خارۋارد سىزگە ئېيتىپ بىرىدۇ

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 00:33:07

خارۋارد سىزگە ئېيتىپ بىرىدۇ (چېن زۇسۇ ماقالىسى) تىتانىك چۆكۈۋاتقاندا، پاراخوتتىكىلەر بۆلمىىدىكى قولۋاقلارغا قاراپ قىچىۋاتقاندا، ئويلىمىغاندا ۋىدېنېر ئىسىملىك بىر يىگىت دەل ئەكسىچە پەقەتلا فر...

    خارۋارد سىزگە ئېيتىپ بىرىدۇ
    (چېن زۇسۇ ماقالىسى)


          تىتانىك  چۆكۈۋاتقاندا، پاراخوتتىكىلەر بۆلمىىدىكى قولۋاقلارغا قاراپ قىچىۋاتقاندا، ئويلىمىغاندا ۋىدېنېر ئىسىملىك بىر يىگىت  دەل ئەكسىچە پەقەتلا فرانىس بىكوننىڭ نەسىرلەر توپلىمىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، بار كۈچى بىلەن پاراخوت بۆلمىگە قايىتقان. ۋىدېنېر ۋە نەسىرلەر توپلىمى تىتانىك بىلەن بىللە چۆكۈپ كەتكەن. كىتاپقا بولغان مۇھەببەت ھاياتتىن ئۈستۈن كەلگەن بۇ يىگىت بولسا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.
    ۋىدېنېرنىنڭ ئانىسى بولسا تىتانىكتا ھايات قالغان خانىم ئىدى. ياشانغان خانىم خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىغا ۋىدېرنىڭ نامى بىرىلگەن بىر كۈتۈپخانا ياردەم قىلغان. ۋىدېنېر كۈتۈپخانىسى بولسا خارۋاردتىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىيەت پەنلىرى تەتقىقات كۈتۈپىانىسى،پەقەت كىتاپتىنلا  3مىليون 450 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق. كۈتۈپخانا ئىشىكىنىڭ ئىككى يىنىدا بىردىن ئابىدە بار. ئايرىم ھالدا مۇنۇلار ئويۇلغان: ۋىدېنېر خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. تىتانىك چۆككەندە بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشقان.ئۇ 1885 يىل6-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلۇپ،1912-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.
    بۇ كۈتۈپخانىنى ۋىدېنېرنىڭ ئانىسى ئىئانە قىلغان، بۇ مۇھەببەتنىڭ يادنامىسى.1915 -يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى.

    خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردا بىر ئەنئەنە بار:خارۋاردقا ياردەم بىرىش. خارۋارد مەبلىغىنىڭ ئۈچتىن بىرى ياردەمدىن كەلگەن. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، يەنە ھەممىسى خارۋارد مەكتەپداشلىرى. بىر ئەۋلاد بىر ئەۋلاد خارۋاردلىقلار جەمىئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا كىرگەندىن كىيىن، بايلىقىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئانا مەكتىپى خارۋاردقا قايتۇرىدۇ.ھەر يىللىق ئىئانە خارۋارد كىرىمىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.
       بىلدۈرۈش ھەمىشە ئۆز-ئارا بولىدۇ. ئالدى بىلەن خارۋارد بىرەمدۇ ياكى ئالدى بىلەن خارۋاردقا بىرەمدۇ، بۇ مەسىلە گوياكى تۇخۇم بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ دىگەنگە  ئوخشاش ئىنىق بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. ئىھتىمال  خارۋاردلا سىزگە ئىيتىپ بىرەلىشى مۇمكىن. خارۋاردتا ئىگىز بىنا يوق، پەقەت يېڭى زىلاندىيەنىڭ قىزىل رەڭلىك تامىلىرىلا بار. ھەتتا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭمۇ كۆزگە چىلىققۇدەك ماشىنا توختۇتۇش ئورنى يوق. ھەرھالدا كۆزگە ئەڭ چىلىقىدىغىنى بولسا 100 كۈتۈپخانا، يەنە كىلىپ كۈتۈپخانىغا ئوخشايدىغان ئادەملەر، مۇنداقچە ئىيتقاندا، ھارۋاردتىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىلا بىر كۈتۈپخانا. خارۋارد ياكى خارۋاردلىقلارغا ھىچقانداق ياسالمىلىق كىرەك ئەمەس.
    خارۋاردتىكى كۇڭزى دەپ قارالغان سىۋاس،82 يىشىدا راك كىسىلى ئوپىراتىسىيىسى قىلدۇرغان تۇرۇقلۇق،بەزىدە يىقىلىپ قىلىشىغا قارىماي،يەنىلا ئۆز ۋاقتىدا خىزمەتكە باراتتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى پەلتو ئاسىدىغان ئىككى كىيىم جازىسىمۇ تۈمۈر سىملاردىن قالايمىقان ئوراپ ياسالغان ئىدى.
    مەلۇم بىر پروفىسسور ئوقۇغۇچىلارغا  ئەگەر مېنىڭ دەرىسىمنى ئوقۇماقچى بولساڭلار كۈندە پەقەت ئىككى سائەتلا ئۇخلىيالايسىلەر دىگەن.دوكتور ئوقۇغۇچىلار ھەر ئۈچ كۈندە نەچچە يۈز بەت كىلىدىغان بىر كىتابنى ئوقۇپ تۈگىتىىش بىلەن بىرگە يەنە كىتاپ ئوقۇش دوكلاتى تاپشۇرىدۇ.خارۋاردتىن كۆۋرۈكتىن ئۆتىسلا بوستونغا بارىدۇ.ئالدىنقى ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى جاڭ گۇاڭجى خارۋاردتا نەچچە يىل دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان مەزگىلدە،كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ باقمىغان ھەم بوستۇنغىمۇ بىرىپ باقمىغان.
    خارۋاردنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياكى پروفىسسورى بولسۇن،ئالدى بىلەن شەرەپ ئەمەس بەلكى بىر ئىسپات .
    ئادەمنىڭ قانچىلىك ئىرادىسى بار،ھەم يوشۇرۇن كۈچىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرالايدۇ؟
    خارۋارد سىز گە ئىيتىپ بىرىدۇ.
    ھارۋارد بىر سىمۋول،ئەقىل پاراسەتنىڭ سىمۋولى،ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ سىمۋولى.
    ئادەمنىڭ ئىرادىسى، ئىقتىدارى،غايىسى نىمە ئۈچۇن خارۋاردتا رويابقا چىقىدۇ؟
    خارۋارد سىز گە ئىيتىپ بىرىدۇ
    خارۋاردنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسدا سۆزلەشكەن ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ،ھەربىر ئوقۇغۇچى پىززا بىلەن كولانى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ،ھەمىشە چاپىنىنى يەرگە يىيىپ،بىر تەرەپتىن تاماق يىگەچ بىر تەرەپتىن كىتاپ ئوقۇيدۇ ياكى خاتىرە قالدۇرىدۇ.مەن تاماقلا يەپ كىتاپ ئوقۇمىغان ئوقۇغۇچىنى كۆرمىدىم،ھەتتا بىر تەرەپتىن تاماق يەپ بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىدىغانلارنىمۇ ئەسلا ئۇچراتمىدىم.ھىس قىلىشىمچە،ئاشخانا تاماق يىيىشكە بولىدىغان كۈتۈپخانىلا بولۇپ قالماستىن،خارۋاردتىكى100 رەسمىي
    كۈتۈپخانىدىن سىرت يەنە بىر خىل كتۈپخانا.
    خارۋاردنىڭ دوختۇرخانىسىمۇ ئوخشاشلا جىمجىت،مەيلى قانچىلىك كىسەل كۆرسىتىشنى ساقلاۋاتقانلار بولۇشتىن قەتئىينەزەر كىتاپ ئوقۇۋاتقان ياكى خاتىرە يىزىۋاتقانلاردىن سىرت بىرمۇ پاراڭ سىلىۋاتقان ئادەمنى ئۇچرىتالمايسىز.دوختۇرخانىمۇ ئەمەلىيەتتە كۈتۈپخانىنىڭ يەنە بىر خىل كىڭەيتىلمىسى.شۇنداق بولغاچقا خارۋاردتىن 33 نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى،7 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى چىققان.خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى ئىچىدە كاتتا كىيىملەرنى،گىرم قىلىشنى كۆرگىلى بولمايدۇ،پەقەت ئالدىراش قەدەملەرنى،مۇستەھكەم يىزىلغان ھايات سەھىپىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
    خارۋارد  ئەپسانە ئەمەس،خارۋارد پەقەت بىر ئىسپات،ئادەمنىڭ ئىرادە،روھ،كۆيۈنۈش،غايىنىڭ سىمۋولى.
    ئامېرىكىدا،پىيادىلەر تەرتىپلىك ھالدا قىزىل،يىشىل چىراغقا بويسۇنىدۇ،خارۋارد مەكتەپ ئىچىدىن سىرت خارۋاردلىقلار قىزىل،يىشىل چىراغقا ئىشەنمەيدۇ،پەقەت ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە،ئۆزىنىڭ ھەربىر مىنۇت ۋاقتىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىگىلا ئىشىنىپ،بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ،ئادەم ياكى ماشىنىغا پەرۋا قىلماي كېتىۋىرىدۇ.
    خارۋاردنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئادىتتىكى ئائىلىلەر كۆتۈرەلمەيدۇ.خارۋاردتا بىربۆلۈك ئوقۇغۇچى ھەربىر سائەتلىك دەرس ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل تاپشۇرىدۇ،بىراق ئۈنۋان ئالمايدۇ.بۇمۇ خارۋارد كېرىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قىسمى.ئەمما قايسى ئوقۇغۇچىلار ئۇنۋانغا ئېرىشەلەيدۇ،قايسى ئوقۇغۇچىلار ئۈنۋان ئالالمايدۇ،بۇنى بىر قاراپ بىلەلمەيسىز. چۈنكى ھەممىسى ئالدىراسلىق ئىچىدىلا يۈرىدۇ،بىر تەرەپتىن پىززا  يىگەچ بىر تەرەپتىن توم_توم كىتاپلارنى كۆرىدۇ.
    خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدا جۇڭگۇلۇقلار ئاز ئەمەس.بىر قىتىم بىر نەچچە ماڭغاچ ئالدىدىكى نەچچە ئامېرىكىلىق <چەتئەللىك>ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپتۇ،ئۇ ئامېرىكىلىقلار كۈلۈپ،راۋان خەنزۇ تىلىدا :بۇيەردە سىلەر تېخى چەتئەللىك ھىساپلىنىسىلەر_دەپتۇ.
    مەن دائىم بارىدىغان يەر خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى كىتاپخانىسى،ياقتۇرىدىغىنىم ئۇ يەردىكى ئىلىم پۇرىقى،قول قويىدىغىنىم سودا ئۆتكۈر كۆزى.قونچاق ئىيىق ئۈستىگە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى دېگەن خەت يىزىلغان ئاسما كىيگۈزۈلگەن،ت شەكىللىك كۆينەككە خارۋارد قانۇن ئىنىستىتۇتى،خارۋارد سودا ئىنىستىتۇتى دىگەندەك بەلگىلەر بىسىلغان،ھەرخىل شەپكە،سومكا،قەلەم،دەپتەر،ئىستاكان،ھۆججەت قىسقۇچ،ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىدە خارۋارد،خارۋارد،خارۋارد.بارچە نەرسە ناھايىتى سىرلىق.ئانچە چوڭ بولمىغان مويلۇق ئىيىق،ھەتتا 19 دوللار ئەتراپىدا سېتىلىدۇ.نىمە ئۈچۈن؟چۈنكى  مەلۇماتلىق،سالاھىيىتى ،قىممىتى بار ئىىيىق،خارۋارد ئىيىقى.بىر دانە ئادەتتىكى چاي ئىستاكانى بولسا 16 دوللار ئۆپچۈرىسىدە.نىمىشقا؟

    سەۋەبى،سۈپەتلىك،مەزمۇنلۇق،تېرەن خارۋارد ئىستاكانى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خارۋارد كۈتۈپخانا