ئۆلتۈر-ئۆلتۈرمە چىڭغىز ئايتماتوف (قىرغىزىستان)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-25 15:13:49

ئۆلتۈر-ئۆلتۈرمەچىڭغىز ئايتماتوف (قىرغىزىستان)نۇرمۇھەممەت دۆلىتى تەرجىمىسىئۇچقۇچى ئايروپىلانىنى زىچ زېنت توپ رايونىدىن ھەيدەپ چىقىۋېتىپ، ئوق يېتىدىغان ئارىلىقتىن قانچىلىك يىراققا كەتكەندىمەن...



    ئۆلتۈر-ئۆلتۈرمە
    چىڭغىز ئايتماتوف (قىرغىزىستان)
    نۇرمۇھەممەت دۆلىتى تەرجىمىسى

    ئۇچقۇچى ئايروپىلانىنى زىچ زېنت توپ رايونىدىن ھەيدەپ چىقىۋېتىپ، ئوق يېتىدىغان ئارىلىقتىن قانچىلىك يىراققا كەتكەندىمەن، دەپ توغرا مۆلچەرلەش ئۈچۈن تۆۋەنگە بىر قارىدى. تۆۋەن قويۇق يېشىل ئورمان، ئورمان گويا ئايروپىلان بىلەن بىرلىكتە يانتۇ بولۇپ پىرقىرىۋاتقاندەك، خۇددى ئاستا ـ ئاستا ئۆرۈلۈپ مەلۇم بىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. كېيىنكى مىنۇتتا ئايروپىلان ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قېلىپىغا كەلدى، ئورمانمۇ دەرھال ئۆزىنىڭ مۇقىم ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يىراقتا ئىس ـ تۈتەكتە مانانلىشىپ كۆرۈنگەن ئۇپۇق بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتتى. دۇنيا يېڭىباشتىن ئۆزىنىڭ ئەسلىي ھالىتىگە كەلدى. ئۇچقۇچى ئەمدىلا ئۇھ دەپ تۇراتتى، كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئايروپىلاننىڭ ئالدىدا كۈتمىگەن بىر نەرسە پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇ شۇنچىلىك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولدىكى، ئۇچقۇچى ھاۋادا نېمىگە يولۇقۇپ قالغانلىقىنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن، قانداقتۇر شەكىلسىز بىر نېمە تىرىك تېنى بىلەن ئايروپىلانغا قاتتىق ئۇرۇلدى. ئايروپىلان چايقىلىپ كەتتى، ئۇچقۇچى ھېچنىمىنى كۆرمەي قالدى...
    بۇ قالايمىقان ئۇچقان بىر توپ قۇش ئىدى، گويا ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، بىردىنلا قارىغۇ بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى...
    ئۇچقۇچى قارا تەرگە چۆمدى. ئايروپىلاننىڭ پىرقىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن رولىنى مەھكەم تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلان كابىنكىسىنىڭ ئەينەكلىرىدىكى قانغا قاراپ بەدىنى شۈركۈنۈپ سەسكىنىپ كەتتى.
    قۇشلار كۈز كېلىشىنى كۈتمەيلا، بۇ ياقتىن كېتىشكە باشلىغانىدى. ئۇلار قاتتىق ئىسسىق ۋاقىتلاردا يا توپ ـ توپ بولۇپ، يا يەككە ـ يەككە كېتەتتى؛ يا كۈندۈزى، يا كېچىسى. ئۇلار كېتىشكەنلىرىدە ئۇۋىلىرىنى ۋە تېخى بالا چىقىشىغا ئۈلگۈرمىگەن تۇخۇملىرىنى تاشلاپ قويۇشاتتى. ئۇلار ئامالسىز ئۇچۇپ كېتىشكەنلىرىدە ئوزۇق بېرەرمىكىن، دەپ بويۇنلىرىنى سوزۇپ تۇرغان چۈجىلىرىنى تاشلاپ كېتىۋېرەتتى. ئاخىرىدا غايىب بولىدىغىنى قىسقا قۇلاق بايقۇش، كېچىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ سايراپ كېتىشلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى...

    ھايۋانلارمۇ قاچاتتى...
    ھەممە تەرەپتە بىر نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان قارا تۈتۈن بىلەن قاپلانغان ئورمان ـ توقايلارغا ئوت كەتكەن، ئەسىرلەر بويى كۆكۈرۈپ تۇرغان دەرەخلەر، بوي تارتقان قىزىل قارىغايلار خۇددى بوراندا غاراسلاپ سۇنۇپ ئۆرۈلگەندەك يىقىلاتتى. زېمىن يامغۇردەك ياغدۇرۇلغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ ، مىناميوت ئوقىنىڭ ۋە ئاسماندىن چۈشكەن بومبىلارنىڭ پارتلىشى بىلەن، تانكىلارنىڭ زەربىسى، تانكىغا قارشى زەربە بىلەن تىترىدى... توپىلار خۇددى ۋولقان پارتلىغاندىكىدەك تەرەپ ـ تەرەپكە چېچىلدى. بومباردىمان قىلىنغان دەريا قاشلىرى ئۆرۈلۈپ، سۇ تەرەپ ـ تەرەپكە قاچتى، پەس يەرلەرنى ۋە ئازگاللارنى تولدۇرۇۋەتتى. سۇ بىلەن تولغان ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن بىر تانكا زەمبىرىكىنىڭ ئۇچىنى ئاسمانغا قارىتىپ مەڭگۈ يېتىپ قالغان...
    بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈندىن ـ كۈنگە تەكرارلىنىپ تۇردى، ئۇنىڭ توختىشى مۇمكىن ئەمەستەكلا ئىدى، چۈنكى بۇ رايوندا ھەربىي تىل بىلەن ئېيتقاندا، كۆپلىگەن يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭلىرى بولۇۋاتاتتى. يۆلىنىش ئارمىيەسى يۆلىنىش ئارمىيەسىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى. ھەربىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى، دۈشمەننىڭ يان تەرىپى ۋە ئارقا سېپىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، دۈشمەننىڭ جانلىق كۈچىنى يوقىتىشنى كۆزلەشكەن، ھەربىر تەرەپ ئالدى بىلەن بۆسۈشنى، ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغانىدى...
    لېكىن، بۈگۈنگە قەدەر بۇ ۋەزىپىنى ھېچكىم ئورۇنلىيالمىدى. شۇ سەۋەبتىن پوزىتسىيەلىك ئۇرۇش كۈندىن ـ كۈنگە سوزۇلۇپ، داۋام قىلىپ كەلدى...
    ۋاقىت ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە ئىلگىرىلەپ تۇردى. ئۇرۇش مەيدانى دېگەن بۇ ماكاندا كۈزگە قەدەر توپ ـ زەمبىرەكلەرنىڭ ئاۋازى بېسىلمىدى. بۇ بىر يىلدا ئۇچار قاناتلارنىڭ ھېچقايسىسى، مەيلى كېچە بولسۇن ياكى كۈندۈز بولسۇن، يامغۇرلۇق كۈنلەردە بولسۇن ياكى ئوچۇق كۈنلەردە بولسۇن، ئۆز ئۇۋىلىرىغا قايتمىدى، ئوت ـ چۆپلەر چېچەكلەپ دان تۇتمىدى.
    ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتانلىرى قارشى تەرەپنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىش نىشانى قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ چاغدا توختاۋسىز ھالدا يېڭى مۇكەممەل لاھىلەرنى تۈزۈشەتتى، چىقىم ۋە ئۆلۈش ـ يارىدار بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخپىي مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈپ، زەربىدارلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىردەك دەلىللىشەتتى، شۇڭا بىر تەرەپ يېڭى ھاياتلىق ماكانىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، يەنە بىر تەرەپ شۇ ماكاننى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ ئالىي قوماندانلىرىدىن ئەسكىرىي كۈچىنى، تېخنىكىلىق قورال ـ ياراق ۋە ئوق ـ دورىنى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشاتتى. لېكىن، مەيلى قانداق بولسۇن، مەيلى بۇنداق ياكى ئۇنداق ئەھۋالدا بولسۇن، ئارقا سەپ قىسىملىرى توختىماي ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ تۇراتتى، ئەسكىرىي كۈچ جەڭدە خوراپ تۇراتتى، يەنە تولۇقلىناتتى...
    ئۇرۇشنىڭ دەپسەندە قىلىشىدىن قاق تويغان ياز پەسلى ئاخىرلىشاي دەپ قالغانىدى. ئۇرۇشۋاتقان تەرەپلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۇرۇشقا تەييارلىنىشنىڭ ئاخىرقى چېكىگە، ئاخىرقى چېگراسىغا يۈزلىنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بۆسۈپ ئۆتۈش...تەڭداشسىز كۈچ ھۇجۇمغا ئۆتكۈچى چوڭ ئېقىم زېمىنىدا توختىماي ئىلگىرىلىشى كېرەك ئىدى...
    بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلۇپ قالسا، كۈندىن باشقا يەر يۈزدىكى ھەممە نەرسىگە قان چاچرىماي قالمايتتى. بۇ چاغدا تەقدىر كۆپلىگەن كىشىلەرنى خۇددى مۇشۇ جاننى ئالدىغان ۋەقە ئۈچۈنلا دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك، ئۇچار قاناتلار قېچىپ كەتكەن يەرگە يىغىدۇ.
    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن ھەربىي پويىزدا ساراتوف شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ئىسسىق ۋولگا بويلىرىدىكى يېقىن ئاسىيا رايونىدىن مۇشۇ يەرگە كەلمەكتە. ھەربىي پويىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى ـ يۇ، نەگە بارىدىغانلىقىنى، قايسى ئۇرۇش سېپىگە، قايسى ئۇرۇش رايونىغا بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، بۇنى پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلارلا بىلەتتى. يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار نەگە بار دېسە شۇ يەرگە بېرىش مانا بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئىشى... بىراق، كۆپچىلىك بىزنى موسكىۋاغا ئەكېتىۋېتىپتۇ، دېيىشەتتى، ئۇنىڭ نېرىسى ئېنىق ئىش، ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىش... ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى. بۇنداق يۆتكىلىشنى قىياس قىلىش ئۇنداق تەس ئىش ئەمەس.
    ئۇلار ساراتوفتىن كەچقۇرۇن يولغا چىقىشتى. ئىسسىق، دىمىق بىر كېچىدىن كېيىن ياز بويى قاغجىراپ، ئاپتاپتىن بوزارغان ۋولگا بويىدىكى دالىلار، ئوتلاقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا بەزىدە يېقىن، بەزىدە يىراق ئارىلىقلاردا يېشىل يوپۇرماقلىق توقاي ۋە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارچا ـ قارىغايلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇلارنى كلاسسىك رەسىملەردىكى مەنزىرىدەك زوقلىنىپ كۆرگۈڭ كېلىدۇ، ھەتتا ئىشىكى ئوچۇق قالغان ۋاگونلارغا كىرگەن سالقىن، يېقىملىق ھاۋانى سېزىسەن. ۋاگون ئەسكەرلەر ۋە قورال ـ ياراغ بىلەن تولغان. ئورمان تېزلا تۆمۈريولنىڭ يېنىغا كەلدى.
    ـ قاراڭلار، قانداق ئورماندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىمىز؟ روسىيىگە كەلدۇق، رۇسىيە ــ ئانىمىز! ـ دېيىشىپ كەتتى ئەسكەرلەر، خۇددى ئۆزلىرى رۇسىيەدىن ئەمەس، باشقا دۆلەتتىن كېلىۋاتقاندەك.
    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تولىمۇ ياش، ئېگىز، ئورۇق بىر ئەسكەر بار ئىدى، ئۇ دادىسىنىڭ ھەربىي كىيىمىنى كىيىۋالغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئىسمى سېرگېي ۋورونسوف، ياكى ۋوزۋوتتىكىلەر دەيدىغاندەك، موناخ سېرگېي ئىدى. بەزىدە تېخى پوپ سېرگېي دەپمۇ ئاتىشاتتى. بۇنداق دېيىلىپ قىلىشىنىڭمۇ سەۋەبى يوق ئەمەس. بىر قېتىم ئۇ يىگىت بىردىنلا خۇدانى تىلغا ئېلىپ قالدى، خۇدا دېگەن مەبۇد ئەمەس، بەلكى ھادىسە، دېدى، زادى نېمە ھادىسە، ئۇنىڭ بۇ توغرىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ھېچكىم چۈشەنمىدى. لېكىن، بۇ چاقچاقچى ـ ھەزىلكەشلەرنىڭ دىنىي ئادەت بويىچە مازاق قىلىپ «موناخ سېرگېي» دەپ ئات قويۇشىغا كۇپايە ئىدى. كىشىلەر قانائەت ھاسىل قىلىشتى ۋورونسوف ئەمدىلا ئون توققۇز ياشقا كىرگەن، بۇ ياۋاش بالىنى بىردەم شاڭخۇ قىلىشسا نېمىشقا بولمايدىكەن. ئۇمۇ خاپا بولمىدى. بۇ سېرگېي بىر تۇرغىنىچە ۋاگون ئىشىكىگە سېلىنغان بالداققا يۆلىنىپ نەچچە سائەت ئۆرە تۇرۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ۋاگون ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان ۋاقتى خېلى ئۇزاق بولاتتى. بەزىلەر قارتا ئوينايتتى، بەزىلەر تۈنۈگۈنكى دەم ئالىدىغان چاغدا ئەكىرىۋالغان ئازراق ۋوتكىسىنى ئىچەتتى. سەپەر ئۈستىدە قىلىدىغان ئىش بولمىغانلىقتىن، يول بويى ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ ئىچىدە قىلمايدىغان گېپى قالمايتتى. بەزىلەر سەپەر ئۈستىدىكى بىكارچىلىقتا ناخشا ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايتتى. لېكىن، سېرگېينىڭ ھامان ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ناتونۇش يەرلەرگە قارىغۇسى كېلەتتى. ئۇ كىچىك بالىدەك ھەممىگە باشقىلاردىن بەكرەك قىزىقاتتى، چۈنكى ئۇنىڭ قەدىمدىن بۇيان رۇس زېمىنى بولۇپ كەلگەن بۇ يەرلەرگە بىرىنچى قېتىم كېلىشى ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇش نىيىتى بولسىمۇ، لېكىن مانا ئەمدى مۇمكىن بولماي قالدى. پويىز ئۇنى جەڭ مەيدانىغا ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. ھازىرچە ھەربىي پويىزدا، سەپەر ئۈستىدە، بېكەتكە بارغاندا كۇرۇشكىسىغا قايناق سۇ ئېلىۋېلىپ، ئەسكەر ئوزۇقىنى يەپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە تېخى ۋولگا دەرياسى بويىدىكى ھەربىي گازارمىدا ئۈچ ئاي مەشىقلەندۈرۈلگەندىن كېيىنكى يول تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇراتتى. ھەر قېتىم ئادەتتىكىدىن باشقىچىرەك بولغان، ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە، باشقىلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ كۆپرەك ئوقۇغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن سېرگېي ھامان يېنىدا تۇرغان بىرەيلەننىڭ يېڭىدىن تارتىپ: «قارىغىنا، ئاۋۇ يەردە ، تۆمۈريول بويىدا، پۈتۈنلەي ياغاچ ئۆيلۈك بىر مەھەللە بار ئىكەن؛ ئاۋۇ يەردە قومۇش بېسىپ كەتكەن بىر كۆل تۇرىدۇ؛ قىزىق، ئاۋۇ ئادەم بىر ئىنەككە مىنىۋاپتۇ، گەپ بولسىمۇ، ئۇمۇ تېخى بىر چەۋەنداز بولۇپ قاپتۇ؛ زاۋۇتنىڭ يېنىدىكى تاقىر بىر دالىدا ناھايىتى ئېگىز بىر تۇرخۇن تۇرىدۇ، خۇددى چوڭ بىر مەشئەلدەك سىرتقا ئوت پۈركۈپ تۇرۇپتۇ» دەپ كېتەتتى. سېرگېي كۆرگەنلا نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ كېتەتتى: «مەشئەلنىڭ ھاۋادا بىكاردىن ـ بىكار كۆيۈپ تۇرۇشى ئوشۇق گازنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈنلا؛ دادام ئىشلەيدىغان نېفىتلىكتىمۇ ئاشۇنداق چوڭ بىر مەشئەل تۇرخۇنى بار. قىش كۈنلىرى قاپقاراڭغۇ كېچىدە، قار ياغقان ۋاقىتلاردا بەكمۇ چىرايلىق كۆرىدۇ: قار ئۇچقۇنلىرى ئۇسۇلغا چۈشكەن، ھاۋا بوشلۇقىدا بولسا جانلىق بىر ئوت.» يېڭى يىل ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، ئۇ دائىم ئاپىسى، ھەدە ـ سىڭىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئاشۇ مەشئەلنى كۆرىدىكەن، قول تۇتۇشۇپ قار ئۈستىدە مېڭىپ كېتىدىكەن، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئىسسىق، يورۇق ئۆيدە شېئىرلارنى ئوقۇيدىكەن، ئاپىسى ئۇلارنى مايلىق توقاچ بىلەن مېھمان قىلىدىكەن، دادىسى دائىم جىددىي قىياپەتتە يۈرىدىغان بىر بوغالتىر بولۇپ، بۇ چاغدا ئۇمۇ خۇشاللىققا چۆمىدىكەن. «قىزىق موناختە بۇ، ــ دەيتتى بەزىلەر ئۇنى زاڭلىق قىلىپ، ــ مۇشۇ چاغدىمۇ شېئىرلارنى ئەسلەپ كەتكىنىنى، مايلىق توقاچ يېگۈسى كېلىپ قالغىنىنى ... ئۇ ئالدىنقى سەپكە كېتىۋاتىدۇ ـ دە!...»
    پويىز بىر مەركىزىي ئىستانىسىدا سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى. گۇگۇم بولۇپ قالغانىدى، سېرگېي كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى بومباردىماندا كۆيۈپ كەتكەندىن كېيىن زاپاس يولغا چىقىرىپ قويۇلغان بىر پويىزغا تارتتى. پاراۋۇز كېرەكتىن چىققان، ۋاگونلارمۇ ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەنىدى. ھېچكىم بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىدى، لېكىن ھەربىر كىشى پويىز بومباردىماندا قانداق كۆيگەندۇ، فاشىستلارنىڭ ئايروپىلانلىرى قانداق ھۇجۇم قىلغاندۇ، بۇ ۋاگونلاردا قانداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندۇ، قانچىلىك ئادەم ۋاگونلاردىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن پارتلاشلاردا ئۆلگەندۇ، قانچىلىك ئادەم كۆيۈپ ئۆلگەندۇ، دەپ ئويلىدى، ئەلۋەتتە. بۇ ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئالدىغا يېيىپ قويغان بىرىنچى بەلگە ئىدى. ئۇلار بۇ بەلگە بىلەن جىمغىنا ئۇچراشتى، قەبرىستانلىقتىكىدەك يەنە گۇگۇمدا كېتىپ قالدى. نۇرغۇن كىشى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، موخۇركىسىنى چېكىپ جىم تۇرۇشتى.
    سەپەر ئۈستىدە قىزىق بىر ئىشمۇ بولۇپ ئۆتتى، كۆپچىلىك سېرگېينى راسا شاڭخۇ قىلىشتى. شۇ چاغدا سېرگېي بىرەيلەننىڭ يېڭىدىن تارتىپ:
    ــ قارىغىنا! ئاۋۇ يەردە بىر قۇدۇق بار ئىكەن، ئەنە، كۆردۈڭمۇ؟ يامغۇر چۈشمىسۇن دەپ، خۇددى ئويۇقتىكى گۈل قاچىلىرىدەك گۈل چىقىرىلغان تۇۋاق بىلەن يېپىپ قويۇپتۇ! پاھ، نېمىدېگەن چىرايلىق! ـ دېدى.
    ئۇ بۇنىڭغا ئاچچىق بىر جاۋاب ئالدى:
    ـ سەم قۇدۇققا، گۈل چىقىرىلغان تۇۋاققا قارىما! ئاۋۇ قىزغا قۇدۇقتىن سۇ تارتىۋاتقان قىزغا قارا. قارىغىنا، ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكىنىنى، ساغرىسىغا قارا! قارا سېنىڭ يەنىلا قۇدۇققا قاراپ تۇرغىنىڭنى! ۋاي-ۋۇي، ھەي موناخ، سېنىڭ ئۈچۈن ھەربىي پويىزدىن سەكرەپ چۈشكۈم بار، بىراق قاچقۇن دەپ قالىدۇ ـ دە!
    ئەجەپ كۈلكىلىك!
    ئېيتماقچى، كىشىلەر خۇدا بوي جەھەتتە ئۇنىڭغا ئەلەم قىلمىغان، مۈرىسىنىمۇ ئانچە تار قىلمىغان، پىكىر قىلىشتىمۇ خېلى زېرەك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قارايدىغان يەرگە قارىماي، قارىمايدىغان يەرگە قارايدىغان بىر دېۋەڭ، موناخ، ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن بىر بالا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. دەرۋەقە، سېرگېينىڭ تېخى كۆپ جەھەتتە يېتىلمىگەن، تارتىنچاق، ھەتتا سەل غەلىتە ئىكەنلىكىمۇ راست. سېرگېينىڭ ئۆزىمۇ بەزىدە تەڭتۇشلىرىنىڭ گۆدەكلىكىنى شۇنچە تېز تۈگەتكەنلىكىنى، باشقا جەھەتتىن گەپ قىلىپ تۇرمايلى، ئايال زاتى بىلەن شۇنچە ئوڭاي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆز ـ ئۆزىگە خاپا بولۇپ ئويلىنىپ كېتەتتى. مۇھەببەتتىن بېشارەت بەرگەن بىر ئىش بولغاندۇ، نەتىجە ناھايىتى بىمەنە بولۇپ قالغان.
    تۈنۈگۈن ۋوگزالغا كېلىپ پويىزغا چىقىدىغان چاغدا غەلىتە بىر ئىش يۈز بەردى، كۈلكىلىك ئىش بولۇشىمۇ، كۈلكىلىك ئەمەس ئىش بولۇشىمۇ مۇمكىن... ئۇ كاللىسىدا يول بويى مۇشۇنى ئويلىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا بىر قاراپلا ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى مۆمىن، ياۋاش بىر موناخ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ شۇ...
    ئەھۋال مۇنداق: بۇ قوشۇنغا يولغا چىقىدىغانلىقى ئەتىگەندە خۇددى ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى بېرىلگەندەكلا ئېلان قىلىنغان، نېمە ئۈچۈن مۇنداق جىددىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، لېكىن بۇيرۇق مۇشۇنداق ئىدى. ئۇرۇش بولۇۋاتقانلىقى ھەممە مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتى. بۇيرۇق دېگەن بۇيرۇقتە. دەرھال جىددىي سەپكە تۇرۇلدى. ئۇلار ناھايىتى تېزلا شەھەر ئەتراپىدىكى گازارمىدىن يولغا چىقتى. ھەممىسى پىيادە ئەسكەرلەر، روتىلارغا بۆلۈنۈپ ، ساراتوف شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى كوچىنى بويلاپ ۋوگزالغا قاراپ مېڭىشتى... قوشۇندىكىلەرنىڭ بىرمۇنچىسى ئەسكەرلىككە چاقىرىلغان ساراتوفلىقلار ئىدى، كوچىنى بويلاپ كېتىۋاتقانلىرىدا بەزىلەر ئۆز ياتاقلىرى ياكى ئۆز ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئالدىدىن، تېخى يېقىندىلا ئىشلەپ تۇرغان زاۋۇتلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدىن ئۆتەتتى. ئۇلار قانداقمۇ ئۈن ـ تىنسىز ئۆتۈپ كېتەلىسۇن؟ بۇ ھېكايە مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۈز بەرگەن. ئەلۋەتتە، ھېچكىمنىڭ ئۆز قىسمىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكۈسى يوق، كوماندىرلار بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇلمايتتى. لېكىن، بەزىلەر كېتىۋېتىپ، ياز كۈنلىرى ئوچۇق قويۇلغان دېرىزىلەرگە قاراپ توۋلاپ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشاتتى ياكى يولدا ئۇچراتقانلارغا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلىشاتتى. ھويلا ـ ئارانلاردىكى بالىلارمۇ تۇشمۇتۇشتىن چىقىپ كېلىشىپ: «ئەسكەرلەر كېتىۋاتىدۇ! قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپتۇ!» دەپ توۋلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خوتۇنلىرى، ھەدە ـ سىڭىللىرى، ئايال قولۇم ـ قوشنىلىرىمۇ بولاتتى! خۇددى كۈتۈپ تۇرۇشقىنىغا خېلى ئۇزاق بولغاندەك ھەممىسى چىقىپ كېلىشكەنىدى، يەنە كېلىپ كىيىۋالغان كىيىملىرىمۇ ھەر خىل، بەزىلىرى باسماق بىلەن، بەزىلىرى يالاڭ ئاياغ، بەزىلىرى بېشىنى يۇيۇۋاتقان چاغدا ئاڭلاپلا ھۆل لۆڭگىنى بېشىغا يۆگەپ يۈگۈرۈپ چىقىشقان، بەزىلىرىنىڭ بولسا كۆڭلەك ـ يوپكىلىرى يىرتىق. ئۇلار پۇتىغا ھەربىي ئۆتۈك كىيىپ، سەپ بولۇپ كېتىۋاتقانلارنىڭ يېنىدا ئۇلارنى ئۇزىتىپ كېتىۋاتاتتى، ھەممەيلەننى خۇداغا تاپشۇرۇۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەممەيلەن ئوخشاشلا شۇنداق بىر تۇغقان، قانداق. كېتىۋېتىپ: «تېزرەك غەلىبە ـ نۇسرەت بىلەن ساراتوفقا ۋولگىغا، تۇغۇلغان يۇرتىڭلارغا قايتىپ كەلگەيسىلەر» دەپ تىلىشەتتى. بەختسىز بىر ئايال يىغلىغان پېتى: «ستالىنغا سان ـ شەرەپلەر بولسۇن! ستالىنغا شان ـ شەرەپلەر بولسۇن!» دەپ ماڭدى. ۋوگزالغا يېقىنلاپ قالغان چاغدا ئاياللار بىردىنلا ئېسىگە كېلىپ، ئايرىلىش ئالدىدا يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرى توغرۇلۇق، ئۆزلىرىنىڭ قايغۇلۇق تەقدىرى توغرۇلۇق ئويلاپ كېتىشتى، چۈنكى ئالدىنقى سەپكە ماڭغانلار بىلەن ۋىدالاشقاندا، ئۇلارنىڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقى تەبىئىي ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى تاكى ئۆلگۈچە ئۇرۇشقا تەقدىم قىلىنغان قۇربانلىق بولۇپ قالاتتى، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققىنى سۆزسىز تۇللۇق تەقدىر بولاتتى.
    ـ ھەي ئاياللار، چۇرۇلداشماڭلار! يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزمەڭلار! تارقىلىڭلار!
    لېكىن، ھەر قانداق نەسىھەت ۋە قاتتىق بۇيرۇقمۇ ئۇلارغا كار قىلمىدى. ئۇلار ئەنە شۇ تەرىزدە، ئەسكەرلەر قاتار تىزىلىپ، يېنىدا چۇرۇلداشقان ئاياللار بىلەن بالىچاقىلار، ساراتوفنىڭ ئەگرى ـ توقاي كوچىلىرىدا بىردەم يۇقىرىغا، بىردەم پەسكە قاراپ ماڭاتتى. ۋولگا بارغانسېرى يىراقلاشتى.
    سېرگېي جۇدالىقنىڭ مۇنداق ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان، ئۇ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كۆپچىلىك ئىچىدە خوشلىشىۋاتاتتى. گەرچە يېنىدا كېتىۋاتقان باشقا ئەسكەرلەرگە ئوخشاش، كۆزۈم ئۇچراشقانلا ئادەمگە كۈلۈمسىرەپ، قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ، ھېچقىسى يوق، ھەممىگە چىدايمىز، دېگەندەك قىلىپ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ماڭاي دېسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىچىدە چىدىيالماي، يۈرىكى بەكلا ئېچىشىپ كەتتى، نېمە ئامال، ئاتا ـ ئانىسى قېرىپ كەتكەن، ئۆزى بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى. چوڭ ھەدىسى قازاقىستاندا، قازاقىستان ـ جۇڭگو چېگراسىنىڭ يېنىدىكى بىر چېگرا مۇداپىئە پونكىتىدا ياشايدۇ. ئىككىنچى ھەدىسى ۋېرونىكا بۇ يەردە، ساراتوفتا، ئۇنىڭ ئېرى ئۇرۇشقا كەتكەن، ئۆلۈك ـ تىرىكى نامەلۇم. ئۇ ئەمچەكتىكى بالسىىنى يېقىندا بىردىنلا قېرىلىق يەتكەن ئاپسىىنىڭ بېقىشىغا بېرىپ قويۇپ ئۆزى ئىشلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆمۈرۋايەت ۋولگا نېگىتلىكىدە بوغالتىرلىق قىلىپ كەلگەن دادىسى ۋورونسوف نىكولاي ئىۋانوۋىچ بولسا كېسەللىكتىن ئۇزاقتىن بۇيان دوختۇرخانىدا يېتىقلىق. بۇلارنى ۋېرونىكا قىسىمنىڭ ھەربىي پوچتىسى ئارقىلىق شەھەر ئەتراپىدىكى گازارمىدا كېچە ـ كۈندۈز ھەربىي تېخنىكىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان چاغدا يېزىپتىكەن. ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كېلىپ يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتى. ۋېرونىكا خېتىدە ئۇلار دۇچ كەلگەن بارلىق قىسمەتلەرنى يېزىپتۇ، ئۇ بەك ئالدىراش ئىكەن، خىزمەت ئورنىدا ئالدىراش، ئۆيدە ئالدىراش، يەنە تېخى دوختۇرخانىغا دادىسىغا قارىغىلى بارىدىكەن. ئۇ ھەممىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، سەمىمىي، ئوچۇق ـ يورۇق، ھەممە ئىشنى ئەينەن يازىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئامراق ئىدى. لېكىن، ھەدىسىنىڭ يېقىنقى بىر پارچە خېتىگە جاۋاب يازمىدى، جاۋاب يېزىش ـ يازماسلىقنىمۇ بىلەلمەي كەتتى، بۇ خەت ئۇنى بەكمۇ بىئارام قىلغانىدى. ئىچىدە غەلىتە سېزىم، بىئاراملىق پەيدا بولغانىدى. ۋېرونىكا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سىنىپدىشى بولغان ناتاشانىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا يېزىپتۇ لېكىن ئۇ بۇ ئىشلارنى نەدىن بىلگەندۇ؟ ناتاشانىڭ مەكتەپتە «كومىنتېرىنكا»(كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيۇنال جەڭچىسى) دېگەن نامى بار ئىدى، چۈنكى ئۇ يەتتىنچى سىنىپتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا كومىنتېرىن توغرىسىدا شېئىر يازغان، ئىنتېرناتسىيۇنال بىرىگادىسى ئىسپانىيەدە پۈتۈن دۇنيا ئىشچى ـ دېھقان ئاممىسىنىڭ بەخىت ـ سائادىتى ئۈچۈن قانداق جەڭ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا يازغان. ئۇ بۇ شېئىرلىرىنى موسكۋاغا ئەۋەتكەندە، موسكۋادىن ئۇنىڭغا رەھمەت خېتى كەلگەن. بۇ مەكتەپتە چوڭ ئىش ئىدى، ئۇنىڭ بۇ خېتىنى ھەممە ئادەم ئوقۇغان. زېرەك، پائالىيەتچان كومىنتېرىنكا ناتاشا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاكتىپ بولۇپ، تۈرلۈك يىغىنلاردا نۇتۇق سۆزلىگەن، ئۇنى ھەممە ئادەم تونۇيتتى، ئۇمۇ ھەممە ئادەمنى تونۇيتتى. ئەتىيازدا، دەل ئۇرۇش باشلىنىش ئالدىدىا، بىر ئىش يۈز بەردى. بىر قېتىم ناتاشا ئىككىسى مەكتەپنىڭ كەچلىك كۆڭۈل ئىچىش يىغىلىشىدا تانسا ئويناپ قالدى، ناتاشا كېلىپ ئۇنى تانسىغا تارتقاندى. ئۇ چاغدا ئۇ جۈپ ـ جۈپ بولۇپ پىرقىراپ تانسا ئويناۋاتقانلارغا قاراپ دېرىزە ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى، بۇ چاغدا ناتاشا ئۆزى بىلەن تانسا ئويناۋاتقان يىگىتنى تاشلاپ بىردىنلا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ـ دە، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ: «يۈر، سېرۇژا، سېنىڭ بىلەن بەكلا تانسا ئوينىغۇم بار!» دەپ تانسىغا تارتتى، ئۇنىڭ بويى ئۆزىنىڭ مۈرىسىگە كەلگۈدەك بولسىمۇ، خۇددى پىيونېرلار ئەترەت باشلىقىغا بويسۇنغاندەك، ئۇنىڭغا بويسۇندى. ئۇنىڭغا بۇنداق جۈرئەت نەدىن كەلدى؟ ئۇنىڭ كۈتۈۋاتقىنى مۇشۇدەك، تېنىگە دەرھال بىر ئىسسىق ئېقىم ئۆتكەندەك سېزىلدى. ئۇلار تانسا ئويناۋاتقانلار سېپىگە قوشۇلۇپ كەتتى. ئىش شۇنىڭدىن باشلاندى.
    سېرگېي مىسلىي كۆرۈلمىگەن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، تانسا ئويناۋاتقان كۆپچىلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىپ بېشى ئايلاندى، گويا ۋالىسقا پېقىراۋاتقانلارنىڭ تېنىدىن شەكىلسىز بىر ئوت چىقىپ تېنىنى كۆيدۈرۈپ، دېمىنى قىسىۋاتقاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ راسا بىر خۇماردىن چىققۇسى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن بېسىم ھېس قىلىپ، ئادەملەر توپىدىن چىقىپ ناتاشا بىلەن بىرلىكتە ئېگىز ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ئۇنى باغرىغا بېسىپ كۆكتە پەرۋاز قىلغۇسى كېپكەتتى. كومىنتېرىنكا ناتاشا بولسا خۇددى تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم، يېقىملىق ئىدى. سېرۇژا بايا پەيدا بولغان يېتىرقاشنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تېز پېتىلگەن يېقىنلىقنى ھەيرانلىق ئىچىدە سەزدى، يۈرىكى تېخىمۇ قاتتىق دۈكۈلدەپ تىنچلىنالماي كەتتى، بۇ كۈچ ئۇنى بارغانسېرى بەك تارتىپ كېتىۋاتاتتى. قىزنىڭ مەڭزى شۇنچە يېقىن، تىنىقى شۇنچە ئىسسىق بىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چىرايىغا تىك بېقىپ قارىيالمىدى ۋە ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ نېمە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەي كەتتى. پەقەت ئۇ بىردىنلا: « بىلىمەن، سېرۇژا، سەن مېنى سۆيىسەن، مېنى ئېلىشنى ئويلايسەن!» دېگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ئەدەبسىزلەرچە ھىقايغان كۆزى بىلەن قەستەن يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھېسسىياتلىق چىرايىنى كۆردى.
    سېرگېي ناھايىتى قورۇندى، ئۇ بۇنداق بولارىنى ئويلىمىغان، تەييارلىقىمۇ يوق ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى توختىتالماي پىرقىراۋەردى. ئۇ شاللاق، قوپال گەپلەر بىلەن جاۋاب بېرىشنى ئويلىدى. ئەگەر باشقا يىگىتلەر بولسا، ئاغزىدىن سۆز چىقىشى بىلەنلا چوقۇم دەم ئالالماي قالغان بولاتتى. ئۇ ئادەتتىكىلا گەپ قىلدى. ئۇنىڭغا گەرچە ئۇنى ياخشى كۆرسىمۇ، ھەتتا ئىنتايىن ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن سۆيۈش ـ سۆيمەسلىك توغرىسىدا ئويلاپ باقمىدىم، دېمەكچىدى. لېكىن، قىز بۇنى بىلىپ قالغاندەكلا، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ گەپ باشلاپ، ئۇنىڭ ئويىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. «جاۋاب بەرمە، سېرۇژا، جاۋاب بەرمە، ئۆزۈڭنى زورلىما! چاقچاق قىلىپ قويدۇم! ــ ئۇ بۇ گەپنى قىلغاچ پىرقىراپ كېتىۋېتىپ، مۇزىكا رىتىمىغا كەلتۈرۈپ بېشىنى ئايلادۇردى، ــ بىراق، بىلەمسەن، مەن سېنى ئوبدان چۈشەندىم، مەن سېنىڭ ئۈچۈن گەپ قىلالايمەن، ــ ناتاشا گېپىمنى تېخىمۇ ئېنىقراق ئاڭلىسۇن دېگەندەك، زالنىڭ بىر چېتىدە توختىدى، ــ مەن ھەممە ئادەمنى ئوبدان چۈشىنەلەيمەن، كىمنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. رايكومدىكىلەر مېنى كۆزىتىشكە ئۇستا كومسومول تەشۋىقاتچى، دېيىشىدۇ. مەن سېنى ئوبدان چۈشەندىم. سەن مېنى سۆيىسەن، تېز ئارىدىلا بۇنى ماڭا دەيسەن! سەن ئادەتتىكى ئادەمگە ئوخشىمايسەن. دۆت، ۋاي راستلا دۆت! سەن ئەمدىلا... مەن بىلىپ بولىمەن. سەن قىزلار بىلەن ھېچقاچان ھېچ نەرسە! شۇنداقمۇ؟ چۈشىنىشلىكتە! يوشۇرىدىغان نېمىسى بار! مەن كۆزلىرىڭدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمەنغۇ! بىراق، يېقىندا ھەممىسى ساڭا ئېسىلىشىدۇ! ھە، سەن كۆزۈڭنى ئاچ! مەن بىرىنچىسى! ئاندىن كېيىن سەن ئېنىڭ بىلەن بولىسەن! ــ ئۇلار يەنە تانسا ئويناپ پىرقىراشقا باشلىدى، ناتاشا يەنىلا توختىماي سۆزلەيتتى، ــ بىز نەگىلا بارساق بىللە بولىمىز. مەن يىغىنلاردا نۇتۇق سۆزلەيمەن، سەن گېزىتخانا ئۈچۈن خاتىرە يازىسەن، مۇخبىرلىق قىلىسەن. بىلىمەن، سەن ياخشى يازىسەن. چۈشىنەمسەن، مەن قورقمايدىغىنىدىن، ئەلنىڭ ئالدىغا چىقىپ نۇتۇق سۆزلەيمەن، سەن بولساڭ ئەقىللىق، ماڭا دەل ساڭا ئوخشايدىغىنى كېرەك. چۈشەندىڭمۇ؟»
    ئەنە شۇنداق بىر قېتىم سۆزلىشىش بولدى، چاقچاقمۇ، راستمۇ، بۇ ھەقتە ئويلىنىش كېرەكمۇ ياكى ئۇنتۇپ كېتىش توغرىمۇ؟ بىراق، شۇ كېچىسى سېرگېي ئۇخلىيالمىدى، تاڭ ئاتقۇچە قىينالدى، توڭ تېپىۋەتكەندەك بولدى. كېيىن ئۇ ناتاشاغا بىر پارچە خەت يازماقچىمۇ بولغان، يازغان، بىراق ئۇنى يىرتىپ تاشلىغان. رەسىمىي خەت يېزىش ئورۇنسىزدەك تۇيۇلغان، ئادەتتىكىدەكلا، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىشقا سېرگېي قىزىقمىغان.
    ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى تىنچىدى. كېيىن ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا چىققاندا ئۇرۇش شۇ يىلى يازدا پارتلىدى. ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ئىككى ـ ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ قالدى، بىراق سۆيگۈ توغرۇلۇق سۆزلەشمىدى. سېرگېي ھەر قېتىم ئۆتكەن ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلىشىشنى كۈتسىمۇ، لېكىن ئۆزى ھېچقانداق بېشارەت بەرمىدى، قىزنىڭ بىرەر گەپ قىلىشىنىمۇ كۈتمىدى. بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىش زۆرۈر بولغىيتتى. لېكىن ھەربىيلىككە چاقىرىلغان ئۇقتۇرۇشنى ئالغاندىن كېيىن ھەممە ئىش دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەتتى. سېرگېي تاقەت قىلالماي، ناتاشا تۇرىدىغان ئېگىز بىنا ئالدىغا كېلىپ ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈردى، ئازابلاندى، ھاياجانلاندى، كېتىپ قالايمۇ ياكى مەشەدە ساقلايمۇ، دەپ دېلىغۇلمۇ بولدى، خۇددى ئاستا ـ ئاستا ئۆچۈپ كېتىۋاتقان گۈلخانغا ئوخشاپ قالدى. ئۇنى يېڭىباشتىن ياندۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇق ئوتۇن كېرەك بولاتتى. سېرگېي « ئارمىيەگە قاتنىشىدىغان بولدۇم، خوشلاشقىلى كەلگەنىدىم» دېدى. ناتاشانىڭ بۇنىڭغا ئىنكاسى ئادەتتىكىدەكلا بولدى، ھازىر كۆپچىلىك ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىش ئۈچۈن ھەربىي سەپكە چاقىرىلىۋاتىدۇ، ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ـ دە» دېدى ۋە ھازىر بېجىرىدىغان جىددىي ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ: «تېزرەك دالا ئۇرۇشى پوچتىسىنىڭ ئادرېسىنى ئەۋەتكىن، خەت يېزىپ تۇرىمەن» دەپ ۋەدە بەردى. سېرگېي خۇددى ئۆز ئارا خەت يېزىشىپ تۇرۇشقا ۋەدە ئېلىشقا كەلگەندەك، بۇنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كەتتى. چۈنكى، خەتتە يۈزتۇرانە سۆزلەشكەندىن كۆپرەك سۆزلىشىشكە بولاتتى، ئېغىزدا ئېيتىشقا قىيىن گەپلەرنى يېزىشقا بولاتتى. لېكىن، ئۇ ئۇدا ئۈچ مەرتەم خەت يازغان بولسىمۇ، قىز ۋەدە بەرگىنىدەك جاۋاب خەت يازماي قويدى. گەرچە ئۇ شۇنچە كۈتسىمۇ، يېزىشى مۇمكىن بولغان خىلمۇ خىل گەپ ۋە بېرىشى مۇمكىن بولغان جاۋابلارنى ئىچىدە ئويلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بىر پارچىمۇ خەت كەلمىدى. ھەربىيلەرنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشى بىلەن ئالدىراپ يۈرگەن، ئۇنىڭدىن بىرەر جاۋاب كېلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بىر چاغدا ھەدىسى ۋېرونىكانىڭ يېقىندا يازغان بىر خېتىدە ئۇشتۇمتۇتلا ــ ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى نەدىن بىلدىكىن؟ ـ كومىنتېرىنكا ناتاشانىڭ (ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە) خوتۇن ئۆلۈپ كېتىپ ئالدىنقى سەپكە بېرىش شەرتىگە توشماي قالغان، ئۆزىدىن كۆپ چوڭ بىر كىشىگە ياتلىق بولۇپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق گەپ چىقىپ قالدى. ۋېرونىكا خېتىدە: «سېرۇژا، قەدىرلىك ئۇكام، بۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆڭلۈڭ يېرىم بولمىسۇن. مەن بىلىمەن، سەن خىلمۇ خىل ھېكايە، رومانلارنى تولا ئوقۇغانلىقىڭدىن، ھەممە ئىشقا كىتابلاردىكىدەك قارايسەن، بۇ ئىش ساڭا ئېغىر كېلىدۇ. لېكىن، ئۇنداق قىلما، بىلەمسەن، سەن بولساڭ پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئادەم. مىجەزىڭلار ئوخشىمايدۇ. ئىچىڭدە ئۇنى بەكمۇ ئەيىبلەپ كەتمە، ئۇنىڭ ئەرگە تەگكۈسى كەلسە ئۆزىنىڭ ئىشى. سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا زادىلا ماس كەلمەيسىلەر. ماڭا ئىشەن، ئۇرۇشتىن ئامان ـ ئېسەن قايتىپ كېلىدىغانلا بولساڭ، ـ خۇدايىم ئۇرۇش بالدۇرۇاق ئاخىرلاشقاي، ــ ئىشەنچىم كامىلكى، بەختلىك بولىسەن، بىر قىزمۇ بەختلىك ھالدا سېنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ، سېرۇژا! ئازراقمۇ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، قەدىرلىك ئۇكام. يېنىمىزغا تېزرەك قايتىپ كەلگەيسەن... تېزرەك تۈگىگەي بۇ ئۇرۇش، تېزرەك تۈگىگەي...» دەپتۇ. مۇشۇنداق بىر خەت. راست گەپنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بىلەن ناتاشا ئوتتۇرسىدا كۆڭلى يېرىم بولغۇدەك ئىشمۇ بولمىغان. لېكىن، ھەدىسىنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىغۇسى كەپتۇ.
    ھازىر ناتاشا بىلەن بولغان ئىشقا ئاشماي قالغان بۇ ۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈن خېلىلا ئەستىن كۆتۈرۈلگەن بىر چۈشكە، ئۆتۈپ كەتكەن ئون توققۇز يىللىق ھاياتىدا ئۆتۈلگەن بىر دەرسكىلا ئوخشاش ئۆتمۈش بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئەنە شۇ يوسۇندا جەڭگاھقا ماڭدى، ئۆزى چۈشەنمىگەن، روھىي ھالىتى شۇنداق مۇرەككەپ بولغان، ھەم ھەسرەت چەككەن، ھەم ئۇنىڭدىن قۇتۇلغان سەبىي قەلبى بىر مەھەل ئىشىنىشكە تەييارلانغان ئىشتىن قۇتۇلدى. ئۇ بالىلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزگەن شەھەردىن ھەربىي مارشنى ياڭرىتىپ، كوچا بويلاپ چۇرقىرىشىپ يۈرگەن ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئۇزىتىشى ئىچىدە بىۋاسىتە جەڭگاھقا ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇزاتقۇچىلار ئىچىدە ھەدىسى ۋېرونىكانىڭ يوق بولۇپ قالغانلىقىدىن قەۋەتلا ئەپسۇسلاندى. ئەگەر ھەدىسى ئۇلارنىڭ يولغا چىقدىىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن ۋاقىپ بولغان بولسا، ھېچنىمىگە قارىماستىن كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى مەرتەم كۆرۈشۈۋالغان بولاتتى.
    بىراق، كىشىلەر مۆجىسىز دۇنيا بولمايدۇ، دەيتتى. بەلكىم، بۇ بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. تەقدىر ئۇنىڭ ھەدىسىنىڭ ئۇزىتىپ قويالمىغىنىنىڭ ئورنىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە تولۇقلىۋېتىشنى ياقتۇرغاندۇ. ئۇ بۇلارنى يولدا، پويىزغا چىققان ۋە سەل تىنچىغاندىن كېيىن ئويلىدى.
    ئۇلار ۋوگزالغا كېتىۋاتقاندا، ئاياللارنىڭ قاتارىدا ئۇشتۇمتۇت بىر سىگان ئايال كۆزگە تاشلاندى. ئۇنىڭ نەدىن كېلىپ قالغانلىقىنى بىر خۇدا بىلىدۇ، گەرچە ياز كۈلىرى ساراتوفتا سىگانلارنى خېلى كۆپ ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىگان ئايال قاپقارا چىرايى، يۈگۈرگەندە پۇلاڭلاپ تۇرىدىغان مىس ھالقىسى بىلەنمۇ، بوينىغا سېلىۋالغان كونىراپ كەتكەن ئوچۇق رەڭلىك ياغلىقى بىلەنمۇ، يەرگە تېگىپ تۇرغۇدەك ئۇزۇن كەڭلىكى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئاھ، سىگان دېگەن سىگان ـ دە! قىسىم يولغا چىقىپتۇ، دەپ كوچىغا چىققانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن بولسا كېرەك، ئۇمۇ سەپ بولۇپ كېتىۋاتقانلارنىڭ يېنىدا بىرەر كىشىنى كۆزلىگەندەك توۋلاپ قول ئىشارىتى قىلاتتى. ئەسكەرلەر ھەيران بولۇشۇپ بىر ـ بىرىگە: «كۆردۈڭمۇ؟ ئاۋۇنى قارا، سىگانكا سېنى ئىزدەۋاتامدۇ نېمە» دېگەندەك قىلىپ، بىر ـ بىرىنى كۆز قىسىپ تۈرتۈپ قويۇشاتتى. بىر جەڭچى ھەتتا ئۆزى گەپ قىلدى:
    ـ ھەي سىگانكا، ھەي چېچەن قىز، مەن مە يەردە! ئاڭلىدىڭمۇ؟ بۇ مەنغۇ! ماڭا پال ئېچىپ بېرەمسەن؟
    ئۇ جەڭچى شۇنىڭغا ھەيران بولدىكى، سىگان ئايال ئۇنىڭغا: «ساڭا كېيىن پال ئېچىپ بېرەي، ھازىر مەن ئۆزۈمگە كېرەك ئادەمنى ئىزدەۋاتىمەن» دېدى. دەرۋەقە،ۇ دەل دېگىنىنى قىلدى.
    ئۇ يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، ئىزدىگەن ئادىمىنى تېزلا تونۇۋالدى. بۇ بەلكىم ئۆز كۆڭلىدىندۇ. كېتىۋاتقان سەپ ئىچىدە ئۇنىڭ ئىزدىگىنىنىڭ دەل سېرگېي بولۇپ چىققىنى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. نېمە ئۈچۈن دەل شۇ بولىدۇ؟ يېنىدا يۈگۈرگەندەك بولۇپ كېتىۋاتقان سىگان ئايال سېرگېيگە مۇنداق دېدى:
    ـ ھەي يىگىت! ھەي يىگىت، ھەي، سەن، ئاۋۇ قاراقاش يىگىتنى دەيمەن. يولنىڭ چېتىگە چىق، ئەكەل قولۇڭنى، يولغا چىقىش ئالدىدا ساڭا پال ئېچىپ بېرەي، بەختىڭگە پال ئېچىپ بېرەي!
    سېرگېي قاتارنىڭ چېتىدە ئۈچىنچى بولۇپ كېتىۋاتاتتى، مەسىلە بۇ يەردە ئەمەس، ئۇنىڭ ھاڭ ـ تاڭ بولۇپ نېمە قىلىشنى بىلمەي قالغانلىقى مەسىلە بولۇپ قالدى.
    ـ كېرەك ئەمەس! مېنىڭ پال ئاچقۇزغۇم يوق! ‏ــ دېدى سېرگېي ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ. ئۇ ئۆزىنىڭ رەت قىلغانلىقىغا سەل خىجىل بولۇپ،كەچۈرۈم سوراپ قويايمىكىن، دەپ ئويلىدى. بىراق، قانداق كەچۈرۈم سورايدۇ، نېمىگە كەچۈرۈم سورايدۇ؟ بۇ چاغدا سەپداشلىرى يەنە چاقچاقنى باشلىدى: «سىگانكا كىمگە پال ئېچىشنى بىلىدۇ ـ دە، مانا بىزنىڭ موناخنى تاللاپتۇ. ئۇنىڭدىن بۆلەك كىمگە پال ئاچاتتى؟ ئۇ خۇداغا ئىشىنىدۇ ئەمەسمۇ، مانا دەل ئۆزى!»
    شۇنداق دېسىمۇ سىگان ئايال ئۇنى قويۇۋەتمىدى:
    ـ ھەي يىگىت، رەت قىلما، بۇ دېگەن تەقدىر!
    ئۇنىڭغا بىرەيلەن دېدى:
    ـ ئۇنىڭ ئېتى سېرگېي!
    ـ سېرگېي؟ ھەي سېرگېي، قەدىرلىكىم، ھەي قارىقاش! مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن. بۇ دېگەن تەقدىر، رەت قىلما، سېرگېي، سەن تولىمۇ ياش ئىكەنسەن، مەن سېنىڭ بولغۇسى تەقدىرىڭنى ئېيتىپ بېرەي! چىن كۆڭلۈمدىن پال ئېچىپ بېرىمەن! ھەممىدىن راست گېپىمنى قىلىمەن!
    بۇ چاغدا بەزى دۆتلەر ئۇنىڭغا قاراپ توۋلاشتى:
    ـ ھەي سىگانكا، بولدى قىل، كاشىلا قىلما! كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەنغۇ، بىز ئالدىراۋاتىمىز!
    ـ كاشىلا قىلمايمەن. مەن پەقەت كېتىۋېتىپ ئالقىنىمغىلا قارايمەن!
    ـ چاپلىشىۋالمىساڭچۇ، ئەجەپ ئىچىنى پۇشۇردى يا ئادەمنىڭ. كاشىلا قىلما، سېنى دەۋاتىمەن!
    سىگان ئايال قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس ئىدى. سېرگېي ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بىرەر قۇۋلۇۇقنى بايقىمىدى، ئەكسىچە، ھەدىسى ۋېرونىكاغا ئوخشاش سەمىمىي ۋە كۆيۈمچان كۆرۈندى. ۋېرونىكانىڭ دائىم بىرەرىگە ياخشىلىق قىلغۇسى كېلەتتى، شۇ سەۋەبتىن ھامان جىم يۈرەلمەيتتى. پاھ، ئەجەب ۋېرونىكاغا ئوخشايدىكەن. ئۇنىڭ بۇنداق ھېس قىلىپ قېلىشىغا بەلكىم ئۇنىڭ: «ساڭا ھەدەڭدەك گەپ قىلىۋاتىمەن! ئۆز ئىنىمدەك گەپ قىلىۋاتىمەن!» دەپ توۋلىغىنى سەۋەب بولغاندۇ.
    سىگانكا ئادەملەر ئىچىدە كۆرۈنمەي قالغاندا سېرگېي بىر ئاز ئۆكۈنۈپمۇ قالدى، ئىچىدە ماقۇل دېسەم بوپتىكەن، نېمىشقا بۇنداق تەرسالىق قىلغاندىمەن، بۇ ئىشنى توغرا قىلمىدىم، دەپ ئۆزىنى تىللىدى.
    بۇ چاغدا ئۇلار ۋوگزالنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى، لېكىن يەنىلا قاتارنى بۇزماي، روتا ـ روتا بويىچە قاتار تىزىلىپ تۇرۇشتى. قوشۇنغا ئەگىشىپ كەلگەن ساراتوفلىقلار بولسا چۇرۇلدىشىپ تۇرۇشتى. ھەربىي پويىز لىنىيەگە كىرىپ بولغان،يۈك ۋاگونلىرىنىڭ ئىشىكلىرى ئىچىلغان، ئادەملەر چىقسىلا بولاتتى. ۋاگونلارنىڭ جىقلىقىدىن باش ئاخىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
    پويىز مېڭىشتىن ئاۋاللقى قاتلاڭچىلىق باشلاندى. قايسى ۋزۋوتنىڭ قايسى ۋاگونغا چىقىدىغانلىقى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پويىزنىڭ ئەتراپى ئادەم بىلەن تولغان، ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ، ئاياللار بىلەن بالىلارمۇ قىستىلىشىپ يۈرىدۇ، ھېچقانداق كۈچ توسۇۋالالمايدۇ.
    پويىزغا چىقىش خېلى ئۇزاققا سوزۇلدى. دىمىق، قىستاڭچىلىق. ۋاگونغا چىققىلى ئۆچرەتتە تۇرغان سېرگېي ھېلىقى سىگانكانى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقارغانىدى، بىراق ئۇ ئادەملەر ئارىسىدا بىردىنلا پەيدا بولۇپ قالدى، يەنە ئىزدەپ كەلدى، ئەجەپ جاھىل ئايالكەن
    ـ ھەي سېرگېي! مەن سېنىڭدىن قالماي كەلدىم! رەت قىلما، يىگىت، مەندەك بىر سىگان ئايالنىڭ گېپىنىڭ ئاڭلاپ قوي! تەقدىر مېنى سەن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى پال ئېچىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. رەت قىلما، سەن ئۇرۇشقا كېتىۋاتىسەن، ئۆزۈڭنىڭ تەقدىرىڭنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىۋال!
    سېرگېي ئاجايىپ خۇشال بولغان ھالدا دېدى:
    ـ ماقۇل، زۆرۈر بولغان بولسا پال ئېچىپ قوي!
    ئۇ سەپەر خالتىسىنى پۇتىنىڭ يېنىغا قويۇپ، ئاپتوماتىنى بوينىغا ئاستى ـ دە، ئۇنىڭغا قولىنى سۇندى، ئەنە شۇ تەرىقىدە، پويىزغا چىقىش ئالدىدا، ۋاگوننىڭ يېنىدا، بىر ۋزۋوتتىكى دوستلىرى قورشاپ تۇرغان ئەھۋالدا پال ئېچىش باشلاندى. سېگانكا ئالىقاندىكى سىزىقچىلارغا دىققەت بىلەن قاراپ، كالپۇكلىرىنى مىتىلدىتىپ، باش ـ كۆزىنى ئوينىتىپ بىر نىمىلەرنى ئوقۇدى.
    ـ ئوھۇ، ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن، ئەزەلدىن ئىشلىتىلمىگەن قاتتىق جەڭ بولىدۇ. ۋاھ، تەقدىر، تەقدىر! قان چاچرىمىغان كۈنلا قالىدۇ، چەۋەندازى يوق ئاتلا چاپىدۇ، ــ دېدى ئۇ كونكرېت بىرەر ئادەمگە قاراتماي. ئاندىن سېرگېينىڭ كۆزىگە تىك قاراپ تۇرۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى، ــ سېنىڭدە چۈشىنىكسىز مۇھەببەت بوپتىكەن، ئۇ ساڭا قايغۇ ئېلىپ كەلگەن. بىراق، ئۇنداق قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ. سەن بىر پارچە ئاق قەغەزدەك پاك ـ غۇبارسىز.
    ئەتراپتىكى ئەسكەرلەر شۇ زامانلا كۈلۈپ كېتىشتى:
    ـ چۈشىنىشلىك ئىشقۇ، بىزنىڭ پاك ـ غۇبارسىز ئادىمىمىز ئاشىق بولغانغۇ، نەتىجە بولمىغان!
    ـ بولمىغان! ـ ئۇنىڭغا يان باسقاندەك بولۇپ ئەيىبلىگەن تەلەپپۇزدا گەپ قىستۇردى ئىككىنچى بىر ئەسكەر، ــ سىلەر تەئەددى قىلىشنىلا بىلىدىكەنسىلەر. بىزنىڭ موناخىمىز ئەسلىدە بىكار ئاۋارە بوپتىكەن ـ دە، ئۇ قىز قۇيرۇقىنى شىلتىڭ ئېتىپ قويۇپلا سايىسىنىمۇ كۆرسەتمەپتۇ! بۇ ئەسلىي قانداق پاك ـ غۇبارسىز بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق پاك ـ غۇبارسىز پېتى قاپتۇ!
    ـ ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما، يىگىت، مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سال، ــ دېدى سىگان ئايال قولىنى بىر شىلتىپ، ــ ئەمدى ئاۋۇ قولۇڭنى چىقار، مېنىڭ گېپىمگىلا قۇلاق سال!
    سىگان ئايال سېرگېينىڭ سول قولىغا زەن قويۇپ قاراپ، دىققىتىنى يىغىپ بىر ھازا ئۈن چىقارمغاندىن كېيىن گۈلقەقەلىرى ئېچلىپ توۋلاپ كەتتى:
    ـ سەن ئۆلمەيدىكەنسەن! بۇنى ماڭا يۈرىكىم ئېيتىۋاتىدۇ. قارا، سەن ئۆلمەيدىكەنسەن! سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ مۇشۇنداق! مەن مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم! شۇڭا ئارقاڭغا كىرىۋالدىم ـ دە!
    ئەتراپتىكىلەر گۇدۇڭ ـ گۇدۇڭ قىلىپ كېتىشتى. سېرگېي خۇشال بولايمۇ ياكى كۈلۈپ تەزىم قىلىپ قويايمۇ دەپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ھىجىيىپ قولىنى تارتىۋالدى. لېكىن، بۇ چاغدا كۇزمىن دەيدىغان تىرناقنىڭ ئاستىدىن كىر ئىزدەشكە ئامراق ناھايىتى ئەسكى بىرنېمە قىستۇرۇلۇپ كىردى. ئەگەر بىرەر كىمنىڭ سۆزى قايىدا بولماي قالسا، ئۇ چوقۇم قۇسۇر تاپاتتى، باشقىلارنى ئەدەپلەشكە قەۋەتلا ئامراق ئىدى.
    ـ ھەي، ھەي، سىگان ئايال، بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ، قەدىرلىكىم؟ ــ دېدى ئۇ قەتئىي تۈردە بېشىنى چايقاپ، ــ دېگەنلىرىڭ بىزە ئېشىپ كەتتىغۇ. ئۆلمەيدىكەنسەن؟ ــ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ئۆلمەيدىغان ئادەم بارمۇ؟ نەدە ئاڭلىغانىدىڭ؟ يەر شارىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ ـ يۇ، پەقەت ئاشۇ بىر ئادەملا ئۆلمەمدۇ؟ بىز، شۇنى دەپ قوياي، بىرەر يەرگە ئوينىغىلى ئەمەس، جەڭ قىلغىلى كېتىۋاتىمىز، كىمنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى، كىمگە ئوق تېگىپ،كىمگە ئوق تەگمەيدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ جەڭگاھتا ئەزرائىلنىڭ ھەممىنى بىردەك چالغا بىلەن چاپىدۇ. سەن نېمە ئۈچۈن بىزنى ئەخمەق قىلىسەن؟
    ـ مەن ئەخمەق قىلغىنىم يوق، تەقدىردىن بېشارەت بېرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ يۇلتۇزى ئۆلمەيدىغان يۇلتۇز! ماڭلىيىغا شۇنداق پۈتۈلگەن، ــ دەپ قوشۇمچە قىلدى سىگان ئايال بوي بەرمەي. نۇرغۇن كىشى تولۇق چۈشەنمىسىمۇ رازى بولدى، ــ تەقدىر دېگەن ئەجەلدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، تەقدىر دېگەن تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، ئۆلۈم ھېچنىمىنى بەلگىلىمەيدۇ. بۇ يىگىتنىڭ يۇلتۇزىدا بەلگىلەنگىنى ئۆلمەسلىك!...
    كۇزمىن سىگان ئايال ئاچقان پالنى يالغان دەپ ئىسپاتلاش ئۈچۈن،خۇددى ئاممىۋى يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەندەك قوللىرىنى ئۇيان ـ بۇيان شىلتىپ ناھايىتى ئۇزاق بىر نېمىلەرنى دېدى. گەرچە ئۇنىڭ توغرا بولسىمۇ، لېكىن ئەسكەرلەر نېمە ئۈچۈندۇر پال ئاچقۇچىغا ئىشىنىپ قالدى. بۆلۈنۈپ پويىزغا چىقىشقا توغرا كەلدى، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى، سىگان ئايال پويىز ئورنىدىن قوزغالغۇچە سۇپىدىن كەتمىدى. پويىز قوزغالدى، ئۇ يەنىلا ئاياللار ۋە بالىلار بىلەن بىرلىكتە ۋاگونغا ئەگىشىپ يۈگۈردى، سېرگېيگە توختىماي قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇردى...
    ۋاگوننىڭ ئىچى ئىسسىپ كەتتى. ئۇ كېچىسى ئۇخلىيالمىدى. پويىزنىڭ چاقى قاراڭغۇدا تاراقشىيدۇ، پاراۋۇز پات ـ پات گۈدۈكىنى ياڭرىتىپ قويىدۇ، غەم ۋە قورقۇنچ يۈرىكىنى قىسقان، قالايمىقان ئوي ـ خىياللارغا پاتقان سېرگېينى تارىخنىڭ غايەت زور دولقۇنى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئەكېتىۋاتىدۇ. ئىرماش ـ چىرماش ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئۇ پات ـ پات ھېلىقى سىگانكانى يادىغا ئېلىپ قالاتتى. ئۇنىڭ «قان چاچرىمىغان كۈنلا قالىدۇ... چەۋەندازى يوق ئاتلار چاپىدۇ...» دېگەن سۆزى ئېسىدە قالغان. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ سىرلىق تېپىشماق. قان چاچرىمىغان كۈنلا قېلىش ئۈچۈن نېمىلەر بولۇشى كېرەك؟ چەۋەندازى يوق ئاتلارنىڭ چېپىشى ئۈچۈنچۇ؟ ئۆلمەسلىكنىڭ يۇلتۇزىچۇ؟ ئۇ قانداق يۇلتۇز؟ ئۇ نەدە؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى مەسەل بولسا كېرەك. يۇلتۇز بىلەن ئادەمنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ يۇلتۇز نەدە ـ يۇ، ئادەم نەدە. بىراق، تەقدىر دېگەن بار. پېشانىگە پۈتۈلگىنى تەقدىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەقدىر دېگەن نېمە؟ تەقدىر دېگەن پېشانىگە پۈتۈلگىنىنى قانداق بەلگىلەيدۇ؟
    پويىزنىڭ چاقى رېلىسنى تاقىلداتماقتا. ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ئۇياقتا، بىرى بۇياقتا خورەك تارتىپ ئۇخلاشماقتا. ئاي بىردەم ئىشىكتە پەيدا بولسا،بىردەم كۆرۈنمەي قالاتتى. يۇلتۇزلار ئىتتىك كېتىۋاتقان پويىز ۋاگونلىرىنىڭ يېرىقىدىن ۋال ـ ۋۇل كۆرۈنۈپ قالاتتى...
    قىزىق، سىگانكا كومىنتېرىنكا ناتاشا بىلەن بولغان ئىشنى قانداق بىلگەندۇ، ئۇنىڭغا يازغان خەتنى ۋە ھېچبىر نەتىجە چىقمىغانلىقىنى نەدىن بىلگەندۇ؟ نېمە دېدى بۇ سىگانكا؟ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ؟ دېمەك كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىكەن ـ دە، نېمە ئۇ ئالدىمدا كۈتۈۋاتقىنى؟ جەڭگاھتا نېمىلەر بولار؟ ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق. ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىن ساراتوفقا قاتقان يارىدارلار جەڭنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئەمدى ئۆزۈم ئۇرۇش دېگەننىڭ قانداق بىر نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرىدىغان بولدۇم...
    ئۇيقۇدىن ئەسەر يوق. ئۇ يەنە ئويلاپ كەتتى: ھەر كىمنىڭ بېشىدا تەقدىر دېيىلىدىغان بىر خىل كۈچ بار، ئۇنى ھېچكىم توسالمايدۇ ياكى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئېھتىمال، ئۇرۇش تەقدىرگە باغلىق بولسا كېرەك ، ھايات ـ ماماتلىق تەقدىرگە باغلىق بولسا كېرەك، غالبىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتمۇ تەقدىرگە باغلىق بولسا كېرەك. مانا كۆپچىلىك جەڭگاھقا كېتىۋاتىدۇ، بۇ تەقدىرنىڭ ئىرادىسى. شۇڭا،ئۇلارنى مانا ئەمدى ھەربىي پويىز ياتقۇزۇۋېلىپ فاشىستلار بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ بولۇۋاتقان جەڭگاھقا ناھايىتى ئىتتىك ئەكېتىۋاتاتتى. ئۇ يەردە قانداق بولار؟ بۇمۇ تەقدىر! ئوقتا ئۆلەرمۇ؟ كىم كىمنى يېڭىدۇ، بۇ ئەنە شۇنىڭغا باغلىق. ئاچارچىلىقنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ھەر كىم ئۇرۇشنىڭ تېزرەك ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار كوچىلاردا كېتىۋاتقىنىدا ئاياللار، ھەتتا توپنىڭ ئىچىدىكى بالىلارمۇ مۇشۇنداق توۋلىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن جەڭ قىلىش كېرەك، ئادەم ئۆلتۈرۈش كېرەك، غەلىبە قازىنىش كېرەك. ئەھۋالدىن قارىغاندا مۇشۇنداق بولىدىكەن. ئۆيدە دادام بىلەن ئاپام مۇشۇ ۋەجىدىن تالاش ـ تارتىش قىلىشقان. ئەسكەرلەرلىككە چاقىرىش قەغىزى كەلگەندىن كېيىن ئۇلار بۇ نېمە ئۈچۈن دەپ مۇزاكىرىلىششىكە باشلىغان، ئۇنىڭ مېڭىش تەييارلىقىنى قىلىپ نەرسە ـ كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشكەن. ئاپام بىردىنلا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ:
    ـ سېرېژكا، ھېچكىمنى ئۆلتۈرمە،قان تۆكمە! ـ دەپ يالۋۇردى.
    ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟ ئۇشتۇمتۇتلا سۆزلەپ قويغىنىمۇ ياكى ئۇزاقتىن ئويلاپ كېلىۋاتقىنىمۇ؟ ئۇ ئاپىسىنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلغان چاغدىكى يۈزىگە تىكىلىپ قاراپ، خۇددى ئۇزاق بىر يەردىن كېلىپ، ئەمدى بوسۇغا ئاتلاپ كىرىپلا ئويلاپ كەلگەن گەپلىرىنى ئېيتىۋاتقاندەك روھىي ھالىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، مەڭگۈ ئېسىدە تۇتىدۇ. ئۇ گويا ئاپىسىنى ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك بولدى، ئاپىسىنىڭ ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرغان نۇرىنى يوقاتقان بىر جۈپ كۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، قورۇق باسقان يۈزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، كىيىۋالغان كونا پاختا رەخت خالىتى، بوينىغا سېلىۋالغان يۇڭ ياغلىقى بىلەن تۇرغانلىقىنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈپ تۇرۋاتقاندەك بولدى. ئۇنىڭدا يوشۇرۇن بىر ھېس پەيدا بولدى، يەنى ئۇلار ۋولگا نېفىتلىكىدە كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ يۈرگەن يىللىرىدا، تېخى يالاڭ ئاياغ چېپىپ يۈرگەن بالا ۋاقىتلىرىدا، ئىككى ئۆزۈم قىلىپ ئۆرۈلگەن سارغۇچ چېچىنى تاجغا ئوخشاش قىلىپ بېشىغا تۈرۈۋالغان، ئۆي ئىشلىرى، بالىلىرى، مەكتەپ، ئېرىنىڭ دىئابېت كېسىلىنىڭ غېمىنى قىلىپ يۈرگەن ئېگىز، تەكشى يېتىلگەن ئاپىسىنىڭ غۇنچە يىل تەييارلىق قىلىپ، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئەسكەرلىككە چاقىرىلغان ۋاقتىدا نەرسە ـ كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرىۋېتىپ، بايىقى گەپلىرىنى ئېيتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئاپىسىنىڭ جەڭدە ھېچقانداق ئادەمنى ئۆلتۈرمە، قان تۆكمە، دېگەن ئۆتۈنۈشى ئۇ چاغدا ئۇ نى ئوبدانلا گاڭگىرىتىپ قويغان بولغاچقا، ئۇ مىكى ـ مىكى قىلىپ:
    ـ قارىغىنا، ئاپا! نېمىدەپ بۇ گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسەن؟ مەن ئەسكەرلىككە كېتىۋاتىمەنغۇ، ـ دېدى. ئۇ بۇنداق پاراڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئىشكاپىدىكى دەرسلىك ۋە كىتابلىرىنى رەتلەشكە باشلىدى، ـ ئاپا، ماۋۇلار مەن كۇتۇپخاندىىن ئارىيەت ئالغان كىتاب. ۋېرونىكا ئاپرىىپ قايتۇرۇۋەتسۇن دەپ ئايرىپ قويدۇم.
    لېكىن، دادىسى كېلىپ قېتىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ گەپنى داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. شۇ، نىكولاي ئىۋانوۋىچ تۈز، قوپال، ھەتتا دەرغەزەپ ئادەم بولغاچقا، بولار ـ بولماس ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلار ئۈچۈنمۇ سوقۇشۇپ ئوڭنى تەتۈر قىلىۋېتەتتى. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، باشلىقى بىلەن پېتىشالماي جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.
    ـ ئادەم ئۆلتۈرمە دېگىنىڭ قانداق گەپ؟ ـ ئۇ غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ كەتتى، ــ قانداقلارچە ئادەم ئۆلتۈرمەيدىكەن ، قان تۆكمەيدىكەن؟ دەۋاتقان گېپىنى قارا! ئۇ نەگە كېتىۋاتىدۇ؟ جەڭگاھقا. ئانىسى تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىنى.
    ئۇ شۇ گەپنى قىلدى ـ دە، ئۆيدىن تاماكا ئىزدىگىلى تۇردى. سېرگېينىڭ ئاپىسى تاماكىنى تىقىپ قوياتتى. ھاياجانلىنىپ كەتسىلا ئۇنىڭ تاماكا چەككۈسى كېلەتتى. تاماكا چەككەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق جۈدەڭگۈ، شۇنداق نېرۋا دەپ قارىلاتتى.
    ـ تاماكا چەكمە، كوليا، ــ دەپ يېلىندى ئۇ، ـ ئۆزۈڭنى ئايىغىنا.
    ـ سېنىڭ سېرىژاغا ئېيتقان گېپىڭنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چەكمەي تۇرالايمەنمۇ. ئۇ ئەتە ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇ ئۇ يەردە نېمە قىلىدۇ؟
    ـ شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋاتىمەن ـ دە. خۇدايىم ئۆزى تارازىغا سېلىپ باقسۇن. كۆپچىلىك ھەممىسى ئۆلتۈر، ئۆلتۈر، دېيىشىدۇ. دۈشمەن بىزگە ئەجەل كەلتۈرۈشتى، بىزمۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز! ئاندىن كېيىن دۇنيادا قانداق ياشايمىز؟ دۇنيادا پەقەت جاللاتلارلا قالامدۇ؟ سەن مېنى باشقىلارنى ئۆلتۈرمىسەڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىڭنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ بىراق، سەن خەقنى ئۆلتۈرسەڭ بەرىبىر جاللات بولىسەن. كۈيۈئوغۇلىمىز ئاناتولى نېمە بولدى؟ تىرىكمۇ، ئۆلدىمۇ، ئۆلتۈرۈلدىمۇ ياكى ئۆلتۈراۋاتامدۇ؟ مەن بۇنى ۋېرونىكاغا دېيەلمەيمەن. شۇڭا، كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى ئوغلۇمغا ئېيتىپ قالاي، ــ ئۇ جاۋاب تاپالماي، ئۆزىنىمۇ قايىل قىلالماي، قاتتىق ئۈن سېلىپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى ئاران ـ ئاران بېسىپ، جىمغىنا مىشىلداپ مىشىلداپ يىغلىۋەتتى.
    ـ مانا ، مانا، ــ ئەيىبلەشتى داۋاملاشتۇردى دادىسى، ــ مۇشۇنداق تەشۋىق قىلغىنىڭ ئۈچۈن سېنى دۈشمەن دەپ سىبىرىيەگە يولغا سالارمىكىن. دۇنيا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتىدۇ، كىمنى كىم يېڭىدۇ، يا بىز، يا بىزنى، سەن بولساڭ ئۆلتۈرمە دەۋاتىسەن! سەن مېنى ئۆز ئوغلىنى ئايىمايدۇ، دەپ ئويلايدىكەنسەن ـ دە؟ يا بىزنىڭ ئاناتولىنى؟ مۇشۇنداق قىلماي قانداق قىلغۇلۇق؟ جەڭچىلەر ئۆز زېمىنىنى قوغدىشى كېرەك، بۇ دېگەن بۇيرۇق. ئەگەر جەڭچىلەر دۈشمەننى يوقاتسا، يەنى ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغانلىق بولىدۇ ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى شۇنىڭدا ئىپادىلىنىدۇ!
    ئاپىسى گەپ قىلماي شۈك ئولتۇرۇپ ئوغلىنىڭ سومكىسىنى يامىدى، دادىسى بولسا ياشلىق دەۋرىنى ئەسلەپ كەتتى. سېرگېيگە ئوخشاش ئون توققۇز ياشلىق ۋاقتى ئىدى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا سۇ ئاستى كېمىسدە بىر ماتروس بولۇپ دېڭىز سەپىرىدە ئىدى. ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزىرى يىغىنچاىلىغاندا بىرلا نۇقتا: دۈشمەننىڭ جانلىق كۈچىنى يوقىتىش بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. مۇنداق بىر مىسال بار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سۇ ئاستى كېمىسىنى ھەيدەپ يۈرۈپ بالتىق دېڭىزىدا ئەسكەر توشۇيدىغان بىر ھەربىي پاراخوتنى چۆتۈرۈۋەتكەن. ئۇلار ھە دېگەندىلا خېلىغىچە ماراپ يۈرگەن، كېيىن بېرىپ سۇ مىناسى قويۇپ بەرگەن ئىككى مىنا پاراخوتنىڭ سۇغا چىلاشقان يېرىگە تېگىپ ئوت كېتىپ، چۆكۈشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى چوڭقۇرراق چۆكۈپ، بىر سائەتتىن كېيىن سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىققان ـ دە، پېرىسكوپ بىلەن دېڭىز يۈزىدىكى ئەھۋالغا قارىسا، غايەت زور بىر پاراخوتنىڭ تۇمشۇق تەرىپى ئاسمانغا قاراپ قاپتۇ ـ دە، يېرىمى چۆكۈپ بوپتۇ، ئەتراپىدا نۇرغۇن ئادەم قۇتۇلۇپ قېلىش كويىدا ئۈمىدسىزلىك بىلەن جان تالىشىۋېتىپتۇ.
    ئەلۋەتتە، پېرىسكوپ بىلەن پاراخوت باشلىقى ھەم ئوفىتسېرلارلا قارىشىدۇ، ئالاقىچى ئەسكەرلەر ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەر مىنۇتتا بىر قېتىم كرونىشتاتتىكى بارگاھقا مەلۇم قىلىپ تۇرۇشىدۇ، ئوڭۇشلۇق ئورۇنلانغان جەڭگىۋار ۋەزىپە توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرلەر مورزا شىفىرى بىلەن بېسىپ چىقىرىلىدۇ. جەڭگىۋار ۋەزىپە دېگەن بۇيرۇق دېمەكتۇر. دۈشمەن يوقىتىلسۇن، دەپ بېرىلگەن بۇيرۇق مانا بۇ ھەممە !
    ھە دېگەندە پېرىسكوپ بىلەن كىشىلەرنىڭ قانداق تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى كۆزۈتۈپ تۇرۇلغان، كېيىن دۈۈشمەننىڭ پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، ئەتراپتا سۇ ئاستى كېمىسىگە خەۋپ يېتىدىغان ھېچ نەرسە قالمىغانلىقىغا كۆز يەتكەندىن كېيىن پۈتۈنلەي سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىققان. ئەنە شۇ چاغدىلا ھەممەيلەننىڭ كېمە سۇپىسىغا چىقىش بۇيرۇقى بېرىلگەن. ھەممەيلەن كېمە سۇپىسىغا كېلىپ قومانداننىڭ ئالدىدا سەپ بولۇپ تۇرۇپ مۇكاپاتلاش بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان. دۈشمەنلەر ئۆپچۆرىدە جان تالىشا ـ جان تالىشا چۆكۈپ كېتىشكەن، ھايات قالغىنى ناھايىتى ئاز بولغان. بەزىلىرى ئۈزۈپ سۇ ئاستى كېمىمىزەە چىقىۋالماقچى بولۇشقان، لېكىن ھالى قالمىغان؛ بەزىلىرى ئۈزۈپ يېتىپ كەلگەن، لېكىن يېقىن كەلگەندە تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
    ئۇرۇش دېگەن مانا مۇشۇ. ئۇرۇشتا ئادەم ئۆلۈرگۈچىلەر غالىبلاردۇر، غالىبلار بولسا توغرا قىلغانلاردۇر. ئىلگىرى شۇنداق بولغان، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ شۇنداق بولىدۇ.
    ئاپىسى تالىشىپمۇ ئولتۇرمىدى، رەددىيەمۇ بەرمىدى، پەقەت بېشىنى چايقاپلا قويدى. كەچرەك قولۇم ـ قوشنىلار خوشلاشقىلى كىردى، ئاندىن كيىن چوڭ ھەدىسى جىيەنلىرى بىلەن كەلدى. ۋېرونىكا ئىشتىن ئالدىراپ كېلىپ ئاپىسىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. تاكى يېرىم كېچىگىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى.
    ھازىر ياشانغان ئىككى ئادەم ئانىمۇ، دادىمۇ راستلا بىچارىلەردىن ئىدى. ئاپىسى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئادەم ئۆلتۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلسا، دادىسى ئۇنىڭ ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن دۈشمەننى ئۆلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئىلگىرى ئۆيدىكى ئۇششاق ـ چۈششەك دەپ ھېس قىلىنغان ھەممە ئىش يول ئۈستىدە ئۆز قىممىتىگە ئىگە بولدى، ئۇ بۇلارنى يوقاتقانلىقى بىلەن ئازابلاندى. ئۆتكەن ئىشلار مىنۇتسېرى يىراقتا، ئارقىدا قېلىۋاتاتتى. ساراتوف دۆڭلۈكىنىڭ ئاستىدىكى ۋولگا دەرياسى ئېسىگە كەلدى. يازدىمۇ سۆيۈملۈك يەرلەر، يېشىل ئاراللار، كۈن نۇرىدا ۋالىلداپ تۇرىدىغان دەريا، دەريادا ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق يەلكەنلەر. لېكىن، سېرگېينى بالىلىق ۋاقىتلىرىدا ھەممىدىن بەكرەك جەلپ قىلىدىغىنى چوڭ تۆمۈر يول كۆۋرۈكى ئىدى. كۆۋرۈك ناھايىتى ئېگىز، ئاستىدا، دەريا بويىدا باشنى ئارقىغا قايرىپ تۇرغاندىلا، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقان پويىزنى كۆرۈپ، پويىز چاقىنىڭ تاراقلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ سائەت ـ سائەتلەپ ھۇزۇر ئالغىلى بولاتتى. تۆمۈر كۆۋرۈك سۈڭگۈچلىرىدىن غىچىرلىغان ئاۋاز چىقىپ تۇراتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ۋولگا دەرياسى ئۈستىدىكى كۆۋرۈك ئارقىلىق بىر ياقلارغا، كىتابلاردا سۈرۈتلەنگەن گۈزەل يەرلەرگە كېتىۋاتقان كىشىلەرگە زوقلىنىپ قارايتتى...
    ئۇ يەنە بالىلىق ۋاقتىدا بىر قېتىم يېڭى يىل كېچىسى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پۇتلىرىغا پىيما كىيىپ قار ئۈستىدە، ۋالىلداپ ئوت چىقىۋاتقان چوڭ مەشئەلسىمان تۇرخۇنغا قاراپ ماڭغانلىقىنى ئەسلەپ كەتتى. ئويناقشىپ تۇرغان ئوت يالقۇنى، چاچرىغان ئوت ئۈستىگە يېغىپ تۇرغان پۈتمەس جانلىق قار. ئوت ئۈنسىز قار ئۇچقۇنلىرىنى يۇتۇپ تۇرىدۇ، قار توختىماي يېغىپ تۇرىدۇ، ئۇ ئوتقا ئامراق، ئوتتىن يېغىپ تۇرىدۇ... ئوت يالقۇنى ئۆچمەيدۇ، قار يېغىپ توختىمايدۇ.
    يىللار ئۆتۈپ نۇرغۇن نەرسە ئارقىدا قالدى، ئۆزگەردى. ئەمدى ئۇرۇش پارتلىدى، ئۆلتۈرۈش ياكى ئۆلتۈرۈلۈش زۆرۈر بولۇپ قالدى. باشقا چىقىش يولى قالمىدى، مۇشۇنداقلا. سېرگېي قاراڭغۇدا ئۈن چىقارماي يىغلىدى، ئاپىسىنى، دادىسىنى، ھەدىسى ۋېرونىكانى ئەسلىدى. ئۇ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئەسكەرلەر ئىچىدە بىلىندۈرمەي يىغلىۋالدى. ئۇنىڭ قولغا قول تۇتۇشۇپ ، كېچە ئاسمىنىدا لاۋۇلداپ كۆيۈپ ئوت چاچرىتىپ تۇرغان مەشئەلگە قاراپ قارنى دەسسىگەن پېتى يەنە بىر قېتىم ماڭغۇسى كېلىپ كەتتى.
    چاقلار رېلىسقا ئۇرۇلماقتا، ۋاگونلار تەۋرىنىپ ئىلگىرىلىمەكتە، ھايالدىما بېكەتلەر ئارقىدا قالماقتا، كېچىدە غۇۋا يانغان چىراغلار ۋالىلدىماقتا. ئەسكەر ۋە قورال ـ ياراغقا تولغان ھەربىي پويىز ئادەم ئۆلىدىغان ياكى ئۆلتۈرىلىدىغان يەرگە قاراپ ئىتتىك ئىلگىرىلىمەكتە. ئۆلتۈرۈلۈش سېنىڭ شەخسىي ئىرادەڭگە باغلىق ئەمەس، ھېچكىم ئۆلتۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان ياكى ئۆلتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىرادە كېرەك، بۇ ئۇرۇشتا تەبىئىي، شەرتسىز ئىش. لېكىن، ئۆزۈڭگە ئۆلتۈرۈش ت ئۆلتۈرمەسلىككە قانداق جاۋاب بېرىسەن؟
    ...چاقلار رېلىس ئۇلانغان يەردىكى يوچۇققا تەگمەكتە: ئۆلتۈر ـ ئۆلتۈرمە، ئۆلتۈر ـ ئۆلتۈرمە، ئادەم ئۆلتۈر ـ ئۆلتۈرمە...
    سېرگېينىڭ كىرپىكلىرىگە ياش قوندى، ئاستا ـ ئاستا مۈگدەك باستى. ئۇ جەڭ ئەھۋالىنى، ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى، كىمنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى، ئېتىپ ئۆلتۈرىدىغانلىقى ياكى ئېلىشىپ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا تىرىشتى. ۋولگا بويىدا ئۇنىڭغا توپتوغرا بىر ياز قانداق يەككىمۇ يەككە ئېلىشىشنى ئۆگەتكەن. ئۇ يەنە كىملەرنىڭمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئوخشاش ئىش قىلىدىغانلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىشقا تىرىشتى. ئۇ ھېلىقى دۈشمەننى، نېمىسىنى، فاشىستنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا تىرىشتى... بىراق، ھېچبىر نەتىجە چىقمىدى. ئۇنىڭ دادىسى بايا ھېكايە قىلىپ بەرگەن سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ يېنىدا سۇغا چۆكۈپ كېتىۋېتىپ جان تالاشقان كىشىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشى ناھايىتى تەس بولغىنىدەك، بۇ دۈشمەننى تەسەۋۋۇر قىلىشىمۇ شۇنچە تەس بولدى. دولقۇنلار ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە شاپىلداپ ئۇرۇلاتتى. ئۇلارنى كۆرەلمەيسەن. يېقىن ئۈزۈپ كەلگەنلەرنى قويماي ئېتىپ تاشلاشقان... ئاندىن كېيىن ئۇلار سۇغا ئۈنسىز چۆكۈپ كېتىشكەن.
    «ئۆلتۈر ـ ئۆلتۈرمە» ـــ پويىزنىڭ چاقىدىن شۇنداق ئۈن چىقاتتى. سېرگېي مەكتەپتىكى چېغىدا ئۆگەنگەن نېمىسچە تېرمىنلارنى يادىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ باقتى، لېكىن ئۇ نېمىسچىدا ئۆلتۈر ـ ئۆلتۈرمە، ئۆلتۈر ـ ئۆلتۈرمە، ئۆلتۈر ـ ئۆلتۈرمە... دېگەن سۆزنى قانداق دەيدىغانلىقىنى بىلەلمىدى.
    پويىز قاراڭغۇدا ئىلگىرىلىمەكتە...
    قوشۇمچە:
    «ئۆلتۈر ـ ئۆلتۈرمە...»دېگەن بۇ ھېكايىنى مەن ئارسىن سامانچىننىڭ ھۆججەتلىرى ئارىسىدىن تاپقانىدىم. ئاپتورنىڭ ئۆز ئەسىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغانلىقىغا بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم.
    لېكىن، ئوقۇرمەنلەر ئاپتور ھايات ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ئاپتور ۋاپات بولغاندىن كېيىن بولسۇن، مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. ئاپتور ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئارسىن سامانچىن خاتىرىسىدە ئېيتقىنى بويىچە، مەن «ئۆلتۈر ـ ئۆلتۈرمە...»نى ئالدىنقى سەپ قەبرىستانلىقىدا ئۈنلۈك ئوقۇيمەن.
    مەرھۇم ئارسىن سامانچىن شۇنچە كۆپ سۆزلەپ بەرگەن غايىب بولغان كېلىننىڭ چاقىرغىنىنىمۇ ئاڭلىدىم! مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە...

    ئەلېس
    2006 ـ يىل فېۋرال، بريۇسسېل

    (بۇ ھېكايە چىڭغىز ئايتمافوتنىڭ «تاغلار غۇلىغاندا» دېگەن رومانىنىڭ ئاخىرىغا ئېپىلوگ ئورنىدا بېرىلگەن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.