ئامېرىكا «ئەقىل ۋە بايلىق » ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىغا بەرگەن

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-02 11:18:42

ئامېرىكا «ئەقىل ۋە بايلىق » ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىغا بەرگەن باھاسى ئامېرىكا جونس شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ئەقىل ۋە بايلىق » ژۇرنىلى يېقىندا «خەلقئارادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخسل...

    ئامېرىكا «ئەقىل ۋە بايلىق » ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىغا بەرگەن باھاسى

     

        ئامېرىكا جونس شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ئەقىل ۋە بايلىق » ژۇرنىلى يېقىندا «خەلقئارادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخسلەر» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تىزىملىكىتىكى شەخسلەر سىياسەت، ئىقتىساد، ئۆي-مۈلۈك، ساغلاملىق ۋە سەھىيە ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كىشىنى قىزىقتۇرىدىغىنى «جۇڭگو ئىشچىلىرى»بۇلتۇر «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق ئالاھىدە شەخسلىرى بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم كوللىكتىپ تىزىملىكتە كۆرۈلدى.«ئەقىل ۋە بايلىق »ژۇرنىلى مىليۇنلىغان جۇڭگو ئىشچىلىرىنى دۇنيا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ زور قوشۇن دەپ تەرىپلىدى.

    بۇ تىزىملىككە قارىتا كىشىلەرنىڭ كۆز-قارىشى ھەر خىل بولۇپ، «ئەقىل ۋە بايلىق » ژۇرنىلى باھالاش شەرتلىرىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: بۇ يىل جۇڭگو ئىشچىلىرى ئۈچۈن خەيرىلىك بىر يىل بولدى، ئۇلار ئەسلىدىكىدىن يۇقىرى مائاش ۋە ياخشى خىزمەت مۇھىتىغا ئىگە بولدى.بۇ ئاددىي ئەمەلىيەت بەلكىم ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن،شۇنداقلا، مائاشنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ئاساستا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالنى كۆپەيتىپ، ئىمپورتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

      شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، «ئەقىل ۋە بايلىق » ژۇرنىلىنىڭ چۈشەندۈرۈشى پاكىتقا ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پۈتكۈل جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن، چۈنكى، بۇ قوشۇننىڭ تەشكىلىي قىسمى ناھايىتى مۇرەككەپ، دائىرىسى بەك كەڭ ھەم تارقاق.ئاددىيغىنە ئىككى ئېغىز سۆزدىن تۈزۈلگەن تەشكىلات نامىنىڭ ئارقىسىدا، ئىككى يۈز مىليۇندىن ئارتۇق ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكى تىرىكچىلىك ئۈچۈن تىنماي تىركىشىۋاتقان كىشىلەر بار، كان ئىشچىلىرى، كارخانا ئاقما لىنيەلىرىدە ئىشلەۋاتقان خەلق ئىشچىلىرى، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن سانائەت ئىشچىلىرى، رېستۇران، تاماقخانىلاردىكى قارا ئىشچىلار قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دائىرە ئىچىدە بولۇپ، خىزمەت خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ياشاش شارائىتى، تۇرمۇش قارىشى...قاتارلىقلار تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ، شۇڭا «ئەمگەكچان، تىرىشچان»قاتارلىق ئاددىي سۆزلەر بىلەنلا ئۇلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس.

    جۇڭگو ئىشچىلىرى ئىقتىساد ئارقىغا چېكىنگەن مەزگىللەردە، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، دۇنيا ئىقتىسادىنى قايتا جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى، بۇلتۇر جۇڭگو ئىشچىلىرى «دەۋر»ژۇرنىلىنىڭ يىللىق ئالاھىدە شەخسلەر باھالىشىدا، 2-دەرىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە  كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا پەقەت %1 ئادەملەرلا ئىشچى بولۇشنى خالايدىكەن، ئىشچىلارنىڭ بىر ئۆمۈر تىنىم تاپماي ئىشلىشىنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ، «ئاق ياقىلىق»قىلىش ئىكەن، چۈنكى ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز ئىزىنى بېسىپ، ئىشچى بولۇپ قېلىشىنى قەتئىي خالىمايدىكەن.

     بۇ ئەھۋال بەلكىم بىزگە غەلىتىرەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما قىممەتنىڭ كۆپ  خىللىشىغا ئەگىشىپ، ئىشچىلارنىڭ «دۆلەتنىڭ خۇجايىنى»دىن ئەمەلىيەتتىكى كاپىتالنىڭ ياللانغۇچىلرىغا ئايلىنىشىدەك سالاھىيەت ئۆزگىرىشى زادى قىممەتنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى تېپىشىمۇ ياكى نوپوزنىڭ چۈشۈشىمۇ؟ بۇنى پەقەت ۋاقىتلا ئىسپاتلىيالايدۇ، ئەمما بىر كوللىكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە تەسىر قىلىش كۈچى كۈنسېرى ئاجىزلاشماقتا.ئۇلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن زاكۇنلىشىش ئىقتىدارى تولىمۇ ئاجىز، جەمئىيەتنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بىز پەقەت كان ئاپىتى، بىنادىن سەكرەش، مائاش ئىختىلاپى قاتارلىقلارلاردىنلا ئەمەس بەلكى باشقا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلىپ تۇرۇشنى خالايمىز.

        

       ئوكيان تورى تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن   خالىسە ئەھمەت تەرجىمىسى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.