ئەگەر ئىنسانلار يوقىلىپ كەتسە

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-09-14 19:32:51

يۈز يىلدىن كىيىن ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋاستىلىرى بولغان كىتاب، رەسىم، ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىشقا باشلاپ، ھېچقانداق ئىزناسى قالمايدۇ.

    ئەگەر ئىنسانلار يوقىلىپ كەتسە
    تاڭ لېي
    ئەنگىلىيەنىڭ «ئىنسانلار يوقالغاندىن كىيىنكى تۇرمۇش»ناملىق ئىلىم- پەن ھۆججەتلىك فىلىمى ئىنسانلار مەۋجۇت بولمىغان دۇنيانى ئېنىق تەسۋىرلەپ بەرگەن.
    ئىنسانلار يەر شارىدىن يوقىلىپ كەتسە ئالتە ئايدىن كىيىن، شەھەرلەرنى تۈرلۈك ھايۋاناتلار بېسىۋالىدىكەن. ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، يىگىرمە يىل ئىچىدە بۆرە بىلەن ئېيىق شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىدىغان «يېڭى خوجايىن» بولۇپ، چوڭ كوچىلاردا ئەركىن-ئازادە يۈرىدىكەن. ئىنسانلارغا تاينىپ ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ كۈنى تەس بولىدىكەن. قىشتا پار بولمىغانلىقتىن سوغۇقتا سۈۋەرەكنىڭ نەسلى قۇرۇيدىكەن چاشقانلارمۇ ئۆلىدىكەن ياكى سانىڭ ئۇزۇقىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن، قوي- كالىغا ئوخشاش چارۋىلار تېخىمۇ ۋەھشىي گۆشخورلار تەرىپىدىن يوقىتىلىدىكەن، ئىنسانلار يوقالغاندىن كىيىن، كۆپ ساندىكى ھايۋان ۋە ئۈسۈملۈكلەر ساقلىنىپ قالىدىكەن. 2100- يىلىغا بارغاندا ساقلىنىپ قالغان بەش يۈز مىڭ ئافرىقا پىلى ئون مىليونغا كۆپىيىدىكەن، ئافرىقا يايلىقى ياۋايى ھايۋانلارغا تولىدىكەن.
    ئىنسانلار بولمىسا ھايۋانلار، بولۇپمۇ ياۋايى ھايۋانلار تېخىمۇ تۇرمۇشقا ئېرىشىدىكەن. ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا گەرچە چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كىچىك ھايۋانلاردىن ئۈستۈن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پىرامىدا قۇرۇلمىلىق ئۇزۇقلۇق زەنجىرىدە بىر قەدەر يۇقىرى ئورۇندا تۇرغاچقا، مەۋجۇت بولۇش تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى، بايلىققا بولغان ئېھتىياجىمۇ كۆپ بولىدىكەن. تۆۋەن دەرىجىلىك ئۈسۈملۈكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، كۆپىيىشى ئەكسىچە ئاسانلىشىدىكەن. ئىنسانلار بولمىغاچقا، ھايۋانات ۋە ئۈسۈملۈكلەرنىڭ كۈنى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
    ئالىملارنىڭ مۆلچەرىچە، ئىنسانلار يوقالغان كۈنى تەبىئەت دۇنياسى بۇ ئالەمنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزىۋالىدىكەن، ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزلەيدىكەن. ئالىملار بۇنداق ئەھۋالنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: تەبىئەت دۇنياسى سۇنىڭ قۇدرىتىگە تاينىپ ئۆزىمىز مەپتۇن بولۇپ يۈرگەن ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرىمىزدىن ئۆچ ئالىدىكەن، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىنالارنىڭ ئۆگزىسىدىن باشلاپ قول سالىدىكەن. يامغۇر ئۆگزىدىن ئۆيگە ئۆتىدىكەن، پەنەركىلەر بۇزۇلىدىكەن، ئۇزاق ئۆتمەي، مىخلىرى داتلىشىپ تەدرىجىي بوشاپ، بىنانىڭ قۇرۇلمىسىغا ئېغىر تەھتىد يېتىدىكەن.
    يەر شارنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن تۈۋرۈككە چۈشىدىغان بېسىم ئېشىپ، ھۆل ياغاچ تەسىرىدە تۆمۈر بولتىلار بوشاپ كېتىدىكەن، ياغاچ چىرىيدىكەن. ئەگەر سىز قاتتىق سوغۇقتا ياشاۋاتقان بولسىڭىز، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە، سۇ تۇرۇبىلىرى يېرىلىدىكەن، يامغۇر سۈيى دېرىزىنىڭ يۇچۇقلىرىدىن ئۆيگە كىرىدىكەن، ياغاچ چىرىۋېرىپ تۈۋرۈك غولاشقا باشلايدىكەن. ئاخىرىدا تام بىر تەرەپكە غۇلاشقا باشلايدىكەن. ئاخىرىدا تام بىر تەرەپكە قىيسىيىپ، ئۆگزە ئۆرۈلىدىكەن...ھۆججەتلىك فىلىم كومپىيوتېر ئارقىلىق كىشىنى چۆچۈتىدىغان «كىيىنكى ئىنسانلار» ھادىسىسىنى تەقلىد قىلغان. ئالايلۇق، لوندوندىكى كاررۇس تۈرلۈك ماللار دوكىنىنىڭ كەلكۈن سۈيىدە تەدرىجىي چىرىشى؛ بۇككىنھام ئوردىسىنىڭ غۇلاشقا باشلىغانلىقى؛ پارىژنىڭ ئورمانغا ئايلىنىشى؛ فىرانسىيەنىڭ پولاتتىن ياسالغان ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ داتلىشىپ قاق بەلدىن ئۆرۈلگەنلىكى؛ نيويوركتىكى ئاسمانغا تاقاشقان بىنانى ئۆسۈملۈكلەر ئورىۋالغانلىقى؛ رىمدىكى يۇمىلاق تىياتىرخانىغا چاقماق چۈشۈپ ئوت دېڭىزىغا ئايلانغانلىقى؛ روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى داڭلىق سائىنىت باسىل چېركاۋى بۈك- باراقسان ئۆسكەن ياۋا ئوت- چۆپلەر بىلەن قاپلانغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارخىپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان ئىنسانلار تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك خاتىرىلىرى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ۋە ئىنسانلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا بولغاچقا، يۈز يىلدىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ يوقىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئالايلۇق، ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى كېران رايونىدىن تېپىلغان قەدىمكى قوي تېرىسىگە يېزىلغان «ئۆلۈك دېڭىز ھۆججەتلىرى» گەرچە قۇملۇقتىكى ئۆڭكۈرلەردە ئىككى مىڭ يىل ساقلانغان، ھازىر مۇزىيلاردا كۆڭۈل قويۇپ ساقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇبادا ھازىرقىدەك قوغدالمىغاندا ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ ئاران يۈز يىل ساقلىنالايدىكەن.
    يۈز يىلدىن كىيىن ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋاستىلىرى بولغان كىتاب، رەسىم، ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىشقا باشلاپ، ھېچقانداق ئىزناسى قالمايدۇ. لېكىن، مۇنداق بىر خىل ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەگەر ئۇلار دەل قۇملۇققا كۆمۈلۈپ قالسا، ھاۋا ۋە سۇ بولمىغاچقا، بەلكىم مىڭ يىل، ئون مىڭ يىل ساقلىنىپ قېلىشى، يەنە كېلىپ ئون مىڭ يىلدىن كىيىنمۇ يەنىلا ئوقۇغىلى بولۇشى مۇمكىن.
    بۇلاردىن سىرت يەنە بىر مۆجىزە ساقلىنىپ قالىدىكەن، ئۇ بولسىمۇ مىسىرنىڭ پىرامىداسى. بارلىق ھازىرقى زامان بىنالىرى تۈگەشكەندىن كىيىن، مىسىرنىڭ پىرمىداسى بىلەن شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. شۇ چاغدا باشقا پىلانىت ئادەملىرى يەر شارىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغاندا، قەدىمكى مىسىرنى يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەدەنىيەت دەپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
    («تەرمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى)

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئوكيان قامۇسىنىڭ ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىنسان