ئوقۇپ قويۇشقا تېگىشلىك 7 كىتاپتىن تەرمىلە

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-04 21:55:00

كولومبىيە يازغۇچىسى گارسىيە ماركوزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق» رومانىدىن تەرمىلەر ......ئۇرسۇلاغا كەلسەك، سىگاننىڭ پەيدا بولۇشى ئۇنىڭغا بەكمۇ كۆڭۈلسىز تەسىرات قالدۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشى مېرگ...

    كولومبىيە يازغۇچىسى گارسىيە ماركوزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق» رومانىدىن تەرمىلەر

         ......ئۇرسۇلاغا كەلسەك، سىگاننىڭ پەيدا بولۇشى ئۇنىڭغا بەكمۇ كۆڭۈلسىز تەسىرات قالدۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشى مېرگادىسنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر قۇتا سىمابنى چېقىپ قويۇشىغا توغرا كېلىپ قالدى.
        _ ئالۋاستىنىڭ پۇرىقىغۇ بۇ، _ دېدى ئۇرسۇلا.
        _ زادىلا ئۇنداق ئەمەس،_ تۈزەتتى مېرگادىس. _ ئالۋاستىدا گۈڭگۈرت كىسلاتاسىنىڭ پۇرىقى بولىدىغانلىقىنى باشقىلار ئىسپاتلىغان، بۇ سىماب.
        ئۇرسۇلا نۇرغۇنلىغان خىلمۇ-خىل قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىدىن پاڭ بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، قۇلىقىغا سېرىق موم تىقىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. مېرگادىس قاتارلىقلار بىرىنچى نۆۋەت ماكوندوغا كېلىپ ساقا شەكىللىك باش ئاغرىقى دورىسى ساتقاندا، كەنتتىكىلەر سىگانلارنىڭ بىپايان ساسلىق بىلەن ئورالغان بۇ كىچىككىنە كەنتنى قانداق تېپىپ كەلگەنلىكلىرىگە ھەيران قالغاندا، ئۇلار قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىنى ئاڭلاپ تېپىپ كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتىشقانىدى.
         ئۇ بالىلىرىنى ساندۇقتىكى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى چىقىرىشقا ياردەمگە چاقىرغان كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ، ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئۇلارغا سەرپ قىلىدىغان بولدى.
     ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بىلىملىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ئاساسىدا بالىلىرىغا دۇنيادىكى مۆجىزىلەرنى تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي تۇمشۇقىدا زېرەك ۋە مۇلايىم ئادەملەر بارلىقى، ئۇلارنىڭ تىنچ ئولتۇرۇپ ئويلىنىش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈدىغانلىقى؛ ئېگېي دېڭىزىدا ئارالدىن-ئارالغا ئاتلاپلا ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى، شۇ تەرىقىدە مېڭىۋەرسە، ئۇدۇل سالونىكا پورتىغا يېتىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشتى. مانا مۇشۇنداق بولمىغۇر چۆچەكلەر بالىلارنىڭ مېڭىسىگە ئورنىشىپ كەتتى.
        سىگانلار تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئەكەلگەنىدى. ئىتالىيىنىڭ لىرىك ناخشىلىرىنى ئېيتالايدىغان رەڭلىك شاتۇتى، دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە يۈزدىن ئالتۇن تۇخۇم تۇغىدىغان مېكىيان، ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپالايدىغان مايمۇن، تۈگمە تىكەلەيدىغان، ئادەمنىڭ قىزىتمىسىنىمۇ ياندۇرالايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ماشىنا، ئادەمنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلىرىنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغان ئەسۋاب، ئادەمنىڭ ۋاقتىنى زېرىكمەي ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان مەلھەم دورا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ-غارايىپ كەشپىياتلار بار ئىدى. بۇلارنى كۆرۈپلا خوس ئابوئېندىيە ھەممىنى ئېسىدە ساقلىۋېلىش ئۈچۈن ئەستە قالدۇرۇش ماشىنىسى ئىجاد قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتا كەنت قايناپ كەتتى. يىغىلغان ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن ماكوندولۇقلارمۇ ئۆز كوچىلىرىدا ئېزىپ قېلىشتى.
       بۇ يەردە چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇرغان بىر ئەرمەنىستانلىق سىگان ئولتۇرۇپ ئىسپان تىلىدا بىر خىل غايىب قىلىش مەلھىمىنى سېتىۋاتتى. بۇ سىگان بىر قاچا كەھرىۋا رەڭلىك ئىچىملىكنى ئىچىپ بولۇپ تۇرۇشىغا، خوس ئابوئېندىيە ئۇنىڭغا قاراپ قالغان تاماشىبىنلارنى ئىتتىرىپ ئالدىغا ئۆتۈپ، سىگاندىن مېرگادىسنى سورىدى. سىگان تەئەججۈپ بىلەن تىكىلگىنىچە بىر پارچە ئىس چىقىپ تۇرغان سېسىق قارامايغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ جاۋابى قاراماي ئىسى ئۈستىدە ياڭرىدى:
        --- مېرگادىس ئۆلۈپ كەتتى!
       16-ئەسردە دېڭىز قاراقچىسى فرانسىس دراك لېئوئاچقا قورشاپ ھۇجۇم قىئىلىۋاتقاندا، ئۇرسۇلا ئىگۇئاراننىڭ ئۇلۇغ مومىسى قوڭغۇراق ۋە زەمبىرەك ئاۋازىدىن قورقۇپ جىددىيلىشىپ كېتىپ، ئوت كۆيۈۋاتقان قىزىق مەشكە ئولتۇرۇپ قالىدۇ.
        رىبېكا ئاجىز بولغىنى بىلەن ئاجايىپ جاھىل ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا دورا ئىچۈرگىچە ئۇ بار كۈچى بىلەن يۇلقۇنۇپ، ئۇدۇل كەلگەن جاينى مورلاپ، چىشلەپ، تۈكۈرۈپ، چىرقىراپ ئادەمنى تېنىتىۋەت -كەنلىكى ئۈچۈن خۇددى موزاينى باغلىغاندەك باغلىۋېتىشكە توغرا كەلدى.
        ئىندىئاننىڭ ئېيتىشىشە، بۇ ئۇنىڭ گۇئاگىلو تىلىدا ئەڭ سەت تىللار بىلەن تىللىغىنى ئىكەن. ئۇرسۇلا بۇنى بىلگەندىن كېيىن داۋالاشقا قامچىلاشنى قوشتى. شۇڭا ئۈنۈم بەرگەن نەرسە مامىرانچىنمۇ ياكى قامچىمۇ، ياكى ھەر ئىككىسىمۇ دېگەنگە بىرنەرسە دېيىش قىيىن بولۇپ قالدى.
        بۇ ساسلىق قەدىمىي ھايۋانلارنىڭ ھىدى بىلەن تولغان بولۇپ، يېڭى دەزماللانغان كىرلىكنىڭ پۇرىقى كېلەتتى.
        ئورېلىئانوII نىڭ ئادەم ھەيران قالغۇدەك تويمىغۇرلۇقى، مىسلىسىز بەدخەجلىكى، تەڭداشسىز مېھماندوستلۇقىنىڭ داڭقى نە-نەلەرگە كەتتى ۋە مەشھۇر تويمىغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
        ئەسكەرلەرنىڭ ھەمىسى قاۋۇل، بەستلىك كۆرۈنەتتى. ئۇلاردىن ئات تەرىنىڭ ۋە ئاپتاپتا يۇمشاپ كەتكەن خۇرۇمنىڭ پۇرىقى كېلەتتى ھەممىسىلا ھاڭۋاقتى، قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىشنىڭ لىمفا بېزى چاشقان ۋاباسىغا گىرىپتار بولغان، شان-شەرەپ تۇيغۇسىغا تولغانىدى.
        ئۇنىڭ دادىسى ئورېلىئانو ئىگوئاران (كۆكۈيۈننىڭ بالىلىرى ئۇ ئوقۇغان ئايەتنى ئاڭلىسىلا تىن تارتماي ئۆلەتتى) مىنىۋالغان كالىسىدىن يىقىلىپ چۈشتى.
         بۇ جەدۋەلنىڭ قىرىق يەتتىدىن ئەللىك ئۈچكىچە ھەرپتىن تەركىب تاپقان ئېلىپبە ئىكەنلىكىگە ئۇ چوڭقۇر ئىشىنەتتى. ئەگەر بۇ ھەرپلەرنى ئايرىم-ئايرىم يېزىپ چىقسا خۇددى ئۇششاق ئۆمۈچۈكلەرگە ۋە پىتلارغا، بىر-بىرىگە ئۇلاپ قويسا گويا سىمغا يېيىپ قويۇلغان ئىچ كىيىملەرگە ئوخشىشىپ قالاتتى.
         ئۇ تاڭ ئاتمايلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەجىلى يېقىنلاشقانلارلا چۈشىنەلەيدىغان ئازابلىق كەيپىيات بىلەن بازارنىڭ ئەڭ خىلۋەت، ئەڭ كەمبەغەل مەھەللىلىرىنىمۇ چۆگىلەپ چىقاتتى.
        نىگرومانتا بىرىنچى قېتىم بىر مۇقىم ئەر كىشىگە ئىگە بولدى، ئۇ قاقاخلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ، خۇد- دى سۆڭەك يانچىش ماشىنىسىغا ئوخشىشىدىغان بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم، دېگەنىدى.
        ئورېلىئانو بوئېندىيە سۈۋەرەك ھەققىدە نۇتۇق ئېلان قىلغان كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇنازىرە ماكوندونىڭ بازار ئەتراپىدىكى بىر پاھىشىخانىدا ئاخىرلاشتى.
        پوپ ئانگېلنىڭ ئورنىغا كەلگەن دىن تارقاتقۇچى _ ئۇنىڭ ئىسمىنى ھېچكىم بىلىشنى خالىمىدى. رېماتىزىم ۋە گۇمانخورلۇقتىن پەيدا بولغان ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنىڭ ئازابلىشى بىلەن كېچە-كېچىلەپ تەڭرىنىڭ شاپائىتىنى كۈتۈپ سەگەنچۈكتە ياتاتتى.
        بۇ بىر تۈرلۈك ئىدرەكسىز، سالامەتلىككە زىيانلىق شەھۋانىيلىق بولۇپ، بۇ نەرسە ئۇلارنى دائىم قاتتىق ھاياجانلاندۇراتتى. ھەتتا گۆردىكى فېرناندامۇ بۇنىڭدىن چۆچۈپ تىترەپ كېتەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق