ئەگەر قەلەم ھەقىقى بولمىسىمۇ، سىز يەنىلا يېزىقچىلىق قىلامسىز؟

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-23 18:39:45

ئەگەر قەلەم ھەقىقى بولمىسىمۇ، سىز يەنىلايېزىقچىلىق قىلامسىز؟توردا بىراۋنىڭ مۇنداق بىر سوئالنى سورىغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم: ئەگەر بىر كۈنى بارلىق گېزىت ژۇرناللار قەلەم ھەققى بېرىشنى توختاتسا،...

     



     

    ئەگەر قەلەم ھەقىقى بولمىسىمۇ، سىز يەنىلا

    يېزىقچىلىق قىلامسىز؟

     

       توردا بىراۋنىڭ مۇنداق بىر سوئالنى سورىغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم: ئەگەر بىر كۈنى بارلىق گېزىت ژۇرناللار قەلەم ھەققى بېرىشنى توختاتسا، سىز يەنىلا يېزىقچىلىق قىلامسىز؟ ئىشتىن سىرتقى يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭچە بۇ سوئال بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

       يېزىقچىلىقنىڭ كەسىپكە ئايلىنىشى نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نەشرىياتچىلىق مەدەنىيەت كەسپىگە ئايلانمىغان قەدىمكى دەۋردە، گەرچە نۇرغۇن يازغۇچىلار (جۈملىدىن شائىرلار) بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشتىن سىرتقى يازغۇچىلار، ئادەتتە باشقا بىر كەسپ بىلەن شۇغۇللانغان، يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى قەلەم ھەققى ئۈچۈن بولمىغان. چۈيۈەن ئەدەبىيات تارىخىدىكى بىرىنچى داڭلىق شائىر، بىراق ئۇ، ئەسەرلىرى ئۈچۈن قانچىلىك قەلەم ھەققىگە ئېرىشكەنلىكى بىزگە نامەلۇم. كېيىنكى ئەدەبىيات سەھنىسىدە، چولپانلار چاقناپ، ياڭ شيوڭ، ليۇ شىيېدىن تارتىپ لى بەي، دۇفۇ، ليۇ زوڭيۇەن، سۇ دوڭپۇ، شىن چىجىلارنىڭ ھەممىسى تالايلىغان نادىر ئەسەرلىرىنى قالدۇردى، لېكىن ئۇلار قانچىلىك قەلەم ھەققىگە ئېرىشكەن؟ ئۇلار بۇ پۇلغا (قەلەم ھەققىگە) تايىنىپ كۈن كەچۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

       مىڭ، چىڭ سۇلالىرىدىن كېيىن، بىر قىسىم ئەدىبلەرنىڭ قەلەم ھەققى ئېھتىمال ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن(باسمىچىلىق سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى نەشرىياتچىلىقنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن) بولۇشى مۇمكىن. بىراق، يېزىقچىلىققىلا تايىنىپبېيىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋرگە كەلگەندە، گېزىت -ژۇرناللارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن يېزىقچىلىق مەخسۇس كەسىپكە ئايلاندى، نەتىجىدە ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئەركىن يازغۇچىلار بارلىققا كەلدى، شۇنىڭدەك، بۇ ئارقىلىق ھاللىق سەۋىيىگە يەتكەنلەرمۇ ئار ئەمەس. مىنگو دەۋرىدىكى كەسپى ئەدىبلەر ئارىسىدا، خىلى كۆپ «بايلار» بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جاڭ خېنشۈينىڭ قەلەم ھەققى بىلەن 20 نەچچە كىشىنىڭ تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئۆتىدىكەن، بۈيۈك يازغۇچى لۇ شۈننىڭ قەلەم ھەققى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خېلى باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە يېتىدىكەن، بىراق، بۇنداقلار ئىنتايىن ئاز. شۇڭا، ئىلگىركى كۆپ قىسىم يازغۇچىلار دەردىنى تۆكۈش، ئىزھار قىلىش، قىزىقىشى، ۋە مەسئۇلىيىتىنى چىقىش قىلىپ يازغان. ئاشۇ دەۋردە، يېزىقچىلىقنىڭ «تاۋارلىشىش» دەرىجسى تېخى يۇقىرى ئەمەس، يازغۇچىنىڭ چىقىش نۇقتىسى نىسبەتەن ساددا، ھەتتا ئاپتورلۇق ھوقۇقى دەيدىغان ئىدىيەدىمۇ بولمىغان ئىدى. جۇڭگۇ رومانچىلىقىدىكى ئابىدە «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» كە قاراپ باقساق، ساۋ شۆچىننىڭ رومان يېزىشىدىكى مەقسىتى ھەرگىزمۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئەينى ۋاقىتتا ساۋ شۆچىنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نى يېزىپ چىقىش بىر زىيان چىقىدىغان سودا. تۇرمۇش ھەقىقەتەن كۈلكىلىك، ئۆزى چۈشكۈنلىشىپ، ھەتتا شوۋىگۈرۈچنىمۇ قەرزگە ئېلىشقا تاس قالغان ساۋشۆچىن، كېيىن زور بىر تۈركۈم ئادەمگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى، يەنى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نى تەتقىق قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك كەسىپ بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن بولغىيتى؟ بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە «ھېكايە شاھى» دەپ ئاتالغان پۇسۇڭلىن قاتارلىقلارمۇ بار. ئەگەر ئۇلاردا مەنپەئەت تەمەسى بولغان بولسا، مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالارمىدى؟

       ئەدەبىياتنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن. گەرچە، ھازىرقى زامان ئىقتىساد شەكىللىرى ئەدەبىياتقا غايەت زور ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئىنتېرنېتنىڭ مەيدانغا كېلىشى دۇنيانى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن، يېزىقچىلىق يەنىلا كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. «ئەدەبىيات ئىنسانشۇناسلىق دېمەكتۇر. ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىيات، ئەركىن ئەدەبىياتتۇر. شۇنداقلا، ھەر بىر ئادەم بەلگىلىك ئەدەبىي تەربىيلىنىشكە ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇندىلا، كىشىلەرنىڭ ئادىمىيلىككە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇر، مول ھەم ئېنىق بولىدۇ» دەيدۇ شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «بىخ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاۋ چاڭتىيەن. تور دۇنياسى دەۋرىدىكى «توردىكى بىلوگ ھادىسىسى» دىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاۋامنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، يېزىقچىلىقمۇ تەدرىجى ئومۇملىشىدىغان ئىش. ئىنتېرنېت تورى «ئەسەر ئېلان قىلىش» نىڭ «بوسۇغىسى» نى قومۇرۇپ تاشلاپ، خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەرنى يىزىقچىلىققا قاتناشتۇردى، خېلى زور تۈركۈمدىكى تور بىلوگ يازغۇچىلىرى پۇل ئۈچۈن يازمايدۇ، ئەلۋەتتە.

       شۇڭا، مەن ئىشىنىمەنكى، «ئىشتىن سىرتقى يېزىقچىلىق» ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، قەلەم ھەققى بولمىغان تەقدىردىمۇ، جاھاندا نۇرغۇن كىشىلەر قەدىمكىلەرنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملىق تۈردە «بىكارغا ئىشلەش» كە رازى بولىدۇ. كېيىنكىلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ بىكىرىغا ئىشلىگەنلەر يازغان نەرسىلەر بولۇشى مۈمكىن.

     

    -----------------

        ۋىي مىڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ يازمىنى «فىليەتونلار ئايلىق ژورنىلى» نىڭ 2009- يىلى ئاۋغۇستتىكى ئالدىنقى سانىدىن ئەلىجان تۇرسۇن تەرجىمە قىلغان. تىلىماچ: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە ئاۋرال يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.