باتۇرلۇق

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-08 05:49:35

باتۇرلۇق باتۇرلۇق كىشىلەر ماختايدىغان پەزىلەت، ئەمما كۆپ ساندىكى ئادەم ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. بىز ئادەتتە ئۇنى قورقماسلىق دەپ بىلىۋالىمىز، قورقماسلىق غەيرىي ئىنسانىيلىق ۋە غەيرىي نو...



    باتۇرلۇق


    باتۇرلۇق كىشىلەر ماختايدىغان پەزىلەت، ئەمما كۆپ ساندىكى ئادەم ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. بىز  ئادەتتە ئۇنى قورقماسلىق دەپ بىلىۋالىمىز، قورقماسلىق غەيرىي ئىنسانىيلىق ۋە غەيرىي نورماللىق چەمبىرىكىگە ئاسانلا كىرىپ قالىدۇ. باتۇرلۇق دېگەندە ئەسكەر، ئوۋچى، تاغقا چىققۇچى، بەيگە ماھىرى قاتارلىق كىشىلەرنى ئويلايمىز. بۇلار ئاددىي كىشىلەردىكى جاسارەت بولۇپ، قۇۋۋەتلەشكە تېگىشلىك خىسلەت بولسىمۇ، ئاممىنى يېتەكلەيدىغان خۇسۇسىيەت ئەمەس. ئۇنداقتا، قىزىققان باتۇرلۇقتىن ھالقىپ ئۆتكەن ئەخلاقىي باتۇرلۇق مەۋجۇتمۇ؟ باتۇرلۇق دېگەن زادى نېمە؟

    باتۇرلۇق قەتئىيىلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قەتئىيىلىك» نىڭ مەنىسىدىن بىز باتۇرلۇقنىڭ خەۋپ – خەتەر، ئازاب ۋە بىسمغا ئۇزاققىچە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بىراۋنىڭ ئازاب ۋە بىسىمغا دۇچ كەلگەندىكى تىز پۈكمەسلىكىگە ئاساسەن باتۇرلۇقنى قىزىققان باتۇرلۇق ۋە ئەخلاقىي باتۇرلۇق دەپ تۈرلەيمىز. يىغىلىق ياكى ئەمىنىيە دەۋرىدە بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنى بىرەر ئىشقا تەۋەككۇل قىلسا، بىز بۇنى قىزىققان باتۇر دەيمىز. ئەخلاقىي باتۇرلۇق بولسا ئىرادىدە نامايان بولىدۇ. بىر ئادەم چەتكە قىقىلغاندا ياكى قاتتىق ئازابلانغاندا، قىيىنچىلىق ياكى پىشكەللىككە ئۇچرىغاندا، ئۆزىنىڭ  دىنىي ئىتىقادى، سىياسىي ئەقىدىسى ياكى بۈيۈك غايىسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرالىسا، بىز بۇ ئادەمنى ئەخلاقىي باتۇرلۇق ئىگىسى دەيمىز. باتۇرلۇق مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرمامدۇ. ئالىملار، سەنئەتكارلار ۋە دانىشلار ئۇزاق سەۋر – تاقەت ۋە قەتئىيىلىك ئارقىلىق ئۆز خىزمىتىنى ئادا قىلىدۇ. بۇ خىل سەۋر – تاقەت ۋە قەتئىيىلىك ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقىدۇر، بىز باتۇرلۇقنى ئاددىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ تاپالايمىز. ئۇلار ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي، ئۈمىدسىزلىك ۋە مەجبۇرلاشلارغا پەرۋا قىلماي ۋەدىسىنى ئاقلايدۇ. ئاددىيراق  قىلىپ ئىيىتقاندا، تۇرمۇشتىك قەھرىمانلار كىتابتىكى قەھرىمانلاردەك چېلىقارلىق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئاددىي پۇقرا كىيىمىدە بولۇپ، بىر باجگىر ياكى ئاپتوبوس شوپۇرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار يۇمشاق شىلەپە كىيىپ يۈرىشىدىغاندۇ؟  قورساقلىرى تومپايغان، ئولتۇراقلىرى شەھەر سىرتىدىكى ئۆي بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بەزىلەر 20-ئەسىردىكى ھەقىقىي ئېكسپېدىتسىيىچىلەر ئائىلە تىرىكچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئاتىلاردۇر. دېيىشىدۇ. باتۇرلۇق قاراملىق ۋە ۋەھشىيىلىك ئەمەس، قورقماسلىقمۇ ئەمەس، قورقۇنچنى يېڭەلەيدىغان كۈچ بولغاندىلا باتۇر بولغىلى بولىدۇ. ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان ئادەم باتۇر بولالىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەقىقىي باتۇرلۇق خىسلەتكە ئىگە ئەمەس. تىرىشىش بەدىلىگە  كەلمىگەن نەرسىنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن. باتۇرلۇق قورقۇنچنى يېڭىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەقىقىي باتۇر ئادەم باش تارتقىلى بولمايدىغان  ئىشقا دۇچ كەلگەندە، تىز پۈكمەس ئىرادە بىلەن شۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك جاپا ۋە خەۋپ – خەتەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ئەكسچە، ھېچقانداق ئويلىنىپ كۆرمەيلا خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغان تەنتەكلەرنى باتۇر دېگىلى بولمايدۇ.ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلارنىڭ قارىشىچە، قاراملىق ۋە قورقۇنچاقلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى سەۋەنلىكتىن خالىي بولغاندىلا باتۇر بولغىلى بولىدۇ. باتۇرلۇقتا مۇۋاپىق قورقۇشمۇ مەۋجۇت بولىدۇ، دېگەنىدى ئارىستوتېل.

    باتۇرلۇق خەۋپ – خەتەر ئۈستىدىن ئىنىق ھۆكۈم  چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. باتۇرلۇق خۇددى ئېپىكۇر ئېيىتقاندەك ئىشەنچ بىلەن  ئېھتىياجنىڭ مۇجەسسىمىدۇر. «مۇۋاپىق چېكىنىش قورقماي كۆرەش قىلىشقا ئوخشاشلا روھىي قۇدرەتنىڭ نامايەندىسى» دەيدۇ سپىنوزا. دېمەك، بەزىدە چېكىنىشمۇ باتۇرلۇقتۇر. بۇ پەزىلەت كىشنى ئەھۋالغا قاراپ تۇرۇپ چېكىنىش ياكى ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئۇلۇغ ئەخلاقشۇناسلار باتۇرلۇقنى باشقا پەزىلەتلەردىن ئايرىپ قارىمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، باتۇرلۇق پەقەت ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان، ئادىل، ئېھتىياتچان ۋە پاراسەتلىك ئادەملەردىنلا تىپىلىدۇ. ئۇلارچە تەۋەككۇلچىلىك ۋە بەرداشلىق پەقەت توغرا مەقسەت ئۈچۈنلا بولۇشى كېرەك. قاراقچىلىق ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغانلارنى باتۇر دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ناچار قىلمىش ئۈچۈن ۋەھمىگە يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ پەقەت ساختا باتۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى. باتۇرلار شۇنىڭ ئۈچۈن جاپاغا چىدايدۇكى، ئۇلار ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى توغرا دەڭسىيەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقى پەقەت قارا كۈچلا ئەمەس ياكى قورساق سىلىپ سەمرىش ۋە راھەت – ئاسايىشنى كەمسىتىشلا ئەمەس، ئۇلار تەندۇرۇسلۇق ۋە راھەتلىك ھاياتنى قەدىرلەيدۇ، لېكىن ئادالەتنى، مەسىلەن، ئائىلە ۋە دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقى، ئىززىتىنى ۋە ئۇلۇغۋار غايىسىنى تېخىمۇ بەك قەدىرلەيدۇ.  


    مەنبە: غەربنىڭ تەپەككۇرى ناملىق كىتاب

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.