ۋىۋىسكا

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-11 17:47:24

پاپا دومنتنىڭ گۈل دۇكىنى تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا بولۇپ، گۈل سودىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىللار بولغانىدى. ئۇ ئىزچىل تۈردە گۈلنى ياخشى كۆرۈپ كەلدى.


    ۋىۋىسكا

    خارلىت سىل [ئەنگلىيە]

     
    پاپا دومنتنىڭ گۈل دۇكىنى تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا بولۇپ، گۈل سودىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىللار بولغانىدى. ئۇ ئىزچىل تۈردە گۈلنى ياخشى كۆرۈپ كەلدى. پاپا دونت تىرىشىپ ئىشلەيتتى، تۇرمۇشىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىدى، ھەتتا ئوغلى يوھاننى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقىدەك پۇلىمۇ بار ئىدى.
    دەسلەپتە گۈلخانا تىجارەت باشلىغان چاغدا دۇكاننىڭ ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر ۋىۋىسكىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا «بۇ دۇكاندا ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ يېڭى گۈللەر سېتىلىدۇ» دەپ يېزىلغانىدى.
    تۇنجى بولۇپ دۇكانغا كىرگەن خېرىدار پاپا دونتقا:
    مەن گۈل دۇكىنىڭىزنى ياقتۇردۇم، ئەمما مۇشۇ ۋىۋىسكىڭىزنى پەقەت ياقتۇرمىدىم، ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ يېڭى گۈل، ئەجەبا سىز باشقا تۈردىكى گۈللەرنى ساتمامسىز؟ نېمىشقا چىرايلىق، يېڭى دېگەن سۆزلەرنى ئۆچۈرۈۋەتمەيسىز؟-دېدى.
    پاپا دونت بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ۋىۋىسكىنى ئۆزگەرتىپ «بۇ دۇكاندا گۈل سېتىلىدۇ» دەپ يېزىپ ئاستى.
    ئەتىسى گۈل دۇكىنىغا يەنە بىر خېردار كىرىپ كەلدى، بۇ خېرىدارمۇ يېڭى ئېچىلغان گۈل دۇكىنى ئىنتايىن ياقتۇرغانلىقىنى، ئەمما دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسىنى ياقتۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى:
    -ئەگەر گۈلنى گۈل دۇكىنىدا ساتمىسىڭىز نەدە ساتاتتىڭىز؟ پاپا دونت، سىز «بۇ دۇكاندا» دېگەن سۆزنى ئېلىۋېتىڭ، «گۈل سېتىلىدۇ» دېسىڭىز تېخىمۇ ئاددىي ھەم ئېنىق بولىدىكەنغۇ!
    شۇنىڭ بىلەن پاپا دونت ۋىۋىسكىنى «گۈل سېتىلىدۇ» دەپ ئۆزگەرتتى.
    ئۈچىنچى كۈنى پاپا دونتنىڭ تاغىسى دۇكانغا كەلدى:
    -گۈلخاناڭنىڭ بېزىلىشى بەك چىرايلىق بوپتۇ،-دېدى ئۇ،-بىراق، ۋىۋىسكىسى بەك سۆرەلمە بولۇپ  قالدىمۇ نېمە، گۈل دېگەننى ئەلۋەتتە ساتىدىغان گەپ، بىراق بۇنداق يازسا كىشىگە كۆڭۈلسىز تۇيۇلىدىكەن، نېمىشقا «سېتىلىدۇ» دېگەن سۆزنى ئېلىۋەتمەيسەن؟
    شۇنداق قىلىپ دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسىدا پەقەت «گۈل» دېگەن سۆزلا قالدى.
    ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپ دۇكانغا شۇ شەھەردىكى بىر ئەمەلدار كىرىپ كەلدى.
    -بۇ دۇكانغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن،-دېدى، ئەمەلدار،-بۇ دۇكان قارىماققا ئىنتايىن پاكىز، رەتلىك ھەم ئازادە ئىكەن. سىز گۈل تىجارىتى قىلىشقا ناھايىتى ماھىر ئىكەنسىز، دۇكاننىڭ ئورنىمۇ ياخشى، دېرىزە بېزىكىمۇ ئىنتايىن كۆركەم، چىرايلىق بوپتۇ، بىراق ۋىۋىسكىدىكى «گۈل» سۆزى مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى، تەكچىدە لىق گۈل تۇرسا، ئەلۋەتتە بۇ ۋىۋىسكا قۇرۇق تاختىغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە. كىشىلەر بۇ گۈللەرنى كۆرسە تەبىئىيلا بۇ دۇكاندا گۈل سېتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە يەنىلا گۈل ئۆزى سۆزلىگىنى ياخشى.
    پاپا دونت بۇ ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى ئورۇنلۇق بىلىپ ۋىۋىسكىنى ئېلىۋەتتى.
    گۈلخانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر تەكچىگە تىزىلغان گۈللەرنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز توختاپ قېلىشاتتى. شۇنداق قىلىپ پاپا دونتنىڭ گۈللىرىنىڭ داڭقى يىراق-يېقىنغا پۇر كەتتى، ھېچكىم باشقا دۇكاندىن گۈل سېتىۋالمايدىغان بولدى.
    نۇرغۇن يىللار ئۆتتى. ئەمدى پاپا دونت گۈل دۇكىنىنى ئوغلى بىلەن بىللە باشقۇرىدىغان بولدى، بۇنىڭدىن ئۇ بەك خۇشال ئىدى. ئۇ ياشىنىپ قالغاچقا، گۈل دۇكىنىنى باشقۇرۇشتا بۇرۇنقىدەك بولالمايۋاتاتتى.
    ئوغلى يوھان بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەنلەرنى ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن، پاپا دونت ئوغلىدىن سورىدى:
    -يوھان، گۈل دۇكىنىغا دەسلەپتە قانداق قىلىشنى ئويلىدىڭ، ئوغلۇم؟
    -دادا، ئەڭ ئاۋۋال گۈل دۇكىنىغا بىر ۋىۋىسكا ئاسايلى. بازارلىشىۋاتقان بۇ كۈندە ۋىۋىسكا كام بولسا بولمايدۇ،-دېدى ئوغلى.
    -ۋىۋىسكا ئاسامدۇق؟
    -توغرا.
    -ئۇنداقتا ۋىۋىسكىغا نېمە دەپ يازىمىز؟
    -ھە، ئويلاپ باقاي...«بۇ دۇكاندا ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ يېڭى گۈللەر سېتىلىدۇ» دەپ يازايلى.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان 
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋىۋىسكا گۈل دۇكان