بىر دۆلەتنى زىلزىلىگە سالغان پادىچى

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-04 17:06:21

ئاۋسترالىيەدە ھەر يىلى 875 مىڭ مۇساپىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «ئادىداس» قا ئوخشاش دۇنياغا مەشھۇر تەنتەربىيە كىيىملىرىنى كىيىۋالغان 20 ياشلار ئەتراپىدىكى خەلقئارا دەرىجىلى


    بىر دۆلەتنى زىلزىلىگە سالغان پادىچى
     
    («ئىرادىڭىزنى كۈچەيتىدىغان يازمىلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)
    جۈرئەت سەيپۇل تەرجىمىسى
     
    ئاۋسترالىيەدە ھەر يىلى 875 مىڭ مۇساپىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «ئادىداس» قا ئوخشاش دۇنياغا مەشھۇر تەنتەربىيە كىيىملىرىنى كىيىۋالغان 20 ياشلار ئەتراپىدىكى خەلقئارا دەرىجىلىك ماھىرلاردۇر. كىشىلەر بۇنداق ئۇزۇن مۇساپىنىڭ گېپىنى ئاڭلىسا بېشى قېيىپ كېتىشى مۇمكىن. 1983-يىلىدىكى مۇسابىقىدە كېللف يان ئىسىملىق 61 ياشقا كىرگەن پادىچى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كىيىمىدىن، يۈگۈرۈش ئايىقىنىڭ ئۈستىگە قاپلىۋالغان كالىچىدىن ھېچكىممۇ ئۇنى مۇسابىقىگە چۈشكەن ماھىرغا ئوخشىتالمايتتى. ئۇنىڭ 64-نومۇرلۇق ماھىرلىق بەلگىسىنى كۆرگەندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى بىلدى. سەزگۈر مۇخبىرلار ئەلۋەتتە بۇنداق ئالاھىدە شەخسنى بوش قويۇۋەتمەيتتى. بىر توپ كەسپىي ماھىرلار ئارىسىدا كېللف يان كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى.
    -نەدىن كەلدىڭىز؟ ئىسمىڭىز نېمە؟-دەپ سوراشتى مۇخبىرلار.
    -مەن مېلبورننىڭ شەھەر سىرتىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن كەلدىم، ئىسمىم كېللف يان.
    -مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىڭىزغا جەزىم قىلالامسىز؟
    -ئەلۋەتتە،-كۈلدى ئۇ.
    -سىزگە كىم ياردەم قىلدى.
    -ماڭا ھېچكىم ياردەم قىلمىدى. مەن بىر پادىچى، 200 تۇياق قوي، 2000 مو تېرىلغۇ يېرىمىز بار. ھەر قېتىم بوران-چاپقۇن كېلىش ئالدىدا، ئۈچ كۈن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ قويلارنى ھەيدەپ قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە بەش كۈن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. قويلارنى ھەيدەپ كېلىدىغان ۋاقتىمدىن ئىككى كۈنلا ئارتۇق ئىكەن. مەن چوقۇم بەرداشلىق بېرەلەيمەن.
    تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن تەڭ بۇيرۇق ئوقى ئېتىلدى. كىيىملىرى پەقەتلا ماسلاشمىغان كېللف يان بەللىرىنى ئېگىپ ئۇششاق قەدەم بىلەن كۈلكىلىك ھالدا يۈگۈرۈشكە باشلىدى. دەسلەپ ئۇ كەسپى ماھىرلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلدى، بىراق ئۇ بۇنىڭغا پسەنت قىلماي خارامان ھالدا ئۆزىنىڭ كۈلكىلىك قىياپىتى بىلەن دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر ماھىرلار بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتاتتى.
    مۇسابىقىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى كۆرىۋاتقان كىشىلەر ئەگەر تېزدىن توسىۋالمىسا ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ساراڭ بوۋاي ھېرىپ-چارچاپ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ جەزىم قىلغانىدى. ھەممە كىشى ئۇنىڭ ساق-سالامەت بولۇشىنى تىلىشەتتى.
    ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مۇسابىقىگە ئائىت بىر خەۋەر ھەممە كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. كېللف يان دەم ئالماي مىت كان دېگەن يەرگە بېرىپ بولغانىدى. بۇ ئۇنىڭ كېچىچە ئۇخلىماي ئاشۇ كۈلكىلىك قىياپىتى بىلەن يۈگۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرەتتى. كېللف يان مۇنەۋۋەر ماھىرلارنىڭ ئارقىسىدا قالغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بىردەممۇ توختىماي يۈگۈرۈۋاتاتتى. ئۇ ھەتتا يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى تاماشىبىنلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپمۇ قوياتتى.
    -مەن ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىمەن،-دېدى ئۇ ئوربول بازىرىدىكى مۇخبىرغا.
    ئۇ ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇسابىقە تاكتىكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلىدى. ھەر قېتىم باشقا ماھىرلار دەم ئالغان ۋاقىتتا ئۇ باشقىلار بىلەن ئارلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇۋېلىشقا باشلىدى. ئەڭ ئاخىرقى ئاخشىمى ئۇ بارلىق مۇنەۋۋەر ماھىرلارنى ئارقىسىغا تاشلىۋەتتى. شۇ كۈنى تاڭ يورىغاندا ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدا ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى 61 ياشلىق كېللف ياننى كۈتىۋالدى. ئۇ 875 مىڭ مېتىرلىق مۇسابىقە مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلگىرىكى مۇسابىقىدىن توققۇز سائەت بۇرۇن كېلىپ يېڭى رېكورت ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل پۈتكۈل ئاۋسترالىيە زىلزىلىگە كەلدى، سېتنىدىن مېلبورنغا يۈگۈرۈپ بارغان بۇ بوۋاي دۆلەت قەھرىمانىغا ئايلاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن بارلىق ماھىرلارنى يەڭگەنىدى.
    ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدا كېللف يان بەش كۈنلۈك ئۇزاق مۇسابىقىدە بارلىق ماھىرلارنىڭ چوقۇم 18 سائەت يۈگۈرۈپ ئالتە سائەت دەم ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلمىگەنىدى. ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا پۈتۈن خىيالى بوران-چاپقۇن بىلەن ۋاقىت تالىشىپ قويلارنى ئامان-ئېسەن ھەيدەپ كېلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
    ھازىر سېدنىدىن مېلبورنغىچە بولغان مارافونچە يۈگۈرۈشتە ھېچكىم ئۇخلىمايدىغان بولدى، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن، چوقۇم كېللف ياندەك كېچە-كۈزدۈز يۈگۈرۈش كېرەك ئەلۋەتتە. ھاياتتىكى مارافونچە مۇسابىقىدىمۇ ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھەر بىرىمىزدە دەل كېللف ياندەك ئادەتتىكى قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈزلىكسىز جان تىكىپ ئېلىشىدىغان روھ بولىشى كېرەك.
     
    («ئىرادىڭىزنى كۈچەيتىدىغان يازمىلار» ناملىق كىتابتىن جۈرئەت سەيپۇل تەرجىمىسى)
    مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.