم، مەۋجۇتلۇق ھەققىدە خىيال سۈرۈشلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. (ھازىرمۇ بەزى يازغۇچىلىرىمىز مۇشۇنداق ئوبرازلاردىن پايدىلانماقتا، مەسىلەن مۇھەممەت باغراش) كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئەتراپتىكى جاھاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن خالىي تۇرۇش ئۇلارغا تېخىمۇ ماھىيەتلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، كۆڭلىدە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى، ئالەم ھادىسىلىرى، مەۋجۇدىيەت سىرلىرى ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ ئاساسى ئورۇندا بولىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
         بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى نيوتون، ئېينىشتىيىنلار سەل چوڭ بولۇپ ئەقىل يېشىدىن ئاشقاندىن كىيىن بەزى ياخشى يېزىلغان تەبىئەت پەلسەپىسى ئەسەرلەر ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاپلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئېينىشتىيىن 12 ياش چېغىدا تاغىسى ياكوب سوۋغا قىلغان بىر پارچە كىتاپ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
    «12 ياش ۋاقتىمدا مەن بىر خىل ھەيرانلىقنى باشتىن كەچۈردۈم. ئۇ بىر ئوقۇش يىلى باشلانغان ۋاقىت. مەن بىر ئىۋكىلىد گېئومىتىرىيىسىغا ئائىت بىر كىتاپچىغا ئېرىشتىم. بۇ كىتاپتىكى نۇرغۇن ھۆكۈملەر، مەسىلەن، ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ ئېگىزلىكى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ دېگەندەك، قارىماققا بىر قاراشقا بىلگىلى بولىدىغاندەك ئەمەس، لىكىن ناھايىتى ئىشەنچلىك ھالدا ئىسپاتلاپ چىقىشقا بولىدۇ، ھەتتا ھەر قانداق گۇماننىڭ ئورنى يوق. بۇ خىل ئېنىقلىق ۋە ئىشەنچلىكلىك مەندە تەسۋىرلىگۈسىز تەسىر پەيدا قىلدى».
           1896-يىلى 17ياشلىق ئېينىشتىيىن شىۋېتسارىيەدىكى سىيۇرىخ فېدىراتسىيە سانائەت ئۇنۋېرسىتىتىغا قۇبۇل قىلىندى. دادىسى ئېينىشتىيىننىڭ ئېلىكتىر ماشىنىلىرى ئېنژىنىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن ئېينىشتىيىن فىزىكا كەسپىنى تاللىدى. قېرىشقاندەك سىيۇرىخ فېدىراتسىيە سانائەت ئۇنۋېرسىتىتى ياۋروپادىكى خېلىلا داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ فىزىكا نەزەرىيە ئوقۇتۇشىدا ئاجىز بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى فىزىكا تەتقىقاتىغا يېتىشەلمەيىتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىدىغىنى كۆپىنچە قۇرۇلۇش تېخنىكىسىغا ئائىت بىلىملەر بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى قىزىق نۇقتىلىق نەزەرىيىۋى فىزىكا بىلىملىرى ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىناتتى.
          ئېينىشتىيىننىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانى ئەمىلىيەتتە ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش جەريانىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئۆتىلىدىغان فىزىكا دەرىسلىكىدىمۇ ئۇلارنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى (ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە نېمىنى ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ) ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى فىزىكا نەتىجىلىرى بولغان ماكسىۋېلنىڭ ئېلىكتىر ماگېنىت تەلىماتى، بولىتىزماننىڭ مولىكۇلا ھەرىكەت نەزەرىيىسى قاتارلىق مەزمۇنلارغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىگەنىدى. شۇ سەۋەپلىك ئالىي مەكتەپ 3-يىللىقىدىن باشلاپ ئېينىشتىيىن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان فىزىكا دەرسىگىمۇ چىقماس بولدى. دەرىسكە چىقمىغان ۋاقىتلىرىدا ئۇ ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان نەزەرىيىۋى فىزىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنەتتى ۋە خاتىرە قالدۇراتتى. ئېلىكتىر ماگېنىت نەزەرىيىسى، مولىكۇلا ھەرىكەت نەزەرىيىسى ۋە سىتاستىكا ئىلمى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۇ پۈتۈنلەي بۇ ھەقتە يېزىلغان ئىلمى ماقالىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزى ئۆگىنىپ چىققانىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئۆگىنىشى بارا-بارا ئۆگىنىش خاراكتېرلىكتىن تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە ئايلاندى. ئۇ بارا -بارا مولىكۇلا ئارىسىدىكى تەسىر كۈچ، ئېفىر، جىسىمنىڭ ئېفىردىكى ھەرىكىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. ئېينىشتىيىنمۇ ناھايىتى تېزلا ئېفىر تەلىماتىنىڭ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىنى بايقىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى قانداق قىلغاندا ئېفىر تەلىماتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئەمەس بەلكى قانداق قىلغاندا بۇ مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىش ئىدى.
         بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئەڭ قالتىس ئويلىرىنىڭ بىرى نۇرنى قوغلاش تەجرىبىسى. بۇ ھەقتە ئۇ ئۆزىنىڭ «ئەسلىمە»سىدە مۇنداق دەپ يازغان:
         «ئەينى ۋاقىتتا مەن مۇنداق بىر مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم: ئەگەر بىر ئادەم نۇر تېزلىكىدە نۇرغا ئەگىشىپ يۈگۈرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان تىنىچ ھالەتتىكى نۇر دولقۇنىنى كۆرىدۇ. لېكىن قارىماققا بۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەستەك! (ئېلىكتىر- ماگېنىت قانۇنى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ) بۇ تار مەنىدىكى نىشبىيلىك نەزەرىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۇنجى ئېدىئال تەجرىبە».
          بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەسىلىنى فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى پويىنكارمۇ ئويلاپ يەتكەنىدى. پويىنكار ماكسىۋېلنىڭ ئېلىكتىر - ماگېنىت تەڭلىمىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇنداق بىر ئالاھىدىلىكنى بايقىغان. ئەگەر بىز ئېفىردىكى تېنىچ ھالەتتە تۇرۇپ ئۆلچىگەن ئېلىكتىر - ماگېنىت مەيدانى ئارقىلىق ئېلىكتىر-ماگېنىت قانۇنىيەتلىرىنى ئىپادىلىسەك ئىنتايىن ئاددى ۋە چىرايلىق ماتېماتىكىلىق ئىپادىگە ئېرىشىمىز. يەنى فىزىكا مەنىسىدىن ئېيىتقاندا ماگېنىت كۈچ سىزىقلىرىنىڭ ھەممىسى ماگېنىتنىڭ شىمالى قۇتۇبىدىن چىقىپ جەنۇبى قۇتۇبىدا ئاخىرلىشىدۇ. بىراق ئەگەر بىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشى ئۆلچىگەن ئېلىكتىر - ماگېنىت مەيدانى ئارقىلىق ئېلىكتىر ماگېنىت قانۇنىيەتلىرىنى ئىپادىلىسەك، ئۇنىڭ ماتېماتىكىلق ئىپادىسى دەرھاللا ئۆزگىرىپ قىلچە سىممىتىرىكسىز ھەم مۇرەككەپ نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئىپادىنىڭ فىزىكىلىق مەنىسى شۇكى، بۇ ئىپادە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشى ئېلىكتىر ماگېنىت مەيدانىنى ئۆلىچىگەندە بەزى ماگېنىت كۈچ سىزىقلىرى ئۈزۈلۈپ، ماگېنىتنىڭ جەنۇبى قۇتۇبىغا يېتىپ بارالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. لېكىن ئېلىكتىر ماگېنىت قانۇنى بۇنىڭغا يول قويمايىتتى. شۇنىڭ بىلەن پويىنكار، لورىنتىس ۋە لارمورلار بىلەن بىرلىكتە ئەگەر ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىدىكى ئۇزۇنلىقىدا قىسقىراش يۈز بېرىدۇ دەپ پەرەز قىلغاندا يۇقىرىقى مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. (بىز بۇرۇن تىلغا ئالغان) ئۇلار يەنە ئېلىكتىر ماگېنىت قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان سائەت تېنچ تۇرغان سائەتتىن ئاستا ماڭىدۇ دەپ پەرەز قىلىش كېرەكلىكىنى بايقىدى. يەنى ھەرىكەت ۋاقىتنى «كۆپتۈرىدۇ».
         بەلكىم بەزىلەر ھەيران قېلىشى مۇمكىن، ئەينى ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئالىملار ئېينىشتىيىندىن بۇرۇنلا بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلغان ھەم قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ بولغان تۇرۇپ نىشبىيلىك نەزەرىيىسىنى شۇ ئالىملار بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويماي قانداقلارچە ئاددى بىر خىزمەتچىنىڭ ئىجادىي بولۇپ قالىدۇ؟
          چۈنكى يۇقىرىقى ئۇزۇنلۇق قىسقىراش، ۋاقىت ئاستىلاش پەرەزلىرى نيوتوننىڭ ماكان، زامان قارىشى بىلەن زىددىيەتلىك. نيوتوننىڭ ماكان، زامان مودېلى يەنە مۇتلەق ماكان، مۇتلەق زامان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نيوتوننىڭ مۇتلەق ماكانى بىز ئادەتتە ئەمىلى تۇرمۇشتا كۆرىۋاتقان ماكانغا ئوخشاش. ئۈچ ئۆلچەملىك: شەرىق-غەرپ، شىمال - جەنۇپ، ئاستى - ئۈستى. جىسم مەيلى قانداق ھەرىكەت قىلسۇن جىسىمنىڭ ئۇزۇنلىقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ئۆزگەرمەيدۇ. جىسىمنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ماكاننىڭ مۇناسىۋىتى يوق. (جىسىمنىڭ ھەرىكىتى ماكانغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.) نيوتون ئەينى ۋاقىتتا ۋاقىتقا ئېنىقلىما بەرمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ ھەر قايسى قانۇنلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ تەتقىقات جەريانىدا بىلىپ بىلمىگەن ھالدا مۇتلەق زامان قارىشى بويىچە ئىش قىلغان. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ فىزىكىنىڭ ۋاقىتى بىز ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ھېس قىلغان ۋاقىت ئۇقۇمىغا ئوخشاش. بىزنىڭ يىل، ئاي، كۈن دەپ مۇقىم تېزلىكتە ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىمىزغا ئوخشاش ۋاقىت ئالەمنىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش تېزلىكتە ئۆتىۋېرىدۇ. جىسىمنىڭ ھەرىكىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇڭا نيوتوننىڭ قارىشى توغرا بولىدىغان بولسا ھەرىكەت ھەرگىزمۇ ئارىلىقنىڭ قىسقىرىشىنى، ۋاقىتنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايتتى.
         فىزىكا ئۆگىنىپ باققانلارنىڭ ھەممىمىز بىلىمىز. فىزىكىدا جىسىملارنىڭ ھەر خىل فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، ھەر خىل فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى تونۇشتۇرغاندا ھەر قاچان ئۆلچەم بىرلىكىدىن ئايرىلالمايمىز. بىزگە لازىمى سانلىق مەلۇمات. شۇڭا جىسىمنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆلچەش ئۇسۇللىرى ۋە ئۆلچەم بىرلىكلىرى فىزىكا پېنى ئايرىلالمايدىغان بىر قورال . بارلىق ئۆلچەش بىرلىكلىرى ئىچىدە مېخانىكا ساھەسىدە پەقەت ئۈچلا ئاساسى بىرلىك بار، قالغان بىرلىكلەرنى مۇشۇ ئۈچ بىرلىككە ئاساسەن تۈرلەندۈرۈپ چىقىرالايمىز. بۇ ئۈچ بىرلىك: ئارىلىق بىرلىكى، ۋاقىت بىرلىكى، ماسسا بىرلىكى. سىز بىر فىزىكا پەن سېستىمىسى يارىتىمەن دەيدىكەنسىز ئاۋال مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئارىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى نېمە؟ ئاددىيراق ئېيتقاندا زادى قانچىلىك ئارىلىقنى بىر بىرلىك ئارىلىق (مەسىلەن بىر مېتىر) دەپ ئالىمىز؟ يەنى بىر ماكان، زامان مودىلىڭىز بولشى كېرەك. مانا مۇشۇ ئارىلىق، ۋاقىت، جىسىم ماسسىسى ھەققىدىكى ئېنىقلىمىلار سىزنىڭ فىزىكا بىنايىڭىزنىڭ ئۇلىنى تۈزىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بۇ ئۇلىڭىزدا مەسىلە بولسا سىزنىڭ پۈتكۈل بىنايىڭىزدا مەسىلە بار بولىدۇ.
          مېنىڭچە ئەقىللىق كىتاپخانلار مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ بولدى. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ئالىملار گەرچە يۇقىرىقى ئارىلىق قىسقىراش، ۋاقىت ئاستىلاش پەرەزلىرىنى كىرگۈزگەندە مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولسىمۇ يۇقىرىقىدەك تۈزىتىش كىرگۈزگەندە بۇ نيوتون فىزىكىسىنىڭ ئاساسى بولغان نيوتون ماكان، زامان قارىشىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ قويىدىغان بولغاچقا (بۇ نىيوتون مېخانىكىسىنىڭ خاتالىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ 200يىلدىن ئارتۇق قان تەر بەدىلىگە كەلگەن بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتا دەپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.) ئۇلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مېڭىشنى خالىمىغان. پەقەت «بۇنداق كۆپ نەرسىلەرنى ئويلاپ بولالمايدىغان» ئېينىشتىيىنلا يۈرەكلىك ھالدا نيوتوننىڭ ماكان زامان قارىشىنى تاشلاش كېرەكلىكىنى ئوتتىرىغا قويدى ۋە ماكان زامانغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى. كۆردۇقكى «كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىماسلىق» بەزىدە ناھايىتىمۇ پايدىلىق.
     

    (ئاخىرى كېلەركى ساندا)
     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.