ئەڭ ياخشى مۇئەللىم

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-07 17:57:52

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا،-دەپ باشلىغانىدى ئۇ ھېكايىسىنى،-بىر يىلى قىش بەك سوغۇق كەلدى، بىر كۈنى ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ ناخشا ئېيتىپ جان باقىدىغان بىر جۈپ ئانا-بالا قورۇيىمىزغا كىردى.


    ئەڭ ياخشى مۇئەللىم

    داساكۇ ئىكېدا [ياپونىيە]
    ئەخمەتجان روزى تەرجىمىسى

     
    ئىلگىرى بىرى ماڭا ئەڭ ياخشى بىر مۇئەللىمنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، كېيىن بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئاتىنىڭ پاراسىتى ۋە ئادىمىيلىكىگە قول قويغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ دوستۇم قايسى بىر ناھىيەدە 38 يىلى ئوقۇتقۇچى بولغان، ئوقۇغۇچىلارغا شۇنچىلىك كۆيۈنىدىغان، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇئەللىم ئىدى.
    -باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا،-دەپ باشلىغانىدى ئۇ ھېكايىسىنى،-بىر يىلى قىش بەك سوغۇق كەلدى، بىر كۈنى ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ ناخشا ئېيتىپ جان باقىدىغان بىر جۈپ ئانا-بالا قورۇيىمىزغا كىردى. ئانىسى چالغۇدا مۇڭلۇق مۇزىكا چېلىۋىدى، قىزى خۇددى قۇشلاردەك قوللىرىنى كېرىپ لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتى، سىرتتا قار خۇددى چاچقۇدەك تۆكۈلمەكتە ئىدى، مەن بولسام ئانام تەييارلاپ بەرگەن يېمەكلىكنى يېگەچ ئۇسسۇل كۆرۈۋاتاتتىم. مۇزىكا ئاخىرلاشتى، مەن يېرىمىنى يەپ بولغان يېمەكلىكنى خالتىسى بىلەن ئۇ قىزغا سۇندۇم. بۇ چاغدا ھويلىدا كالىلارغا ئوت سېلىۋاتقان ئاتام يۈگۈرۈپ كېلىپ بىر سېلىۋىدى، بېشىم پىررىدە قېيىپ قارلىق يەرگە پالاققىدە يىقىلدىم. قورقۇپ كەتكەن ئانا-بالىمۇ دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئاتام دەرھال ئۇلارغا ئېگىلىپ:
    -قانداق قىلسام سىلەردىن ھەقىقىي كەچۈرۈم سورىيالايدىغانلىقىمنى بىلەلمەي قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئوغلۇم ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ئەدەپسىزلىك قىلىپ، ئۆزى يېرىمىنى يەپ بولغان نەرسىنى سىلەرگە سۇندى،-دېدى، ئاندىن مېنى تىزلىنىپ ئۇلاردىن ئەپۇ سوراشقا بۇيرۇدى.
    ئاتام ئۇلارغا خېلى كۆپ ئوزۇق-تۈلۈك بەرگەندىن باشقا، ئۇ قىزغا يەنە ئانام تەييارلىغان ئۇششاق يېمەكلىكنى قاچىلاپ سوۋغا قىلىدى. بىراق يەرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ پۇشايمان يېشى تۆكۈۋاتقان ماڭا قاراپمۇ قويماي، چۆپنى يەپ تويغان كالىنى يېتىلەپ ئېتىزغا چىقىپ كەتتى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئاتام ماڭا ئەنە شۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن جاھاندا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغانىدى.
    ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، چوڭ بولۇپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولدۇم، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ھەممىگە تونۇلغان لاياقەتلىك ئادەم بولدۇم، بىراق ئاتامنىڭ شۇ قېتىمقى تەربىيەسى يادىمدىن زادىلا چىقمىدى. ھازىر ئويلاپ باقسام، ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىشقا تېگىشلىك ياخشى مۇئەللىم مەن ئەمەس، ئەسلىدە ئاشۇ ھەر قانداق تەربىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ جانلىق تەربىيە بېرىدىغان ئاتام ئىكەن.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
    \

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.