بىز مۇشۇنداق دوست

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-27 21:54:37

بىز مۇشۇنداق دوست يىللار بۇرۇن ئىككى دوست بولغان ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ ئەقىللىق بولغىنى ئاقكۆڭۈل دوستىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ۋە: «ئىشلىرىم يۈرۈشمەيۋاتىدۇ، ماڭا ئازراق قەرىز بېرىپ تۇرغىن» دەپتۇ...

    بىز مۇشۇنداق دوست 

     

    يىللار بۇرۇن ئىككى دوست بولغان ئىكەن.بىر  كۈنى ئۇ ئەقىللىق بولغىنى ئاقكۆڭۈل دوستىنىڭ  يېنىغا بېرىپتۇ ۋە: «ئىشلىرىم  يۈرۈشمەيۋاتىدۇ، ماڭا  ئازراق  قەرىز بېرىپ  تۇرغىن» دەپتۇ، دوستى  قولىدىكى ھەممە پۇلىنى ھىچ ئىككىلەنمەستىن  بېرىپ تۇرۇپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن دوستى يەنە كېلىپتۇ ۋە بۇ قېتىم  دوستىنىڭ  توي قىلماقچى  بولغان  نىشان قىزىنى  سوراپتۇ، بۇ بىزنىڭ  ئاقكۆڭۈل  ناھايتى  ئازابلانغان بولسىمۇ دوستىنىڭ  كۆڭلىنى  يەردە  قويماپتۇ.

     كېيىن  ئاقكۆڭۈلنىڭ  ئىشلىرىمۇ يۈرۈشمىگىلى  تۇرۇپتۇ  ۋە  ئىچىدە: «دوستۇمغا  قەرىز  بېرىپ  تۇرغان ئىدىم، ئەمدى  مىنىڭ  بېشىمغا كۈن چۈشتى، بەلكىم  دوستۇم  بىر ئىش تېپىشىمغا  ياردەم قىلار» دېگەن ئۈمۈد بىلەن دوستىنىڭ  قېشىغا  بېرىپتۇ ۋە  بېرىپلا  قول سىقىشىپ  قىزغىن  كۆرۈشۈپتۇ، بىزنىڭ  ئاقكۆڭۈل  ئەقىللىققە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ  قېشىغا  ئىش  ئىزدەپ كەلگەنكىنى ئېيتىپ  ئۆتۈپتۇ، ئەمما  ئەقىللىق  دوستۇغا  ناھايتى  كۆڭلى يېرىم  ھالدا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. بىزنىڭ ئاقكۆڭۈل ئۇيەردىن چىقىپتۇ، ئەمما دوستىدىن ھىچ رەنجىمەپتۇ.

     بىزنىڭ ئاقكۆڭۈل يولدا  كېتىۋاتقاندا ناھايتى ئېغىر ئاغرىققا مۇپتىلا بولغان بىر مويسىپىت كىشى ئۇچراپتۇ ۋە: «ئەۋلادىم، مەن  بىر ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان، ئەمما دورا ئالغۇدەكمۇ  پۇلۇم  قالمىدى  ئاللا رىزاسى  ئۈچۈن ماڭا بىر  ياردەم قىلساڭ» دەپتۇ  ئۆتۈنۈش ئىلكىدە، ئاقكۆڭۈل تېزدىنلا  مويسىپىتنىڭ  ھاجىتىدىن چىقىپتۇ، ئۆيىدە ياخشى كۈتۈپتۇ، ئۇزاققا بارمايلا ئاقكۆڭۈل  مويسىپىتنىڭ  ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ناھايتى  كۆڭلى يېرىم ھالدا تۇرغاندا، بۇ مويسىپىت كىشىنىڭ ئەسلىدە ناھايتى  باي كىشى بۇلۇپ، بارلىق مال-دۇنياسىنى بىزنىڭ  ئاقكۆڭۈلگە مىراس قالدۇرغانلىق خەۋىرى كەپتۇ، بۇ ئارىدا  بىزنىڭ  ئاقكۆڭۈل دوستىنىڭ  ئىش  ئورنىنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆي سېتىۋاپتۇ.كۈنلەر ئۆتۈپ  بىر كۈنى بىر ئايال بىزنىڭ  ئاقكۆڭۈلنىڭ  ئۆيىگە ئۆزىنىڭ  ئاچلىقتىن ئامالسىز قالغانلىقىنى  ئېيتىپ كەپتۇ ، ئاقكۆڭۈل بۇ ئايالنى ھەم تىزدىنلا  ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ قورسىقىنى تويدۇرۇپتۇ، ئايال  ئاقكۆڭۈلدىن:«بۇ يەردە يالغۇز ياشامسەن ؟»دەپ سوراپتۇ، ئاقكۆڭۈل ھەم جاۋابەن :«شۇنداق،ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ماڭا ئانا بۇلۇپ  قېلىڭ، ئىچىڭىز سىقىلغىنىدا ئۆي ئىشلىرى قىلارسىز »دەپتۇ.ئايال ھەم ماقۇل كۈرۈپتۇ.ئارىدىن يەنە كۈنلەر ئۆتۈپتۇ،ئايال بىزنىڭ ئاقكۆڭۈلگە  :«ئوغلۇم  سەن گۈزەل ۋە ئەقىللىق  بىر قىز بىلەن  ئۇۋا قۇرساڭ بولاتتى»دەپتۇ، ئاقكۆڭۈل  جاۋابەن :«ئەمما مەن  بۇنداق قىزنى نەدىن تاپىمەن ؟»دەپتۇ كۆڭلى يېرىم ھالدا،ئانا كۈلۈپتۇ ...

        تويغا قارارمۇ  بېرىلىپتۇ، ئاقكۆڭۈل يەنە  ئەقىللىق دوستىنى چاقىرماي  كۆڭلى ئۇنماپتۇ،توي كۈنى  ئاقكۆڭۈل  قولىغا  مىكروفوننى  ئاپتۇ  ۋە باشلاپتۇ:«مىنىڭ بىر  دوستۇم بار ئېدى، بېشىغا  ئېغىر  كۈن چۈشۈپ پۇل سوراپ كەپتۇ  بەردىم..كېيىن  مەن توي قىلماقچى بولغان قىزنى سوراپ كەلدى، ئىچىم زەختە قان بەردىم  كېيىن مىنىڭ  بېشىمغا  كۈن چۈشۈپ ...» دەۋەتقاندا، ئەقىللىق خىجىللىقتىن چىداپ تۇرالماي ئوتتۇرغا چىقىپتۇدە مىكرافوننى قولىغا  ئاپتۇ  ۋە  باشلاپتۇ: «مىنىڭ  بىر زامانلاردا بىر دوستۇم  بولغان، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە باردىم  پۇل  دېدىم بەردى، كىيىن خىجىللىق  ئىچىدە  توي قىلماقچى بولغان  قىزىنى  سوردۇم  ۋاز  كەچتى بەردى،قىزنى  سورۇشۇمنىڭ  سەۋەبى قىز  دوستۇمنى سۆيمەيىتتى،مەندىن  ئىش  سوراپ  كەلگەندە بەرمەسلىگىم، جان-جېگەر دوستۇمنىڭ مىنىڭ  بۇيرۇقۇم ئاستىدا  ئىشلىشىنى  مۇۋاپىق كۆرمىگەنلىكىم كېيىن يولدا  ئۇچىرىغان ئۇ مويسىپىت كىشى  دەل مىنىڭ ئاتام،كېسەل ئىدى، ياشىيالماسلىقى  ئېنىق ئىدى،ئاتامنى دوستۇمغا  مەن  يوللىدىم، ۋە بارلىق  مال-دۇنياسىنى  دوستۇمغا  بۇيرۇتتۇم،كېيىن ئىشىكىگە بارغان ئايال بولسا مېنىڭ  ئاپام  ئىدى،دوستۇمغا  قارىسۇن  دەپ  ئاپامنى  ئەۋەتتىم،ۋە  ھازىر  تويى بولىۋاتقىنى  بولسا مىنىڭ  سىڭلىم، مانا بىز مۇشۇنداق دوستمىز»!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.